ئەنئام سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەنئام سۈرىسى « ھايۋانلار ( تۆگە، كالا، قويلار ) » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمىنى، توقۇپ چىقىلغان يالغان مۇقەددەسلەر ھەققىدە توختالغان 136 – ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردىن ئالغان.
سۈرىدە بۇ كەلىمە ئالتە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ مەزگىلىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىدىن بەزىلىرى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر بۇ سۈرىنى « دەلىل، ئىسپات » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھۇججەت ئىسىم بىلەن ئاتىغان.
سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – ياكى 11 – يىلىدا بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۈچ تەرتىپتە ھىجر – ساففات سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباستىن مۇجاھىد ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ۋە سۇيۇتى « ئىسنادى جەييىت، رىجالى سىقادىر » دەپ ئاتىغان بىر رىۋايەت، 151 – 153 – ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ( سۇيۇتى، « ئىتقان »، 1، 25 ). بۇ رىۋايەت خېلى كۆپ نوپۇزلۇق تەپسىرشۇناسلار تەرىپىدىنمۇ تەكرارلانغان. بەزى نوپۇزلۇق شەخسلەر مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەت سانىنى 6 دەيدۇ ( بەسائىر ). ھەتتا، فىرۇزئابادى بۇ ئالتە ئايەتنى مەككىدە ئىككى قېتىمدا نازىل بولغانلىقىنى، قالغان ئايەتلەرنىڭ مەككىدە بىر قېتىمدا نازىل بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەككىدە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ پەرىقلىق زاماندا نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. چۈنكى بىر بۆلەكنىڭ مەككىدە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنىڭ تەپسىر، شەرھىيلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. مەككىدە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەتلەر ئۇسلۇب جەھەتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئەڭ تىپىك پەرقى، مەككىدە نازىل بولغان سۈرە ئايەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن بالاغەتنى گەۋدىلىك شەكىلدە ئىشلەتكەن. مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە مەزمۇن ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ سەۋەپتىن مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەر يىل جەھەتتىن پەرىقلىنىپ تۇرسىمۇ، لىرىك جەھەتتىن كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ، ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر قىسقا، خىتاپ جەھەتتىن كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى مەزگىلدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە ئىبادەت ۋە مۇئامىلات ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن مەككىدە نازىل بولغان بىلەن مەدىنىدە نازىل بولغانلىق ئارىسىدىكى پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
مانا بۇ سەۋەپلەرگە ئاساسەن بىر ئايەت ياكى ئايەتلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزى نازىل بولغان دەۋردىن باشقا بىر مەزگىل ۋە ماكاندا نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى مەدىنىدە نازىل بولغان ياكى مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
شۇڭا بۇ خىل رىۋايەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئۆلچەمگە سېلىش كېرەك. بىزمۇ ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان ۋە مەككىدە نازىل بولغان ئەنئام سۈرىسى ئىچىدە يەر ئالغان، ئەمما مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 151 – 153 – ئايەتلەرنى بۇ ئۆلچەمگە سېلىپ باقايلى:
1. تون ۋە پاسىل. بۇ جەھەتتىن مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 151 – 153 – ئايەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەلىمىلىرى بولغان « تاقىلۇن، تەزەككەرۇن، تەتتەقۇن » ئۆزىدىن ئىلگىرىكى 150 – ئايەت ۋە كېيىنكى 154 – ئايەتنىڭ ئاخىرقى كەلىمىسى « يۇئمىنۇن » بىلەن تون جەھەتتىن ماسلىققا ئىگە بولۇپ، ئالدى ۋە كېيىن جەھەتتىن سۈرىنىڭ لىرىك تون بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
2. تىل. بۇ جەھەتتىن قارىغان ۋاقتىمىزدا 149، 150 ۋە 151 – ئايەتلەر « قۇل ( ئېيتقىنكى ) » بىلەن باشلانغان. 153، 154 ۋە 155 – ئايەتلەر سۆز باغلىغۇچىلىرى بىلەن مەنىنى بىر – بىرىگە باغلايدۇ. يەنى، « سۈممە، ۋە » باغلىغۇچىلار ئىشلىتىلگەن. بۇ سەۋەپتىن ھەم 149، 150، 151 ، ھەم 153، 154، 155 – ئايەتلەر تىل نوقتىسىدىن بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەنىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 154 – ئايەتنىڭ باشلىنىشى، ئايەتنى ئالدىنقى بۆلەك بىلەن بىۋاستە ھالدا باغلايدۇ: « بەرىكەت مەنبەسى بولغان بۇ كىتابنى ( ۋە ھازا … ) بىز نازىل قىلدۇقكى، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ».
3. مەزمۇن.
1) ئۈچ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ۋە پۈتۈن گەۋدىگە بولغان نىسبىتى. مەزكۇر ئايەتلەر مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. ھارام قىلىنغانلارنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن بۇلارنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بۆلەكنىڭ جاۋابىدۇر. چۈنكى بۇ ئايەتلەردىن بۇرۇن ( 145 ) ھارام قىلىنمىغان بولسىمۇ، خۇراپاتقا تايىنىپ « ھارام » قىلىۋالغان نەرسىلەر تىلغا ئېلىنماقتا.
2) پۈتۈننىڭ مەزمۇنى ۋە پارچىغا بولغان نىسبىتى. بۇ بۆلەكتىن بۇرۇن كەلگەن 146 – ئايەت، بۇ ئىللەتنىڭ تارىخى ئۆرنىكى بولغان يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان. ئارقىسىدا كەلگەن 154 – ئايەت مۇسا ۋە تەۋات ھەققىدە توختىلىدۇ. بۆلەك ئەھكامغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ قارالسا، ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئايەتلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن بۇلارمۇ مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەتلەر قاتارىدا بولىشى كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس. 151 – 153 – ئايەتنىڭ پۈتۈننىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى، مەزكۇر ئايەتلەرنى پۈتۈن گەۋدىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، قالغان قىسمىنى ئوقۇش.
4. ئۇسلۇب. سۈرە دەۋرداش سۈرىلەر بىلەن ئۇسلۇب جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە.
5. رىۋايەتلەرنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى. بۇ نوقتىدىن ئەبۇ ئۇبەيد ۋە تابەرانىنىڭ ئىبن ئابباستىن قىلغان نەقلىگە قارىغاندا، بۇ سۈرىنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدە نازىل بولغان ( سۇيۇتى، ئىتقان، 1، 107 ). بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر رىۋايەت ئىبن ئۆمەردىنمۇ كەلگەن. بۇ، ئاتا، سۇفيان، ئىكرىمە ۋە ئەل – ئاۋفىنىڭ قارىشىدۇر ( ئىبن ئاشۇر ).
يەنە بىر تەرەپتىن، رەسۇلۇللاھ بەزى ئايەتلەرنى بەزى ۋەقەلەردىن كېيىن ئوقۇيتتى، بۇنى ئاڭلىغان بەزىلەر ئۇ رىۋايەتنى ئۇ ۋەقە سەۋەبىدىن نازىل بولغان دەپ چۈشۈنۈپ قالغانىدى. بۇ ئۆلچەملەرمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ سۈرە زامان جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلماقتا.
رىۋايەتلەر سۈرىنىڭ بىر قېتىمدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر بۇ سۈرىگە ئىسىم قويۇش ھەققىمىز بولغان بولسا ئىدى، بىز بۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنى « تەۋھىد سۈرىسى » دەپ قوياتتۇق. چۈنكى، سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى تەۋھىدتۇر. بۇ بىرىنچى ئايىتىدىلا مەلۇم بولماقتا:
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
« جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان اﷲ قا خاستۇر! ئاندىن ( يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ » ( 1 ).
سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا مەۋجۇدىيەت، ئىنسان ۋە كائىنات نوقتىسىدىن تەۋھىد، ھەر تەرىپى بىلەن كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ « قارا لايدىن يارىتىلغانلىقى » تىلغا ئېلىنىپ، بارلىق شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئاللاھ قا قارشى تۇزكورلۇق قىلغانلىق ئىكەنلىكى ئىما قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى بىر بىئولوگىيلىك شەيئىدىن ئىنساندىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز ۋە مۇرەككەپ بىر شاھ ئەسەرنى ياراتقان ئاللاھ نىڭ، كائىناتتا ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقان سىستېمىسىنىڭ ئىسمى « تەۋھىد »تۇر. ئىنساننىڭ تەۋھىدنى تەرك ئېتىشى، مەزكۇر سىستېمىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەقىللىق بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن تەۋھىدنىڭ سىرىتىغا چىققان ئىنسان، سىستېمىنى بۇزۇش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سىستېما تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن « ئۆزىنى قوغداش قانۇنى » ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ ئاساسەن بىر « ھالاك بولۇش » جەريانىدۇر. 6 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھالاك قىلىنىشمۇ، سىستېمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا:
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار» ( 11 ).
ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا شاھىت بولىشى، مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقىقىتىدۇر. بۇ بۈيۈك نېمەتنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانمۇ ئاللاھ قا شاھىت بولىشى كېرەك. بۇ ھەقىقەت ئۈستىدىن ئىنسانغا شاھىتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ( 19 ). چۈنكى، ئىنسان بۇ جاھانغا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىنسان بۇ جاھانغا « كۆرۈنۈپ قويۇش » ئۈچۈن ئەمەس، « شاھىت بولۇش » ئۈچۈن كەلگەن.
ئەپسۇسكى، ئىنسان ھەر دائىم بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن بويۇن تارتماقتا. بەزىدە ئۆز ئۆزىگە يالغان ئېيتماقتا ۋە زۇلۇم قىلماقتا ( 24 ). مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئاخىرەتنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا ( 25 – 36 ).
تەۋھىدنىڭ كۆرۈنگەن ۋە دۇنيا كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئالەمدىكى دەلىللىرى بىرمۇ – بىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋەھىي ئىنسانغا بىۋاستە خىتاپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ۋاستىلىك يول بىلەن خىتاپ قىلىشنى، يەنى « ئېيتقىنكى ( قۇل ) » ئەمرى بىلەن باشلانغان بىر ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇسلۇب ئون نەچچە ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلەكلەر بويىچە داۋاملاشقان ( 40،46،50،56،58،63،64،65،66،71 ). « ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرى ئارقىمۇ – ئارقا كەلگەن ئايەتلەر تەۋھىد ھەقىقىتىنى بايان قىلىدۇ.
« ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرىنىڭ، يەنى قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى رەسۇلۇللاھ ئىدى. ئاساسەن « ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرى بىلەن باشلانغان مىڭلىغان ئايەتنىڭ بېشىدا مىڭىلىغان يېپىق « ئېيىتقىنكى » بۇيرىقى بار. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ « بۇ ۋەھىي » دەپ يەتكۈزگەنلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن يەتكۈزۈلمەكتە ئىدى. بۇ ئەمىر، ئايەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىدا كۆرۈنمەيدۇ، بىراق نېمە ئۈچۈن بەزى جايلاردا لەبزى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ خىل خىتاپ ئۇسلۇبى، « مەن ئاللاھ بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن دېدىم ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق پوزىتسىيىسىگە شاھىت بولدۇم. سەنمۇ ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە شاھىت بول! » دېمەكچى بولسا كېرەك.
سۈرىدە تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك « ئېيىتقىنكى » بۆلەكلىرىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ تەۋھىدتە قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشى بايان قىلىنىدۇ ( 74 – 83 ). ئاندىن بىر قانچە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 84 – 85 – ئايەتلەر كېلىدۇ. ئاندىن خىتاپ بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ: « سەنمۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن » ( 90 ).
تەۋھىد بايان قىلىنغان بۆلەك ئىچىدە كەلگەن تۆۋەندىكى ئايەت، سۈرىنىڭ خۇلاسىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ:
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ذَلِكُمُ اللَّهُ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ
« دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن اﷲ دۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ اﷲ دۇر، (اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟ » ( 95 ).
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەخلاقى پىرىنسىپمۇ مەزكۇر سۈرىدە يەر ئالغان: « مۇشرىكلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ( ئۇنداق قىلساڭلار ) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ اﷲ نى تىللايدۇ » ( 108 ).
دەۋەتتە كەمسىتىش ۋە ھاقارەت، كەمسىتىش ۋە ھاقارەتتە دەۋەت بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مۇئامىلە ھېس – تۇيغۇلارنى زېدىلەيدۇ، ھەم تەرغىپ قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى كەمسىتىش ۋە ھاقارەتكە ئوچۇق ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئىماننىڭ قەلبنىڭ ئەمىن بولۇش ھالى ئىكەنلىكىنى، ئېتىقاد قىلىدىغان قەدرىيەتلەردىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشىلەرگە مۆجىزىلەرنىڭ پايدا قىلمايدىغانلىقىنى بۇ ئايەت يارقىن ھالدا ئىپادىلىمەكتە:
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَتْهُمْ آَيَةٌ لَيُؤْمِنُنَّ بِهَا قُلْ إِنَّمَا الْآَيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَا إِذَا جَاءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ
« ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) اﷲ نىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن » ( 109 ).
سۈرىدە بايان قىلىنغان ئىبراھىم ۋە ئاتىسى ئازەر، سۈرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قەھرىمانلىرى. ئەمما، بۇ ئىككى تارىخى شەخس ئۈستىدىن تەۋھىد ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىككى قەھرىمان بايان قىلىنغان. تەۋھىد بىلەن شېرىك ئارىسىدىكى كۆرەشنىڭ ھېچ توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى، ۋەھىي بۇ ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىدۇ.
سۈرىدە تەۋھىد ھەققىدىكى قەتئىيلىك تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ:
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئېيتقىنكى، « مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ( دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۈچۈندۇر » ( 162 ).