كەھف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە، « غار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كەھف » ئىسمىنى 13 – 20 – ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ئەسھابى كەھف ( غار ئەھلى ) قىسسەسىدىن ئالغان. سۈرە نازىل بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بارلىق تەپسىر، سىيەر ۋە ھەدىس مەنبەلىرىدە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى تەرتىپلەردە غاشىيە – نەھل سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. نەھل سۈرىسىنىڭ نازىل بولىشى تارىخى بۇ سۈرىدىن بىر ئاز كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، نەھل سۈرىسىنىڭ 118 – ئايىتى ئەنئام سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

كەھف سۈرىسى جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە غاشىيە – شۇرا سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بارلىق تەرتىپلەردە غاشىيە سۈرىسىنىڭ مەزكۇر سۈرىنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى دەل جايىدا بولغان. جابىر تەرتىۋىدە بۇ سۈرىدىن كېيىن تىزىلغان شۇرا سۈرىسىنىڭ ئورنى توغرا بولمىغان. چۈنكى، بۇ سۈرە ھا – مىم ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، بۇ سۈرىلەر  رىسالەتنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان.

بۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا كەھف سۈرىسىنى قۇرەيش بويقۇتىدىن كېيىن، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – ياكى 10 – يىلىدا نازىل بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

سۈرە ئاللاھ – ئىنسان ئارىسىدىكى قوش لىنىيىلىك مۇناسىۋەتنى ئاساسىي تېما قىلغان. بىر تەرەپتىن ياراتقۇچى – يارالغۇچى ئارىسىدىكى ماھىيەت پەرقى تەكىتلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولىشىدىن تارتىپلا فىترىتىدە بار بولغان رەببىگە مۇھتاج بولۇشتىن ئىبارەت فىترى ھەقىقەت بايان قىلىنغان. بۇ سەۋەپتىن، سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان ئاللاھ نىڭ مۇتلەقلىقى بىلەن باشلىنىپ، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ بەشەرى ( ئىنسانى ) تەبىئىيتى بىلەن ئاخىرلاشقان.

سۈرە، قۇرئاندا ھەمدۇسانا بىلەن باشلانغان بەش سۈرىدىن بىرى بولۇپ، بۇلار فاتىھە، ئەنئام، كەھف، سەبە ۋە فاتىر سۈرىلىرىدىن ئىبارەت. سۈرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ سەۋەبى ۋەھىيدۇر. ۋەھىي ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا قىلغان ئىلتىپاتى، بۇ سەۋەپتىن بۇ بۈيۈك نېمەت ئۈچۈن ئاللاھ قا ھەمدۇسانا ئېيتىش كېرەك ئەمەسمۇ؟

الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَى عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَلْ لَهُ عِوَجًا

« جىمى ھەمدۇسانا بەندىسىگە ئۆزىدە ھېچقانداق قىڭغىرلىق ( ئىختىلاپ، زىددىيەت ) بولمىغان، بۇ ئىلاھى ھىدايەتنامىنى نازىل قىلغان ئاللاھ قا خاستۇر » ( 1 ).

سۈرە، ھەمدۇسانادىن كېيىنلا تەۋھىد ھەققىدە توختىلىپ، « ئاللاھ نىڭ بالىسى بار » دەپ بوھتان چاپلىغۇچىلارغا، ئاغزىدىن چىققان سۆزنىڭ « دەھشىتى » ئەسكەرتىلىدۇ ( 5 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئايەتتە رەسۇلۇللاھقا نەسىھەت قىلىنغان. يەنى، ئاللاھ قا بۇنداق يامان بۆھتان چاپلىغانلارغا غەزەپ قىلىپ ئۆزەڭنى ھالاك قىلما ( 6 ) دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا « ئۇلار بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ » دېيىلمەكتە. سۈرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كەلىمىسى بىزنىڭچە 7 – ئايەتتە يەر ئالغان « ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن » جۈملىسىدۇر. كەھف سۈرىسىدە بايان قىلىنغان بۇ قىسسە ۋە مەسەللەرنىڭ ئارقا پەردىسىدە ياتقان ھەقىقەت بۇ ئايەت بىلەن بايان قىلىنغان « ئىلاھى ئېمتىھان »دۇر.

سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسسە ۋە مەسەللەر ئارقىلىق، قۇرئاندىكى سۈرىلەر ئىچىدە يەر ئالغان سىمۋول تىل ۋە ئوبراز ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بايانلارغا كىشىنىڭ نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. سۈرىدە كەھف قىسسەسى ( 13 – 20 )، ئىككى باغ ئىگىسى ھەققىدىكى مەسەل ( 32 – 44 )، ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى ( 50 – 53 )، مۇسا – ئالىم بەندە ( خىزىر ) مەسەلى ( 60 – 82 ) ۋە زۇلقەرنەيىن مەسەلى ( 83 – 98 ) يەر ئالغان.

قۇرئان قىسسەلىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟

قۇرئاندا قىسسەلەر ھەققىدە توختالغاندا، قۇرئاننىڭ بىر تارىخ كىتابى، بىر جۇغراپىيە كىتابى، بىر ۋەقەشۇناس قەلەمگە ئالغان ۋەقنامە ئەمەس، بەلكى ھىدايەت كىتابى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. قۇرئان قىسسەلەرنى بايان قىلغاندا، تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ئىچكى سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشنى، ئۇ ۋەقەلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلمايدۇ. قۇرئان، مەزكۇر ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك نېمە، نېمە ئۈچۈن، قانداق، قەيەردە، قاچان ۋە كىم دېگەن سۇئاللار ئۈستىدە ئىنچىكىلەپ توختالمايدۇ.

بۇ سەۋەپتىن قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەر قانداق بىر قىسسە ھەققىدە ئېنىق بىر تارىخ بېرىلمەيدۇ ۋە قىسسە باش قەھرىمانلىرىنىڭ تارىخى كىملىكى ئۈستىدە توختالمايدۇ. كۆپىنچە ئىسىملار ھەققىدە توختالمايدۇ. پىرئەۋىن دەيدۇ، ئەمما بىز بۇ « تىپىك ئىسىم »نىڭ قايسى شەخسنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن بىلەلمەيمىز. ئەسھابى كەھف ھەققىدە توختىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. « ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى » دەيدۇ، ئىسىملىرىنى زىكىر قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئايالى دەيدۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. ھەزرىتى نۇھنىڭ ئوغلى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىدۇ، لېكىن ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئوغلىنى قۇربان قىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىدۇ، ئەمما قۇربانلىققا ئاتىغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمايدۇ، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ مۇقەددەس بەيتنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرغان « زۇررىيەت  ( نەسلى، ئائلىسى ) » ھەققىدە توختىلىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمايدۇ. « ئىمراننىڭ ئايالى » دەيدۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. لۇتنىڭ ھالاك بولغان قەۋمى ئىچىدە قالغان خوتۇنى ئۈچۈن كىنايە قىلغان ھالدا « قېرى خوتۇن » ئىبارىسىنى ئىشلىتىدۇ.  ئىمانى ئۈچۈن قېيىن – قىستاق ئاستىدا جان بەرگەن خانش ئۈچۈن « پىرئەۋىننىڭ ئايالى » دەيدۇ، ئەمما ئاسىيە دېمەيدۇ. قۇرئان بەزىدە ئىنچىكلىك بىلەن ئايرىيدۇ. لېكىن، بۇ ئايرىش شەخسنىڭ تارىخى كىملىكىنى نەزەردە تۇتۇشتىن زىيادە، ھەقىقەتكە بولغان مەيدانىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەر يەردە مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنى « پىرئەۋىن » دەپ تىلغا ئالغان بولسا، ھەزرىتى يۈسۈپكە چۈشىگە تەبىر ئېيتقۇزۇپ، ئۇنى زىنداندىن چىقارغان كىشىنى « مەلىك ( پادىشاھ، ھۆكۈمدار ) » دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن « مەلىك » لەر نەسەپ، جەمەت، خۇي ۋە پوزىتسىيە جەھەتتىن « پىرئەۋىن » دېيىلگەن خانىدانلاردىن پەرقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تارىخى مەلۇماتلارمۇ بۇنى تەستىقلىماقتا.

قۇرئاندا كۆپىنچە ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ تارىخى ياكى سىمۋول ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدىغان ئوبرازلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. زۇلقەرنەيىن دەيدۇ، بۇ ئارقىلىق « قوش مۈڭگۈزلىك تاج كېيىۋالغانلىقى » ئىما قىلىنغانمۇ ياكى مەزكۇر ھۆكۈمدارنىڭ ھېكمەت ۋە ھۆكۈمنى شەخسىيتىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئوخشىتىش ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ئەبۇ لەھەب دەيدۇ، ئەمما بىز قۇرئان « ئەبۇ لەھەب » دەپ ئاتىغان كىشىنىڭ ئىسمى ياكى لەقىمىنىڭ مۇشۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. قۇرئان ئەبۇ لەھەب ( لاۋۇلدىغان ئوت پىرى ) دەپ ئاتىشى بىر كىنايە بولۇپ، ئۇنىڭ جەھەننەمگە باشلايدىغان بىر ھاياتنى تاللىغانلىقى ئىما قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلئۇززا. قۇرئان بۇ ئۇسلۇبى ئارقىلىق خاتا يولدا مېڭىۋاتقانلارغا « ئىسم مۇھىم ئەمەس » دېمەكتە.

شۇنداق، ئىسىم مۇھىم ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان ئىسىملار ھەققىدە ئەمەس، ئوبرازلارنىڭ پوزىتسىيە، مەيدانى ۋە خاراكتېر ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەبۇ لەھەب ئۆلىدۇ، ئەمما ئەبۇ لەھەبلىك ئۆلمەيدۇ. پىرئەۋىن ئۆلىدۇ، پىرئەۋىنلىك ئۆلمەيدۇ. قۇرئان خىتاپ قىلىنغۇچىغا تونۇشتۇرماقچى بولغىنى پىرئەۋىن ئەمەس، پىرئەۋىنلىك؛ ئەبۇ لەھەب ئەمەس، ئەبۇ لەھەبلىكتۇر. قۇرئان پەيغەمبەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئومۇمەن ياخشىلارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالمايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ۋە ياخشىلىقىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىق ئوبرازى سۈپىتىدە ياد ئېتىدۇ. قۇرئاندا تونۇشتۇرۇلغان بىر ياخشى كىشى قىلغان ئىشنى، بۈگۈن ئۆزى تۇرىۋاتقان ماكاندا قىلغان كىشى، ئۆز دەۋرىنىڭ « ئۇ » ئوبرازىدۇر. مۇھىم بولغىنى شۇ ۋەياكى بۇ دەۋردە ياشاش ئەمەس، قانداق ياشىغانلىقىڭىز، كىمنىڭ يولىدىن ماڭغانلىقىڭىزدۇر.

قۇرئان قىسسەلەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر، ئەقىل، شەخسىيەت ۋە ھاياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇرئان قىسسەلەر ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىدا فارۇق بىر ئەقىل شەكىللەندۈرىدۇ. ياخشىلار بىلەن يامانلارنى، ھەق ئەھلى بىلەن باتىل ئەھلىنى، مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنى، سالىھلار بىلەن پاسىقلارنى، زالىملار بىلەن مەزلۇملارنى ئايرىيالايدىغان بىر قابىلىيەت بەرپا قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن قۇرئان « كىم كىمدۇر؟ » سۇئالى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ئورنىغا « كىم ھەقىقەت ئالدىدا قايسى سەپتە تۇرىۋاتىدۇ؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە بىزگىمۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

بۇ قىسسەلەردىن بەزىلىرىنىڭ باشلىنىشىدا، ئۇ قىسسەنىڭ « ھەق بىلەن ( بىل ھەقق ) » بايان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. خۇددى كەھف سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى « ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ھەق بىلەن ( بىل ھەقق ) ئېيتىپ بېرىمىز » ( 13 ) دېيىلگەندەك شەكىلدە باشلىنىدۇ. يەنە، ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسىنىڭ « ھەق بىلەن » بايان قىلىنغانلىقى ئىپادىلەنگەن ( مائىدە، 27 ). بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىسسەلەرنىڭ بېشىدىكى « ھەق بىلەن » ئىبارىسىدە نېمە نەزەردە تۇتۇلغان؟ بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. « ھەق بىلەن » بايان قىلىشتىن مۇراد، بۇ قىسسەلەرنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ۋارىيانتلىرىنىڭ ئورنىغا، توغرا بولغان ئەسلى شەكلىنى قويۇش. قۇرئان نازىل بولغان مۇھىتتا بۇ قەسسەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كىشىلەر بىلەتتى. لېكىن، ئۇلار توغرا ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بۇ قىسسەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىچىگە يالغان – ياۋداق نەرسىلە قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەسلى شەكلىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانىدى.

بۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغۇدەك بىر مېتود ئەمەس. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ زىل نوقتىسى، قۇرئاننىڭ قىسسەلەرنى بايان قىلىش مەقسىتىنىڭ، قىسسەلەرنى ئەسلى ۋە بۇزۇلمىغان ھالىتىگە قايتۇرۇش ئەمەسلىكى، ئۇلارنى بىر « بىلىم ئۇنسۇرى »، بىر « مەلۇمات ئۇلى » سۈپتىدە نەقىل قىلمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئاللاھ پەقەت قىسسەلەرنىلا « ھەق بىلەن » بايان قىلىپ قالماستىن، باشقا ئايەتلەردىمۇ زىكىر قىلغىنىدەك ئاسمانلارنى ۋە يەرنى « ھەق بىلەن ( بىل ھەقق ) » ياراتقان ( ئەنئام، 73 )؛ ئەلچىنى « ھەق بىلەن » ئەۋەتكەن ( بەقەرە، 119 )؛ كىتابنى « ھەق بىلەن » نازىل قىلغان ( بەقەرە، 176 ). ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا « ھەق بىلەن » ئوقۇغان ( بەقەرە، 252 )؛ پەرىشتىلەرنى « ھەق بىلەن » چۈشۈرگەن ( ھىجىر، 8 ). بۇ سەۋەپتىن قۇرئاننىڭ « ھەق » ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىگەن نەرسە، بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ « تارىخى بولىشىدىن » زىيادە مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  1. « ھەق بىلەن » بايان قىلىشتىن مۇراد، « توغرا بولغان بىر غايىگە ئۇل قىلىپ » ياكى « مۇتلەق ھەقىقەتنى شىپى كەلتۈرۈپ » دېگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، قىسسەلەرنىڭ « ھەق بىلەن » بايان قىلىنىشى ئارقىلىق تارىخى بىر مەلۇماتنى تەستىقلاش، تۈزىتىش ئەمەس، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش غايىسى بولغان ھىدايەت مەقسەت قىلىنغان. زەماھشەرى، مائىدە سۇرىسى 27 – ئايىتىدە « ھەق بىلەن » بايان قىلىنغان ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسىنى تەپسىر قىلغاندا، بىل ھەقق ئىبارىسىنى « بىل غارادىس سەھىھ ( توغرا بىر مەقسەتكە ماس ھالدا ) » دەپ مەنا ئېيتقان. بۇ قۇرئاننىڭ قىسسەلەر ئارقىلىق نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان ئايەتلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. مەسىلەن، بۇ خىل قىسسەلەر بىلەن نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قۇرئاندىن سورىغان ۋاقتىمىزدا، قۇرئان ئۆزىنىڭ نازىل بولۇش مەقسىتىنى بايان قىلماقتا. ئەئراف 176، يۈسۈپ 111 ۋە ھۇد 120 – ئايەتلەر بۇنىڭ دەلىلى.

سۈرىدىكى بەش قىسسە – مەسەلنىڭ مەقسىتى

كەھف سۈرىسىدە بەش قىسسە – مەسەل بايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەسھابى كەھف قىسسە.

  1. ئەسھابى كەھف قىسسەسى:

بۇ قىسسە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپى بولغان ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. « گۇمراھلىق قاپلىغان بىر جەمىئىيەت ئىچىدە ئۇلارغا قارشى كۆكرەك كىرىپ ياشاش كېرەكمۇ ياكى جەمىئىيەتنى تەركى ئېتىش كېرەكمۇ؟ » دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىسسە ئارقىلىق ئىمانىڭىزىنى ياشىيالايدىغان بىر غارچىلىك يېرىڭىز ( سىز ئۈچۈن ئۆيىڭىزمۇ بىر غار ) بولسا، ئەنسىرىمەڭ! » دېمەكتە.

سادرى ئىسلامدا بۇ قىسسەنىڭ قەدىرلىك رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىدا نامايەندىلىرى بار ئىدى. ئىبن مەسئۇد مۇرسەلاتى سۈرىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: « بىز مىنادا بىر غاردا رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي ھالدا ئۇچرىشاتتۇق. بۇ سۈرە نازىل بولدى ». بۇ قىسسە ئارقىلىق تۇنجى خىتاپ قىلغۇچىلىرىغا « سىز بۈگۈننىڭ ئەسھابى كەھف » دېمەكتە ئىدى.

  1. ئىككى باغ ئىگىسى ھەققىدىكى مەسەل

مەسەللەر، قىسسەلەردىن پەرقلىق بولۇپ، تارىخى بىر رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى شەرت بولمىغان ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىغا بىر ھەقىقەتنى بىر تەمسىل ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىردۇر. شۇنداقتىمۇ مەسەللەرنىڭ ھەر جايدا ۋە زاماندا رىئال ھاياتتا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىككى باغ ئىگىسى مەسەلى، مال – مۈلۈكنى مۈلكىيەتمۇ ياكى ئامانەت دەپ بىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بايلىق بىلەن يوقسۇللۇقنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. مەسەلدە ئىككى باش قەھرىمان بار بولۇپ، ھەر بىرىگە بىرەر باغ بەخش ئېتىلگەن. لېكىن، بۇ كىشىلەردىن بىرسى ئۆزىگە ئېمتىھان قىلىپ ئامانەت بېرىلگەن بۇ مۈلۈكنى مۈلكىيەت ( ئۆزىگە تەۋە ) دەپ ئويلاپ قالغان ۋە مۈلك بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغان. بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈپ تاشلانغىچە مۈلك ئۇنىڭ مېلى ئىدى، ئەمما بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى مۈلكنىڭ مېلىغا ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ پوزىتسىيە بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر:

وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا

ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم ( يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم ) سېنىڭكىدىن كۆپ » دېدى.

ئايەتنىڭ شاھادىتى بىلەن بۇ چۈشەنچە بېراۋنىڭ ئۆز ئۆزىگە قىلغان ئەڭ چوڭ يامانلىقىدۇر ( 35 ). چۈنكى، مۈلك ئۇنىڭ مېنىدىغان ئۇلىغى ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئەكسىچە مۈلكنىڭ ئۇلىغىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر بولغىنى، ئۆزىگە مۈلكىنىڭ بېرىلىشىنى، ئاللاھ نىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەنىدى ( 36 ). مۈلك ئۇنىڭغا ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرغان، خۇدىنى يوقاتقان، رەببىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. مەسەلدىكى ياخشى كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:

قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا (37) لَكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا (38)

ئۇنىڭغا ( مۇئمىن ) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: « سېنى ( ئەسلىدە ) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابى مەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا قابىلىيەتكە ئىگە قىلىپ راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ لېكىن مەن رەببىم بولغان ئۇ ئاللاھ نى ئېتىراپ قىلىمەن، ھەر نەرسە ئۇنىڭ ئىنئامىدۇر. ماڭا نېمەتلەر بەرگەن رەببىمگە ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن » ( 37 – 38 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەتلەردە مۈلكى ئاز، ئەمما ئىمانى ۋە شەخسىيىتى كۈچلۈك بولغان كىشى مۈلك بىلەن كۆرەڭلەپ كەتكەن كىشىگە نەسىھەت قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدۇ. ئاقىۋەتتە بارلىق مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەتراپىدا ئاللاھ غەيرى قالمايدۇ. ئىنسانغا ھەقىقىي يار ۋە ياردەمچىنىڭ پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇ ۋاقىتتا چۈشۈنۈپ يېتىدۇ. بۇ مەسەلدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە، مەسەلنىڭ مەقسىدىنى بايان قىلغان تۆۋەندىكى ئايەت كەلگەن:

الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ

« ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى رەببىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر » ( 46 ).

بىر كۈن كېلىدۇ، ھەممە نەرسىنىڭ ھېسابى ئېلىنىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ھايات فىلىمى ئۆزىگە كۆرسىتىلىدۇ. ھايات فىلىمىنى كۆرگەن كىشى « ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ نامە – ئەمالغا چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ ( 49 ). بۇ خاتىرە شۇنداق بىر خاتىرە بولۇپ، قەلبنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن ئۆتكەنلەرنىمۇ قويماي خاتىرىلەيدۇ.

بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بايان قىلىنغانلىقىنى، ئەسھابى كەھف قىسسەسى بىلەن باي – يوقسۇل مەسەلى ئارىسىدا يەر ئالغان بۇ ئايەتتىن بىلەلەيمىز:

وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا

« رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئەتتىگەن – ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن بىرگە سەنمۇ سەبىر قىلغىن! ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن! نەپسى – خاھىشىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھەر ئىشتا ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ( ئەقىل يۈرگۈزىدىغان ) قەلبى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان كىشىلەرگە ئەگەشمىگىن! » ( 28 ).

  1. ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى

كەھف سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى قىسسەسى – مەسەلى بولغان ئادەم ئىبلىس قىسسەسى، ياخشى ۋە يامان ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق ئۈستىدە توختالغان. ئىبلىس ئىنساننىڭ دۈشمىنى. ئۇنداقتا، كىشى دۈشمىنىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالامدۇ؟ ئەمما، ئىنسان قۇلاق سالىدۇ. دۈشمىنى كىشىگە ياخشى نەسىھەت بېرەمدۇ؟ ئىبلىس ئىنساننى ھەمىشە ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىبلىسنىڭ ئىنساننىڭ ياخشىلىقىنى ئويلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ۋە ئىبلىسنىڭ ئىنسانغا قىلغان ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىكى، ئىنساننىڭ ھەقىقەت چۈشەنچىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى، ئىنساننى ئۆزىگە ۋە رەببىگە قارىتا ياتلاشتۇرۇشىدۇر.

شۇنداق تۇرۇپمۇ، شەيتاننى دوست تۇتۇشنىڭ قوبۇل قىلغىدەك بىر ئىزاھاتى بارمۇ؟ بەلكىم، مۇنداق ئىزاھلىنىشى مۇمكىن: « ئەگەر شەيتان ئىنساننى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بىر كۈچى بار دېمەكتۇر. كۈچى چوڭ بولغانغا يېقىنلاشسام، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىمەن ». بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل قېيىپ كېتىشنى ۋەھىي « ئاللاھ نى قويۇپ شەيتاننى جان دوست قىلىۋېلىش » دەپ بايان قىلماقتا. ئاساسەن، شەيتاننىڭ يولىدىن مېڭىشنى، ئۇنى ئاللاھ قا شېرىك قوشۇشنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالغان. مانا بۇ ئايەت:

مَا أَشْهَدْتُهُمْ خَلْقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنْفُسِهِمْ وَمَا كُنْتُ مُتَّخِذَ الْمُضِلِّينَ عَضُدًا

« ئۇلار ( يەنى شەيتانلار )غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم ( شاھىت قىلغىنىم ) يوق. ھەمدە مەن، ( بۇ ) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق » ( 51 ).

  1. مۇسا – ئالىم بەندە ( خىزىر ) قىسسەسى / مەسەلى

سىمۋول خاراكتېرلىق تىلنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان مۇسا – ئالىم بەندە مەسەلى، سان ۋە سۈپەتنىڭ، ئوچۇق ۋە يوشۇرۇننىڭ، بىلىم ۋە ھېكمەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. بۇنى ئالىم بەندىنىڭ، مەسەلنىڭ ئاخىرىدا ئېيتقان شۇ سۆزلىرىدىن ناھايىتى روشەن ھالدا ھېس قىلالايمىز: « يەنى، مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق، سەن سەۋر – تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ » ( 82 ).

بۇ بايانلارنى بىر مەسەل ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگەندەك قىسسە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولغاندا، ۋەقەلەرنىڭ ئىزاھاتىنىڭ ئاچقۇچى « بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قارارىم بىلەن قىلمىدىم » جۈملىسىدۇر. يەنى، ئوتتۇرىدا بەشەرى ئىرادە ۋە ئەقىل ئىشلىتىلمىگەن. ئالىم بەندىنىڭ بىر « پەرىشتە » بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا قىسسەدە ئىرادە ئىشلىتىلمىگەنلىكى بايان قىلىنغانلىقى قارىغاندا، ئالىم بەندىنى پەرىشتە دەپ تەبىر بېرىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

بۇ قىسسە – مەسەل ئۈچ قىرلىق ئەينەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەر قىرىدىن ھەر بىرى پەرقلىق بىر قەھرىماننى ۋە پەرقلىق بىر زاماننى كۆرسەتمەكتە.

1) قىسسە – مەسەلنىڭ « ئالىم بەندە »نى كۆرسەتكەن يۈزى بولۇپ، 82 – ئايەتتە كۆرسەتكەندەك، ئۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلمىغان بولۇپ، « ئۆزىگە قىلدۇرۇلغان » بىر « خادىم »دۇر. ئەگەر ھەقىقەت مۇشۇ بولسا، ئۇ قىلغانلىرىدىن جاۋاپكار ئەمەس. ئاللاھ ھەزرىتى مۇساغا بىر دەرس بەرمەكچى بولغان. « نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر دەرس؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابىنى بەنى ئىسرائىل مەنبەلىرىدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەر ياردىمى بىلەن تاپالىشىمىز مۇمكىن: بۇ « بۇ دۇنيادا مەنىدىنمۇ ئۆتە ئالىم بارمۇ؟ » دېگەن سۇئالىغا بېرىلگەن بىر ئىلاھىي جاۋاپتۇر. مۇسا ئۇنى كەلىمە ئىپادىلىگەن مەنە بويىنچە « مۇئەللىم » دەپ بىلىگەن ۋە ئىلىمىنى ئۆگىتىشنى ئارزۇ قىلغان ( 66 ).

2 ) قىسسە – مەسەلنىڭ ھەزرىتى مۇسانى كۆرسەتكەن يۈزى بولۇپ، قىسسە – مەسەلدە بايان قىلىنغان « بەندىلىرىمىزدىن بىر بەندە » ھەزرىتى مۇسانىڭ دەل ئۆزىدۇر. بىر بەندە ئۆلتۈرگەن بالا، مۇسا سەھۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان قىپتى يىگىت ئىدى. زالىم پادىشاھتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېشىۋېتىلگەن كېمە، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھايات كېمىسى ئىدى. زالىم پادىشاھ ئۇلارنى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان پىرئەۋىن ئىدى. مېھماندوست بولمىغان قەۋمنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تېمىنى ئوڭشاپ قويۇش، مۇسا شاھزادە بولۇپ يىللارچە خىزمەت قىلغان مىسىر دۆلىتى ئىدى. مۇسا بىن ئىمران سارايدا بىر شاھزادە بولۇپ چوڭ بولغان، سەركەردىلىك دەرىجىسىگىچە يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋە ھەبەش يۈرۈشىگە قۇماندانلىق قىلىپ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغانىدى.

3) قىسسە – مەسەلنىڭ ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان يۈزى بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن بالا، پىل ۋەقەسىدىن كېيىن بەختى ئېچىلغان قۇرەيشنىڭ رايۇندا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن باشقا قەۋملەر ئارىسىدىكى ئۇتۇقى ئىدى. تېشىۋېتىلگەن كېمە، مەككىنىڭ تىجارەت كېمىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ كېمىگە كۆرۈنۈشتە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانىدى. ھەقىقەتتە بولسا كېمىنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇغانىدى. مېھماندوست بولمىغان قەۋمنىڭ ئوڭشاپ قويۇلغان تېمى، رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇئمىنلەرگە قاتتىق قول مۇئامىلە قىلغان، زۇلۇم قىلغان مەككىلىكلەرگە خەيبەر فەتھىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قىلغان ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەر ئىدى.

  1. زۇلقەرنەين مەسەلى

سۈرىنىڭ بەشىنچى قىسسە – مەسەلى بولغان زۇلقەرنەين مەسەلى، ماددىي ئىقتىدار – مەنىۋى بىلىم مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە يەرلىك – دۇنيا خاراكتېرلىق مۇۋازىنەتنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى ئايەت بۇ مەسەلنىڭ ئانا تېمىسىنى بايان قىلغان:

إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآَتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا (84) فَأَتْبَعَ سَبَبًا (85)

« ئۇنىڭ ( ھۆكۈمرانلىقى ) ئۈچۈن بىز زېمىندا ئۇنىڭغا لايىق بىر شارائىت يارىتىپ بەردۇق ۋە ئۇنىڭغا شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس ھالدا خىزمەت قىلىدىغان ۋاستىلەرنىڭ ( ئىلمىنى ) بەردۇق. ئۇمۇ ئۆزىنى ( مەقسىتىگە ) يەتكۈزىدىغان بىر ۋاستىگە مۇراجەت قىلدى » ( 84 – 85 ).

مەسەلدە « دۇنياۋى ھاكىمىيەتنى ئىپادىلىگەن ھۆكۈم بىلەن ئىلىم ۋە بىلىمنى ئىپادىلىگەن ھېكمەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا قانداق بولىدۇ؟ » دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىلگەن. ئوتتۇرىغا زۇلقەرنەين ( قوش قاناتلىق ) دەپ ئاتاشقا لايىق بولغان بىر « قابىلىيەتلىك ھۆكۈمدار » چىقىدۇ. مانا بۇ زۇلقەرنەين ( قوش مۇڭگۈز / ئىككى دەۋر / ئىككى ئالامەت ئىگىسى ) بولۇشتۇر.

بۇ سۈرە، قىسسە ۋە مەسەللەر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ قوش لىنىيلىك تەبىئىيتى ۋە زىت قۇتۇپلارنىڭ بىر – بىرىگە ھەمراھلىقى ھەقىقىتىگە كىشىنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساندا شەيئىلەرنىڭ قوش لىنىيىلىك تەرىپىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان مۆتىدىل بىر چۈشەنچە بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

قىسسە – مەسەللەردىن كېيىن كەلگەن بۆلەك، قىيامەتنىڭ دەھشەتلىك بىر سەھنىسىنى تەسۋىرلىگەن ھالدا باشلىنىدۇ ( 99 ). بۇ ئايەت ئارقىلىق، بارلىق قىسسە ۋە مەسەللەرنى بايان قىلىش مەقسىتىنىڭ ئىنساننى قىلمىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھېسابىنى بېرەلمەيدىغان بىر ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى، ھېساپ بېرىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك ئىدى.

سۈرىنىڭ قىسسە – مەسەللىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن 99 – 108 – ئايەتلەردىكى بۆلەكنىڭ، پەقەت قايتىدىن تىرىلىش ھەققىدىكى بايانلارغا ئايرىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل بۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنجى ئايىتى، قۇئاننىڭ ئەڭ سەرخىل ئايەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ، رەببىمىزنىڭ كالام بايلىقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا

ئېيتقىنكى، « رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز سىياھ بولغان بولسا، يەنە ئۇنىڭ بىر مىسلىنىمۇ كەلتۈرگەن بولساڭ، يەنىلا رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ دېڭىزلار چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى » ( 109 ).

خۇلاسىلىگەندە، كەھف سۈرىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنساننىڭ ھاياتى، بىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئۆتكۈنچى، چەكلىك ۋە نىسپى بولۇپ، ئاللاھ نىڭ ھاياتى، بىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئەبەدىي، چەكسىز ۋە مۇتلەقتۇر ھەقىقىتىنى خىتاپ قىلىنغۇچىغا ئۆگىتىشتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى:

فَمَنْ كَانَ يَرْجُوا لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا

« كىمكى، رەببىگە مۇلاقەت بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھ نى رازى قىلىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلسۇن ۋە رەببىگە بەندىلىك قىلغاندا، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن » ( 110 ).