جۈمە كۈنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن « جەم بولۇش كۈنى ». جۈمە « جەم بولۇش، يىغىلىش، كېڭىشىش » دېگەنلىك بولىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ شەنبە، خىرىستىيانلارنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىنى ئايرىپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم نوقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمەنى « ھەپتىلىك ئىبادەت كۈنى » دەپ قارىماسلىقى بولۇپ، جۈمە نامىزىنى ئۆزگىچە قىلغان ئايەت « تىجارىتىڭلارنى توختۇتۇپ، ئاللاھ نى ياد قىلىش ئۈچۈن كېلىڭلار » ( 62:9 ) دەپ بۇيرىشىدۇر. بۇنىڭدىن ئىسلامدا يەھۇدىيلىك ۋەياكى خىرىستىيانلىقتىكىگە ئوخشاش بىر « ھەپتىلىك ئىبادەت كۈنى » چۈشەنچىسى يوق. قالغان نامازلارغا ئوخشاش جۈمە نامىزىمۇ مۇئمىنگە پەرز.   

جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟
جۈمە نامىزى ھەر مۇئمىنگە پەرز قىلىنغان بىر ئىلاھى بۇيرۇق بولۇپ ( جۇمۇئە، 9 – ئايەت )، مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت شەكلىدە ئادا قىلىشى زۆرۈر بولغان ھەپتىلىك ئىبادىتى. جۈمە نامىزى جۈمە كۈنى پىشىن نامىزىنىڭ ئورنىغا ئادا قىلىنىدۇ. جۈمە ئوقۇغان كىشىنىڭ پىشىن نامىزى ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
جۈمە نامىزىنى پىشىن نامىزىدىن ئايرىپ تۇرغاغ ئەڭ مۇھىم خۇسۇس، پىشىننىڭ تۆت رەكەت، جۈمەنىڭ ئىككى رەكەت بولىشى. پىشىن نامىزى جۈمە كۈنىگە خاس قىلىپ ئەسلىدىكى ئىككى رەكەتىنى ئاۋامغا ئوچۇق بولغان تەلىم تۈرى بولغان « خۇتبە » گە بەرگەن. 
خۇتبە دېگەن نېمە؟
خۇتبە – خىتاپ قىلىش، نەسىھەت قىلىش، سۆزلەش دېگەنلىك بولۇپ، خۇتبىنى « ئىبادەت تەربىيسى » ياكى « پەرز بولغان تەلىم » دېسەكمۇ بولىدۇ. ئومۇمىي تەربىيە شەكلىنىڭ دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان تۈرى بولۇپ، ئاقىل ۋە بالىغ ( يېتىلگەن ) بولغان بولغاندىن كېيىن، تاكى ئۆلگىچە ھەر مۇئمىننىڭ بۇ تەلىم – تەربىيگە ئاۋاز قوشۇشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر.
خۇتبىلەردە ئىسلام جامائىتىنىڭ مەسلىلىرى قۇرئان كۆزنىكىدىن مۇلاھىزە قىلىنىدۇ ۋە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئاقىل، بالىغ بولغان بارلىق ئەزالىرىغا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. خۇتبىلەر مەسجىدلەرنى بىر ئىلىم بۇلىقىغا، ئىبادەتنى بىر تەلىم ۋە دەرسكە، ئىماملارنى بىرەر ئوقۇتقۇچىغا، جامائەتنى بىرەر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئىسلامدا مەسجىت / جامەنىڭ رولى نېمە؟ 
مەسجىتلەر كەبىنىڭ تارماقلىرى قاتارىدا بولۇپ، ئاللاھ نىڭ ئۆيى دەپ قارىلىدۇ. مەسجىتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئاللاھ تۇر: « مەسجىدلەر ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ قا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار » ( جىن، 18 – ئايەت ). مەسجىدلەرنىڭ ئىشكىنى بەندىلەرگە ئېتىۋېلىش ھوقۇقى ھېچكىمگە بېرىلمىگەن. مەسجىدكە كىرىش ئۈچۈن ھېچكىم بىراۋدىن ھەق تەلەپ قىلالمايدۇ. مەسجىدكە كىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسجىدكە كىرىپ پاناھلانغۇچىنى ھېچكىم سىرىتقا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتەلمەيدۇ.
ئىسلامدا مەسجىد پەقەت بىر ئىبادەتخانا رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئىسلام جامائىتىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يۈرىكىدۇر. مەسجىدنىڭ رولى خۇددى يۈرەكنىڭ كۆك تومۇر يولى بىلەن كىرلەنگەن قاننى يىغىپ، تازلانغان قاننى قىزىل تومۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا تارقىتىشىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىسلام جامائىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىرلەنگەن ئەزالىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى ئەقلىي جەھەتتىن بىلىم بىلەن، قەلبى جەھەتتىن ئىبادەت بىلەن پاكلاپ جەمىئىيەتكە قايتۇرىدۇ.
ناماز قەيەردە ئوقۇلىدۇ؟
يەر يۈزىنىڭ پاكىز بولغان ھەرقانداق جايىدا ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئىسلام تەسەۋۋۇرىغا كۆرە، ناماز ئوقۇلغان ھەرقانداق جاي ناماز ئوقۇغان كىشىگە گۇۋاھچى بولىدۇ. ھەر مۇئمىن بىردىن ئارتۇق ماكاننىڭ ئۆزى ئۈچۈن شاھىت بولىشغا تىرىشىشى كېرەك.