نۇھ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە ئىسمىنى ھەزرىتى نۇھنىڭ ئىنكارچى قەۋمگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر ئۆمۈرلىك كۆرىشىنى بايان قىلغان مەزمۇنىدىن ئالغان بولۇپ، قەدىمكى مۇسھاب ۋە تەپسىلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

قۇرئاندا يۇنۇس، ھۇد، يۈسۈپ، ئىبراھىم، مەريەم، لوقمان، نۇھ ۋە مۇھەممەد قاتارلىق پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان سەككىز سۈرە يەر ئالماقتا.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. جابىر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن تەرتىپتە نەھل – تۇر ئارىسىغا، باشقا تەرتىپلەردە نەھل – ئىبراھىم سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ يىپ ئۇچى مەزكۇر سۈرىنىڭ قۇرەيش بويقۇتىدىن كېيىن ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىدا يەر ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسسەنىڭ مەزمۇنى سۈرە نازىل بولغان دەۋر ئارقا كۆرنىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. بۇ پەيغەمبەر بىلەن ئىنكارچى قەۋم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى.

سۈرە مەزمۇنى نەزەرگە ئېلىنغاندا، پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلىدا نازىل بولغان دېيىشىكە بولىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى دەۋەت بولۇپ، ھەزرىتى نۇھ دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن قەۋمىنى تەۋھىد ۋە ئادالەتكە دەۋەت قىلغان. ئىنكارچى قەۋم بۇ دەۋەتكە جاھىللىق بىلەن قارشى چىقىپ، قۇلاق سالمىغان. نەتىجىدە ھەزرىتى نۇھ قەۋمىنى ئاللاھ قا ھاۋالە قىلغان. سۈرىنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەر ( 1 – 20 ) ئاخىرىدىكى ھالاك دۇئاسىنى شەرھىيلەش ئۈچۈن بايان قىلىنغان:

إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا (27) رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا (28)

« ئەگەر سەن ئۇلارنى ساق قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا – ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكىتىنى زىيادە قىلغىن » ( 27 – 28 ).

قۇرئان قىسسەلىرى مۇھەممەدى دەۋەتنىڭ ئەينىكى بولۇپ، دەۋەت ئۆزىنى بۇ ئەينەكتىن كۆرىدۇ. قۇرئاندا ھەزرىتى نۇھ ۋە ئىنكارچى قەۋمى ھەققىدە بايانلار بىر قانچە يەردە، يەنى ئەئراف ( 59 -64 )، يۇنۇس ( 71 – 73 )، ھۇد ( 25 – 29 )، مۇئمىنۇن ( 23 – 31 )، شۇئەرا ( 105 – 122 )، ئەنكە بۇت ( 14 – 15 )، ساففات ( 75 – 82 )، قەمەر ( 9 – 16 ) سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.  ئوتتۇرا شەرقتە تارىخ نۇھ بىلەن باشلايدۇ. قۇرئان ۋەھىيمۇ رىسالەتنى ۋە ئۈممەتلەر تارىخىنى نۇھ بىلەن باشلىتىدۇ ( ئەئراف 59؛ ھۇد 25؛ مۇئمىنۇن 23؛ نىسا 163 ).

ئەڭ تەپسىلىي بايانلار بۇ سۈرىدە يەر ئالغان. نۇھ قەۋمىنىڭ قىسسەسى، ھەممە نەرسىگە باھا قويۇپ ئادەتلىنىپ قالغان توپلۇمنىڭ قىممەت – قاراشلاردىن قانداق بولۇپ مەھرۇم قالغانلىقىنىڭ قىسقىچە ھېكايىسىدۇر. بۇ بىر تۇغياندۇر. تۇغيان بولغان ھەر قانداق جايدا تۇپاننىڭ بولىشى مۇقەررەر. ھەر تۇپان، قىممەت – قاراشلارنى باھاغا پىدا قىلغۇچىلار ئۈچۈن پالاكەت ۋە ھالاكەت بولۇپ، قىممەت – قاراشنى باھادىن ئۈستۈن كۆرگەنلەر ئۈچۈن بىر نىجاتلىق ۋە نېمەتتۇر. تۇپان، تۇپراق ئۈچۈن بىر تاھارەت، توپلۇم ئۈچۈن بىر پاكلىنىشتۇر.

سۈرە، ھەزرىتى نۇھ بىلەن ئىنكارچى قەۋمنى، رەسۇلۇللاھ بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرىنى دەۋرداش قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرە ھەزرىتى نۇھ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بەرگەن بولسا، نۇھ قەۋمى ئارقىلىق مەككە مۇشرىكلىرىنى قورقۇتقان.

يۈكسەك بىر بالاغەت نامايەندىسى بولغان بۇ سۈرىنىڭ مەقسىتى ۋۇجۇدقا چىققانىدى. بۇنىڭغا تارىخ شاھىت. مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە يېتىپ كېلىدىغان بىر بالادىن، ۋەھىينىڭ تەسىرلىك ئۇسلۇبى سەۋەبىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى. ئەگەر ۋەھىي، يۈكسەك بالاغىتى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ قەلب تەختىدىن ئورۇن ئېلىپ ھىدايىتىگە ۋەسىلە بولمىغان، بىر قىسمىنى جىمقتۇرۇپ ۋەھىيگە قارشى چىقىشتىن ۋازكەچكۈزمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارمۇ غەزەپكە ئۇچراپ ھالاك بولغان قەۋملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى.

سۈرىنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسىتى ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، ھەر تۇغيان ئۆز دەۋرىنىڭ تۇپانى، ھەر تۇپاننىڭ بىر نۇھى، ھەر نۇھنىڭ بىر كېمىسى، ھەر كېمىنىڭ بىر يۈرۈش لېنىيىسى ۋە يول خەرىتىسى بولىدۇ. ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ يول لېنىيىسى ۋە يول خەرىتىسى قۇرئاندۇر. قۇرئاننىڭ يېتەكچىلىكىگە تەسلىم بولغانلار ئاخىر زامان تۇپانىدىن قۇتۇلىدۇ.