جىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىنىڭ « كۆرۈنمەس مەخلۇقلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەل – جىن ئىسمى بىرىنچى ئايەتتىن ئېلىنغان:

ئېيتقىنكى، « بىر نەچچە نەپەر جىننىڭ ( مەندىن قۇرئان ) تىڭشاپ ( ئىمان ئېيتقانلىقى ) ماڭا ۋەھىي قىلىندى، ئۇلار ( قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق » ( 1 ).

سۈرىگە ئىسىم بولغان جىن، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مەخلۇق « ئىنس »نىڭ زىتىدۇر.

بۇخارىدا، سۈرە بىرىنچى ئايىتىنىڭ بىرىنچى كەلىمىسى بولغان « قۇل ئۇھىيە ئىلەييە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، قۇرەيىش بويقۇتىدىن كېيىنكى مەزگىلگە، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلدىكى تائىف سەپىرىگە توغرا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ بېسىمىدىن بەزگەن بولۇپ، دەۋەت ۋەزىپىسىنى راھەت شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ماكان ئىزدەۋاتاتتى. بۇ ئىزدىنىشنىڭ تۇنجى بېكىتى مەككىگە خوشنا بولغان تائىف ئىدى. لېكىن، تائىف بېشىغا قونغان دۆلەت قۇشىنى بېشىدىن ئۇچۇرىۋەتكەنىدى. تائىفلىقلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى چالما كېسەك قىلغۇزغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. تائىفتىن قايتىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈن ئىدى. چۈنكى، تائىفتىن چالما – كېسەك قىلىنغان ھالدا ھەيدەپ چىقىرىلغان بولۇپ، كېندىك قېنى تۆكۈلگەن مەككىگە كىرەلمىگەنىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا بىر « تەسەللى ئارماغانى ( ھەدىيەسى ) » بولۇپ بۇ سۈرە نازىل بولغان. سۈرە، رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق، كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلىنمەيدىغان ئالەمنى تەمسىل قىلىدىغان « جىنلار بىلەن » مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى بىلدۈرگەنىدى. يەنى رەسۇلۇللاھقا « كۈچۈم تۈگىدى، يار رەببى! » دېگەن يەردە، رەببى « مەن ساڭا ياردەمگە كەلدىم بەندەم » دېگەنىدى.

سۈرىنىڭ تۇنجى تەرتىپلەردىكى ئورنى تارىخى مەلۇماتلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس. چۈنكى، تۇنجى تەرتىپلەردە ئەئراف – ياسىن سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بىرىنچىدىن ياسىن سۈرىسىنىڭ ئەئراف سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشى توغرا ئەمەس. ئىككىنجىدىن بۇ سۈرىنىڭ ئورنى ۋە زامانى جىن سۈرىسىنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدۇ. سۈرىنىڭ ئەڭ توغرا يېرى، بىزنىڭچە كەھف – نۇھ سۈرىلىرىنىڭ ئارىسى بولسا كېرەك.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى تەۋھىد بولۇپ، جاھلىيەت ئىنسانىنىڭ جىنلارغا شىپى كەلتۈرگەن بارلىق نۇرمالدىن ھالقىغان چۈشەنچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. سۈرە، كۆرۈنمەس مەخلۇقلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا ۋاستە ئەمەس، ئىلاھىي يېتەكچىلىككە مۇھتاج مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. نازىل بولغان مەزگىلى ئىنساننى، شېئىر ۋە ھەر خىل سۆز سەنئىتىنى كاھىنلىق ۋە سېھىرگەرلىككە، بۇلارنى جىنلارغا باغلايدىغان بىر مەزگىل ۋە مۇھىت ئىدى. جىنلارنى ئىنساننى جازالايدىغان بىر ئىلاھىي كۈچ دەپ چۈشەندۈرەتتى ۋە كىشىلەرنى قورقۇتاتتى ( ھۇد، 54 ). ئۇلارغا ئىلاھلىق سۈپەت بېرەتتى ( ئەنئام، 100 ). جىنلارنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىقىغا، ئىنسانغا پايدا ۋە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئاللاھ قا سېغىنغاندەك جىنلارغا سېغىناتتى.

وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِنَ الْإِنْسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا

« ھەقىقەتەن ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزىلەرگە سېغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى » ( 6 ).

ھەتتا بىۋاستە جىنلارغا چوقۇنىدىغانلارمۇ بار ئىدى ( سەبە، 41 ). سۈرىدىكى جىنلارنىڭ قۇرئان تىڭشاش ۋەقەسى ( 1 – 20 )، تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلارنىڭ جىن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە توغرىلاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ سۈرىدە، قۇرئان، كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلار ھەققىدىكى رىئاللىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ ۋە ئۇلار ئارقىلىق ۋەھىيگە زەربە بېرىش مەقسىتىنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىنىڭ بۇ بۆلىكى ئەھقاف 29 – 32 – ئايىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇلغاندا، ۋاستىلىك ھالدا يەھۇدىي سېھىرلىك دىن پەلسەپىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن جىن ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ ( 8 – 9 ). چۈنكى، بۇ رايۇندا ياشايدىغان مۇشرىكلارنىڭ كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللاردىن بىرسى، مەزكۇر رايۇندىكى يەھۇدىي كۈلتىرىنىڭ تەسىرى ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى سۈرىنىڭ باشتىكى بۆلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھقاف 30 – ئايەتتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

مۇشرىكلار ۋەھىيگە قارشى چىققاندا، ئىشلەتكەن دەلىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى مەزكۇر رايۇندىكى يەھۇدىيلاردىن ئالغانىدى. كەھف سۈرىسىدىكى زۇلقەرنەيىن قىسسەسى ھەققىدە نەقىل قىلىنغانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇممى ئەرەبلەر، كىتاپ ئەھلى يەھۇدىيلارنىڭ ئىغۋا، سەپسەتىلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى جىنلارغا ۋە ۋەھىينىڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىرلىق مەلۇماتلارغا ئىگە دەپ قارايتتى. ۋەھىينىڭ ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەنلىكىگە شەك چۈشۈرۈش ئارزۇسى، ئۇلارنى بۇ ھەقتە كۈشكۈرتكەن ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى ئىدى.  مۇشرىكلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى يەھۇدىيلارغىمۇ يارىغانىدى. بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان جىنلارنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە توختالغان ئەھقاف 29 -32 – ئايەتتىن بىلەلەيمىز. سۈرە يېپىق ھالدا، مۇشرىك ئەرەپلەر بىلەن كىتابى بار يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى بۇ شەيتانى ھەمكارلىقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

بۇ مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا، غەيبنىڭ ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا بۆلۈشۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەر خىل مەنتىقنى بۇ سۈرە رەت قىلىدۇ:

عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا (26) إِلَّا مَنِ ارْتَضَى(27)

« پەقەت ئاللاھ لا غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچكىمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا ( بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ )، بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى ( پەرىشتە ) سېلىپ قويىدۇ » ( 26 – 27 ).

سۈرىنىڭ جىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئىماسى بار. يەنى، سېنىڭ يېنىڭدىكى مەككە بۇ ئىلاھى ۋەھىيگە قۇلاق سالمىسا، ئاللاھ ناھايىتى يىراقلاردىن سېنى تىڭشايدىغانلارنى ئەۋەتىدۇ. ياكى سېنى ( ئىنسان ) كۆزى بىلەن كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولىدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلار تىڭشىمىسا، كۆز بىلەن كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولمايدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلار تىڭشايدۇ.