IMG_3237.PNGھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىلمىي نوپۇزى

« ئەگەر ئىلىم بولمىغان بولسا ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ پەرقى بولمايتتى » دېگەن قەدەر رىسالىسىنىڭ ئاپتۇرى ھەسەن ئەلبەسرى، ئۆزى ياشىغان دەۋىردە ئەخلاقى بىلەنلا ئەمەس، ئىلمى بىلەنمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇنى زامانداش ئالىملاردىن پەرىقلىق قىلغان نوقتا، ئۇنىڭ ھەر قايسى ئېقىملاردىن ئىلىم ئالغانلىقى ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرى 15 يېشىغىچىلىك ساھابە ئىچىدىكى ھەممە ئېقىملارغا ۋەكىللىك قىلىنغان مەدىنىدە ياشىغاچقا، ھەممەسىنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ، ئىسلام ئىلمى تارىخىدا ئىككى ئانا ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغان ھىجاز ۋە ئېراق ئېقىملىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ھىجازنىڭ رىۋايەتنى ئاساس قىلغان دىرايىتى ( سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش ) بىلەن ئىراقنىڭ ئەقىلنى ئاساس قىلغان دىرايىتى ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەشكەن.

ئۇنىڭ ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىلىمنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋاقتىمىزدا، تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئۆمەرنى كۆرىمىز. ھەسەن ئەلبەسرى سۆھبەتلىرىدە، ساھابىلەر ئىچىدىن سۆزىنى ئەڭ كۆپ نەقىل قىلىدىغان كىشى ھەزرىتى ئۆمەر ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر فېقىھى ئۇنىڭغا بىۋاستە يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ فېقىھىنى بىر ۋاستە ئارقىلىق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ۋاستىنىڭ دادىسى ھەزرىتى ئۆمەردەك دىرايەتچى بولمىغان ئابدۇللاھ بىننى ئۆمەر بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق. ھەسەن، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ فېقىھىنى، ئۇ فېقىھنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇ ساھەدە نوپۇزلىق ئالىملار بىردەك قاراشتا بولغان، « دىرايەت» ۋە « رەيئى »گە بولغان جاسارىتىدىن « جەسۇر » دەپ نام ئالغان سەئىد بىننى مۇسەييەن ( 637 – 715 )دىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ ئىككىنجى مەنبەسى ھەزرىتى ئەلى ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىلمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدىنە مەكتىۋىنىڭ ۋاستىلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئىبنى ئابباس بەسىرەگە ۋالى بولغان يىللىرىدا، تۆت – بەش يىل ئۇنىڭ قۇرئان ھالقىلىرىغا قاتناشقان ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرى ئىلىمىنىڭ بۇ ئىككى مەنبەسى رەسۇلۇللاھتا بىرلىشەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلمىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ئىدى.

قۇرئان ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ ئانا مەنبەسىدۇر. ناس( ئوچۇق تېكىسىت – قۇرئان )نى ئوقۇشتىن كېيىن، نۆۋەت ئۇنى تەپەككۇر قىلىش باسقۇچىغا كېلەتتى. ناس ئۈستىدە تەدەببۇر ( چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ) قىلىش، بولسا ناسنىڭ ئەمىرى ئىدى. بۇنى تۇنجى بولۇپ ئەمىللەشتۈرگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇ بەيان ( بايان قىلىش ) ھوقۇقىنى ئىشلەتكەندە، ناسنىڭ تەدەببۇرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرنەكلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. سۈرە تەۋبەنىڭ 108 – ئايىتى نازىل بولغان ۋاقىتتا، قۇبالىقلاردىن « سىلەر قانداق پاكلىنىسىلەر؟ » دەپ سورىشى بۇ سەۋەپتىن ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەدى بىننى ھاتەمنى مەجاز بىلەن ھەقىقەتنى ئايرىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ بۇ سەۋەپتىن ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ تەھقىق ( ئىزدىنىش ) سۈننىتىنى، بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغان ساھابىلار داۋاملاشتۇردى. ھەسەن ئەلبەسرى بۇ ئېقىمنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ۋەكىل بولماستىن، قۇرئاننى ئاساس قىلغان ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسچىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىدە گەپ يوق. ئۇ تابىئىنلار ئىچىدە تەپەككۇر ساھەسىدىكى بىرىنجى دەرىجىلىك كىشى. رەي بىلەن تەفسىرنى ئۇ باشلىمىغان، ئەمما بۇ ئېقىم ئۈچۈن چغىر يول ئاچقان.

رىسالىدە ئېيتىدۇكى: « ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ئاساسلانمىغان ھەر قانداق بىر كۆز قاراش ئازغۇنلۇقتۇر ». ئۇ ئېتىقادى ئاساس ۋە پىرىنسىپلارنى، گۇمانى بايانغا تايانغان « ئاھاد » سۆزلەر ئۈستىگە بەرپا قىلمىغان. قەدەر رىسالىسى دەل بۇ سەۋەپتىن پرىنسىپ بەلگىلەيدىغان بىر ھۆججەتتۇر. ئۇ بەرپا قىلغان پىرىنسىپلار كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆتكەن كالامچىلار تەرىپىدىنمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا ئىدى، « ئاقائىدتا مەزھىبىڭ نېمە؟ » دېگەندەك بىھۇدە سۇئاللار ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولاتتى. بۇ سۇئالنى ئاڭلىغاندا چېھرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن قۇرئان : « بىز بۇ يەردە، سىلەرگە نېمە بولاۋاتىدۇ؟ » دەپ ھېساپ سورىسا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟

ئەگەر ئۇ ئېقىم كۈچلۈك شەكىلدە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈلگەن بولسا ئىدى، ئاللاھى، كىتابى ۋە پەيغەمبىرى بىر بولغان ئۈممەتنىڭ ئەقىدىسىمۇ پىرقە – پىرقە، گۇرۇپ – گۇرۇپ، مەزھەپ – مەزھەپلەرگە بۆلۈنمىگەن بولاتتى. ئەگەر « ئىمان ئاساسلىرىنى بەندە ئەمەس، ئاللاھ بەلگىلەيدۇ » دېگەن پىرىنسىپىغا، خۇددى ھەسەن ئەلبەسرىگە ئوخشاش كېيىنكى ئالىملارمۇ رىئايە قىلغان بولسا ئىدى، ئىمان ئاساسلىرىدا رىۋايەت كۈلتۈرىنى ئىشقا سېلىپ، قۇرئان بەلگىلىمىگەن ئاساسلارنى، كېيىنكىلەر بەلگىلەشكە ۋە ئاللاھ بېكىتمىگەن يېڭى شەرىتلەرنى قوشۇپ قويۇشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ ئىلىمىنىڭ مەركىزىدە قۇرئان ئورۇن ئالغانىدى. ئۇ بىر قۇرئان ئاشىقى بولۇپ، بەزىدە قۇرئان ئوقۇۋېتىپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ، ئۇزۇن ساقاللىرى كۆز ياشلىرى بىلەن نەملىنەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:

« ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىشنى خالىغان كىشى، ئۆزىنى قۇرئانغا سېلىپ باقسۇن ».

« قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلمەكچى بولغان ئادەم، ئەمەللىرىنى قۇرئانغا تەڭلەپ بېقىشى كېرەك ».

بىز ھەدىسنى، رىۋايەتنى، فېھقىنى، ئەقىدىنى قۇرئانغا سېلىپ بېقىشنى بىلەتتۇق. ئەمما، كىشىنىڭ ئۆزىنى قۇرئانغا سېلىپ بېقىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئىمام ئەلبەسرىدىن ئۆگەندۇق.

قۇرئان ئوقۇغاندا ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە مەنىۋى كېسەللىرىگە قۇرئاندىن شىپا ئىزدەيدىغانلارنىڭ ئازلىقىدىن زارلىناتتتى. قۇرئاننى يۈزەكى ( لەبزىنى تەلەپپۇز قىلىپ ) ئوقۇپ، مەنىسىنى يۈرىكىدىن مۇلاھىزە قىلمايدىغانلاردىن نارازى ئىدى. ئۇ قۇرئان ئوقۇيدىغانلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيتتى:

  1. ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار
  2. تەجۋىدكە چۈشۈرۈپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئوقۇغىنى بىلەن ئەمەل قىلمايدىغانلار
  3. قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇ بۇلاقتىن قانغۇدەك ئىچكەنلەر

ئۇ چوڭقۇر ئىلمىگە قارىماي، ھەقىقەتنى شۆھرىتىگە قۇربان قىلىۋەتمەيدىغان دەرىجىدە ھەقشۇناس ئىدى. ئەلبەسرى ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ نوپۇزى، رىۋايەتنىڭ نوپۇزىدىن ئېغىر باساتتى. ئەبۇ ھەنىفە ( ۋاپات، 150 ) تېخى « مەشرىق ۋە مەغرىپنىڭ ئىمامى » دەپ ئاتالغۇدەك نامى چىقمىغان، زامانىسىنىڭ ئەڭ ئاتاغلىق ئالىمى ھەسەن ئەلبەسرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىر مەسىلىدە ئىجتىھاتىدا خاتا قىلغانلىقىنى، ئۇ ھەقتە ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىجتىھادىنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەردىكىلەردىن بىرەيلەن ئەبۇ ھەنىفىگە قوپاللىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: « ئەي ۋەلىدى زىنا ( ھارامدىن بولغان )! ھەسەن ئەلبەسرىگە ئوخشاش بىر ئالىمنى خاتالاشتىڭ دېگۈدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ ». ھەسەن ئەلبەسرى سالماقلىق بىلەن ئەبۇ ھەنىفىگە: « شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەسەن بۇ ھەقتە خاتالىشىپتۇ، ئىبنى مەسئۇدنىڭ توغرا » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئەلبەسرىنىڭ ئىلىمدە تۇتقان يولى، تەقلىت ئەمەس تەھقىق، رىۋايەت ئەمەس دىرايەت يولى ئىدى. ئۇنى رەي ئەھلىنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن بۇرۇنقى ئىمامى دەپ ئاتىساق خاتالاشمايمىز. ئۇ بەسىرە رەي مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ ئەقىلنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىنى تەشكىل قىلغان مۇتەزىلە ئىماملىرى ئۇنىڭ ھالقىسىدا يىتىشىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەقىلگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى، ئىبنۇل جەۋزى نەقىل قىلغان شۇ سۆزدىن بىلىۋالالايمىز: « ئەخمەقلەردىن قانچىلىك يىراق تۇرۇلسا، ئاللاھ قا شۇنچىلىك يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر بىلەن قانچىلىك يېقىن ئۆتسە، ئاللاھ نىڭ دىنى شۇنچە كۈچلىنىدۇ » ( ئەلھەسەنۇلبەسرى .35 ).

ئۇنىڭ تەنقىدى ئەقىلدىنمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغانلىقىنى ۋە تەھقىق ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى تەفسىرىدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز. ھەزرىتى سۇلايمانغا قارىتا ئېيتىلغان « سېھىرۋاز » بۆھتىنىنى رەت قىلغان بەقەرە 101 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان  « مەلەكەينى ( ئىككى پەرىشتە ) » كەلىمىسىنى ئۇنداق ئوقۇماي، « مەلىكىينى ( ئىككى پادىشاھ ) » دەپ ئوقۇغان ۋە سەۋەبىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: « پەرىشتىلەر سېھىر ئۈگەتمەيدۇ ». دېمىسىمۇ سېھىرگەرلىك قىلىشنى « كۇپۇرلۇق » دەپ مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئايەت، بۇ مەنانى كۈچلەندۈرمەكتە. ئەسلىدە ئۇ بۇ خىل ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ دىرايەت ئىزىدىن ماڭغان ئىدى. چۈنكى، ئۇستازلىرىدىن ئىبنى ئابباسمۇ مەزكۇر ئايەتنى ئاشۇنداق ئوقۇغان ئىدى.

قىرائەت ئىلمىغا ئاساسەن « مەلەكەينى (ئىككى پەرىشتە ) » دەپ ئوقۇش « مۇتەۋاتىر قىرائەت »، « مەلىكەينى ( ئىككى پادىشاھ ) » دەپ ئوقۇش « شاز قىرائەت » دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قىرائەتنىڭ مۇتەۋاتىر ياكى شاز قىرائەت ئىكەنلىكى، تەدۋىن ئەسىرىدە ياشىغان قىرائەت ئىماملىرىنىڭ قىرائەتلىرىگە قاراپ ئېنىقلانغان. مەزكۇر ئۆرنەكتە مەلۇم بولغىنىدەك، قىرائەتلەر ئۆلچىمىنى يېڭىباشتىن قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يەنىلام قىرائەتنى سېلىشتۇرىدىغان ئۆلچەم قۇرئانى كەرىم بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ شۈبھە بولمىسا كېرەك.

ئىمام ئەلبەسرى، « ( بۇ ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىللىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتاپتۇر » ( نىسا، 29 ) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۇ كىتاپ ھۆكۈملىرىنى تەرىك ئېتىپ، پەقەت لەۋزىنى يادلايدىغان كىتاپ ئەمەس! ».

 

ئۇ « قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى » ( قەمەر،1 ) ئايىتىنى تەھقىق ئەھلى بولغان ساھابىلەر ۋە تابىئىن ئالىملىرىغا ئوخشاش، قىيامەتكە ئاز قالغاندا مەيدانغا كېلىدىغان بىر ۋەقەلىك دەپ چۈشەنگەن. بۇمۇ ئۇنىڭ تەھقىقچى ئېقىمغا ئەگەشكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.

(null)