ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىرپانى نوپۇزى

 ھەسەن ئەلبەسرىنى ھايات ۋاقتىدىلا « مۇتتەقىلەر پىشىۋاسى » دېگەن نامغا ئىگە قىلغان ئامىل، ئۇنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىقى ھەر قاراشتىكىلەرنىڭ ئۇنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ كۆرسىتىشىگە سەۋەپ بولغانىدى. ئۇ پەقەت ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي، ئەخلاقى پرىنسىپنى جەمىئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىغا كېڭەيتىشكە تىرىشقانىدى. قەدەر رىسالىسى، ماھىيەتتە بۇ كۆرەشنىڭ مەھسۇلىدۇر.

راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر زامانىسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىدىيىۋى بۇرمىلىنىشنى يۇقىرىدا قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بۇ بۇزۇلۇشنىڭ سەلبىي تەسىرى پەقەتلا سىياسىي ساھە بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئەخلاقى ساھەگىمۇ سىڭىپ كىردى. ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن باش كۆتۈرگەن جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسى ئەخلاقى زېھنىمىزنىمۇ غىدىقلاشقا باشلىغانىدى. نەتىجىدە جاھىلىيەت، ئەخلاقى ساھەدە قامالغان كامادىن قايتىپ چىقتى.

رەسۇلۇللاھ، راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر زامانىسىدا « فەتىھ » دېگەندە، بۇ كەلىمە « يۈرەك فەتھى »نى بىلدۈرەتتى. كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە « فەتىھ » دېيىلگەندە، كەلىمە زېمىننى ئىشغال قىلىش مەناسنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالدى. زېمىن كېڭەيگەنسىرى كىرىممۇ ئاشتى. ئەمدى دۇچ كەلگەن مەسىلە قولىدا بار ( مال دۇنيا )غا سەبىر قىلىش مەسىلىسى ئىدى. كىرىم ئاشقانسىرى ئاخىرەتلىك ھالاۋەتنىڭ ئورنىنى دۇنيالىق پاراغەتتە بەسلىشىش ئىگەللىدى. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، سەكراتتىكى ۋاقتىدىمۇ قولىدا قالغان ئالتە – يەتتە دانە تىللا ياكى يامبۇنىڭ ئىنفاق مەسىلىسى، ئۇنى ئەسىر ئالغانىدى. ئۇنىڭ مال – دۇنياغا قارىتا تۇتقان بۇ مۇئامىلىسىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلمىغان كشىلەر، بۇ ئۆرنەكنىڭ دەل ئەكسىچە ئۆرنەكلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

قۇرئان قەبىلە ۋە غەنىمەتنىڭ ئالدىغا ئەقىدىنى قويغان ئىدى. لېكىن، قۇرئان يېتەكلىگەن بۇ كېمە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەتۈر يۆنىلىشكە يۈزلىنىپ، قەبىلە ۋە غەنىمەت ئەقىدىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلدى. يەزىد قەبىلىگە، ھۇسەيىننىڭ كاللىسىنى ئالغان ئۆمەر بىن ساد غەنىمەتكە، ھۇسەيىن ئەقىدىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. قەبىلە ۋە غەنىمەت ئەقىدىگە قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى. نەتىجىدە ئەقىدە كۈچسىز، كۈچ ئەقىدىسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى ۋە ئەخلاق كۈچتىن، كۈچ ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالدى.

ئىمام ئەلبەسرى دەل مۇشۇنداق تارىخى بىر دەۋىردە، بىر ئەخلاق جەڭچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى ۋە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشكە قارشى كۆرەش قىلدى. بىر قۇرئان تالىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۆزنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ساماغا قاراپ شۇنداق بىر خىتاپ قىلدىكى:

« ئى ئادەم باللىرى! ئاخىرەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانى بەرسەڭلار، ھەر ئىككىسىنى قولغا كەلتۈرۈسىلەر. بىراق، دۇنيا ( مال – مۈلۈك )غا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاخىرەتنى پىدا قىلساڭلار، ھەر ئىككىسىدىن قۇرۇق قالىسەن ».  يەنە بىر قېتىم مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئاخىرەت ئۈچۈن تەر تۆكۈپ دۇنيالىقلارغا ئىگە بولغانلارنى كۆردۇق. ئەمما، دۇنيالىق  ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئاخىرەتنى قولغا كەلتۈرگەنلەرنى ئۇچراتمىدۇق ».

« جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى نېمە؟ » دەپ سورىغان كىشىگە « سېنىڭ ئارزۇ – ھەۋىسىڭگە قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشىڭدۇر » دېگەن ئىدى.

ئىمام ئەلبەسرى ئىسلامنى بىر ئىبادەت دىنى سۈپىتىدە ئەمەس، ئۇبۇدىيەت / ئاللاھ قىل بەندە بولۇش دىنى دەپ چۈشەنگەن. ئىبنۇل جەۋزى ئەلبەسرى توغرىسىدىكى ئەسىرىدە، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: « دىن قېرىندىشىمنىڭ بىر ئىھتىياجىنى ھەل قىلىش، مەن ئۈچۈن بىر ئاي ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشتىنمۇ ئەۋزەل ». بۇ تەقۋا ئەھلىنى روھبانلاردىن، تەقۋانى روھبانلىقتىن ئايرىيدىغان ئىنچكە سىزىق ئىدى.

ئۇ تەقۋانىڭ ئورنىنى ئاستا – ئاستا تەركىدۇنيالىق ئىگەللىگەن بىر تارىخىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە ياشىدى. ئىمام، روھانىلىقنى ئەسلىتىدىغان « رىياكار دىندارلىق »قا قارشى، باشتىن -ئاخىرىغىچە ھەقىقىي دىندارلىق سېپىدە ئورۇن ئالدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇ، سۇف(يۇڭ) جەندە  كېيىپ « كۆرنۈش »نى، « دىننى ھەقىقىي تۈردە ھاياتىغا تەدبىقلاش »نىڭ ئالدىغا قويىدىغان بىر سوپى ئەمەس، بەلكى بۇنداقلارنى قامچىلىغان بىر « ئارىف ( پاراسەتلىك كىشى ) » بولغان ئىدى. « قۇرئان ئەقىلدۇر، ئەقىل بولسا قۇرئاندۇر » دېگەن بۇ ئېسىل سۆزنىڭ ئىگىسى ۋە شۇنداقلا ھەسەن ئەلبەسرى قۇرئانى ئىرفان مەكتىۋىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ۋەكىلى ھېساپلانغان ھارىس ئەل – مۇھاسبى، ئۆزىنىڭ « ئەررىئايە » ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭدىن مۇنداق سۆزلەرنى نەقىل قىلغان:

« جەندە ( يۇڭ كىيم ) كىيگەن كىشىنىڭ كىبرى، يىپەك كىيىم كىيگەن كىشىنىڭكىدىن ئارتۇقتۇر ».

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ، تەركىدۇنيالىق ئالامىتى بولغان جەندە كىيىۋالغان فەرقاد ئەسسۇبھى ئىسىملىك زاھىدقا قارىتا ئېيتقان شۇ سۆزىنى، ئەبۇ نۇئەيىم « ھىليە » سەرلەۋھەلىك ئەسىردە نەقىل قىلغان:

« ئېرىشىشكە تىگىشلىك مەرتىۋىگە ھەقىقەتەن ئېرىشكەن بولساڭ، ئۇچاڭغا كىيىۋالغان شۇ يۇڭ (جەندىنى ) كىيىمىڭنى پارچە – پارچە قىلىپ تاشلىۋېتەتتىڭ ».

ئۇنىڭ تەقۋا ئۇقۇمى ھەققىدىكى ئىزاھاتىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە تەقۋانىڭ ئۈچ مەرتىۋىسى بار.

  1. ئاچچىقلانغان چاغدىمۇ ھەقنى سۆزلەش.
  2. ۋۇجۇد ئەزالىرىنى تىزگىنلەپ، ھارامدىن ساقلاش.
  3. قىلغان ھەر ئىشتا ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش.

ئەخلاقى خسلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل رامكىسىنى ھەسەن ئەلبەسرى ئىزاھلاپ بەرگەن دېسەك ئارتۇق بولۇپ كەتمەيدۇ:

« ئۇنىڭچە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بىر مۆمىننىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىندۇر: دىندا ساداقەت، ئېغىر  بېسىق بولۇش، ئىماندا جەزىملىك بولۇش، ئىلىمدە كەمتەر بولۇش ۋە كەمتەرلىكنىڭ ئۇلىدا ئىلىم بولۇش، دوستلۇقتا سىلىق – سىپايىلىق، يوقلۇقتا رازىمەنلىك، باياشاتچىلىقتا ئىقتىساتچانلىق، ئۆي ئەھلىگە كۆيۈمچانلىق، ئاجىزغا مەرھەمەت قىلىش، ھەق ئىگىسىگە رىئايە قىلىش، ئۆزىدە توغرۇلۇق ۋە ھەممىگە قارشى ئادالەت ۋە ئىنساپلىق بولۇش ».

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىخلاس ۋە تەقۋاسىنىڭ ئىپادىسى بولغان تۆۋەندىكى مىسال ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:

بىر كۈنى ئولتۇرغان مەجلىستە بىرەيلەن ھاياجانلىنىپ « ئاللاھ! » دەپ ۋاقىرايدۇ. ھەسەن ئەلبەسرى ئۇ كىشىگە بۇرۇلۇپ: « ئى قېرىندىشىم! بۇ نېمە قىلىق؟ بۇ قىلىقىڭدا سەمىمى بولساڭ، بىلگىنكى ئۆزەڭنى كۆرسۈتۈپ چاندۇرۇپ قويدۇڭ! ياق، ئەگەر سەمىمى بولماي، ياسالمىلىق قىلغان بولساڭ، ئۆزەڭنى ھالاك قىلدىڭ » دېگەن ئىدى.

تەسەۋۋۇپنىڭ « قۇرئانى ئېرپان »، مۇتەساۋۇپنىڭ بولسا « رەببانى ئارىف » بولغان ۋە ئەقىل دەپسەندە قىلىنماستىن باش تاجى قىلىنغان ئۇ دەۋر بىلەن، تەسەۋۋۇپنىڭ « تەفاخۇر »غا ئايلانغان ۋە ئەقىلنىڭ ئورنىنىڭ ئاياغنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېيىنكى مەزگىللەردىكى پەرقىنى، تۆۋەندىكى بېيتتىن ئەڭ يارقىن شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرمەكتە:

ھۇما ئۇچتى ئۇۋىسىدىن، ئورنىغا قويدىلار ھۇمنى،

كۆرگەنلەر دېدىلەركى توۋا، ھۇما دېگىنى بۇمۇ؟

( ھۇما – رىۋايەتلەردىكى بىر قۇش، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس )

ھەقىقەتەن ئۇ ھېچقانداق بىر تەرىقەتمۇ قۇرمىغان، قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلمۇ سالمىغان. ئۇ تەربىيلىنىش، چۈشەنچە ۋە ياشاش ئىستىلى نوقتىسىدىن بىر « زاھىد شەيىخ » بولماستىن، بىر « مۇتتەقى ئالىم » ئوبرازىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى بولغانىدى. ئۇ تەركىدۇنيالىقنى ئەمەس تەقۋانى؛ « بىر دوسىت بىر خانىقا » چۈشەنچىسىنى ئەمەس، « ئەمىربىلمەرۇف نەھى ئەنىلمۇنكەر ( ياخشىلىقنى بۇيرۇپ، يامانلىقتىن يېنىشقا نەسىھەت قىلىش ) مەسئۇلىيىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان » ئىدى. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا كەشىپ ( بايقاش )نى ئەمەس، ئەقلىنى قۇرئان بىلەن بەرپا قىلىشنى ئالدىنقى قاتارغا قويغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ يېنىدا « پالانى كىشى ئاجايىپ سالىھ كىشى ئىكەن » دېيىلگەندە، ھەر زامان سورايدىغان سۇئالى: « ئەقلى ئىقتىدارى قانداغراق ئىكەن؟ » بولغانىدى. ئۇ خىيالنى ھەقىقەتنىڭ، چۈشنى كۆز بىلەن كۆرگەننىڭ، ئىلگىرى كۆرۈلمىگەننى مۆجىزىنىڭ، مۆجىزىنى ئىستىقامەت ( توغرا يول )نىڭ، خىلۋەتنى جامائەتنىڭ، كەمبەغەللىكنى تىرىشچانلىقنىڭ، چۈشەنچىنى ھېكمەتنىڭ ئورنىغا قۇيۋالمىغان ئىدى.

ئۇنى ئوبدان تونۇيدىغان يۇنۇس بىننى ئۇبەيدنىڭ شۇ گۇۋاھلىقى، ئىشىنىمەنكى چوقۇم سىزنىمۇ تەسىرلەندۈرمەي قالمىسا كېرەك: « ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ناماز ئوقۇغاندا سەجدىگە بارغان ھالىتى، ئارقىسىدىن قارىغان ئادەمگە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىنىڭ جاللاتنىڭ قىلىچىغا بېشىنى تۇتۇپ بېرىۋاتقان مەنزىرىسىنى ئەسلىتەتتى. جەھەننەم خۇددى پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندەك  مۇئامىلە قىلاتتى » ( ئەل – مائارىف ).

ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە چوڭ ھەجىمىلىك بىر كىتاپ يازغان ئىبنۇل جەۋزىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۇنى كۆرگەنلەر پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ غەم – قايغۇسى، جاپا -مۇشەققەتلىرى ئۇنىڭ يەلكىسىگە ئارتىلغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئۇ نامازدىكى « خۇشۇ »نى « قەلب ئۈچۈن ھەمىشە زۆرۈر بولغان بىر قورقۇ » دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ئۆلۈمدىن قورققان بىر كىشىگە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:

« بايلىقىڭنى ئارقاڭدا تاشلاپ قويغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇۋاتىسەن. بايلىقىڭنى ئالدىنئالا ئەۋەتكەن بولساڭ، ئۆلۈمدىن ئەنسىرمىگەن بولاتتىڭ ».

جابىر بىننى زەيد، بەسىرە نىڭ ئالىمى بولۇپ، بىر كۈنى ھەسەن ئەلبەسرى كېلىۋاتقاندا: « شۇ كېلىۋاتقان ئادەم شۇنداق بىر كىشىكى، ئاخىرەتتىن ھازىرلا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ » دېگەن ئىدى.

ئاخىرەتكە بولغان مۇستەھكەم ئىمانى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن قىزغىنىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرگە قارىتا مۇنداق دەيتتى: « سىلەرنىڭ دىنىڭلار تىلىڭلارنىڭ ئۇچىدا، ئىچىڭلاردىن بىرسىگە » ھېساپ كۈنىگە ئىشىنەمسەن؟ » دەپ سورالسا، » ئەلۋەتتە » دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھېساپ كۈنىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ ».

ئۇ ئەخلاق بىلەن بىلىمنى، ئىلىم بىلەن ئېرپاننى، ھايات بىلەن ئىماننى، سۆز بىلەن ئەمىليەتنى، جاسارەت بىلەن تەمكىنلىكنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئىلمىنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرغان، ئېرفاننى كامالەتكە يەتكۈزگەن، ئەقلى شامىل ( كەڭ دائىرلىك مۇلاھىزە قىلالايدىغان )، قۇرئانى ھامىل ( قۇرئاننىڭ خىزمەتكارى ) بولغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىغان كىشى ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلىماي تۇرالمايتتى. ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغانلاردىن بىرى بولغان قەتادە ئۆز دەۋرىنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ھەسەن ئەلبەسرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: « ھەسەن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرىنى پەقەت ئۇچرىتىپ باقمىدىم ». بۇنىڭغا ئوخشاش بىر سۆزنى ئابدۇلمەلىك قەتلى قىلدۇرغان، ھۆر ئىرادە مەكتىۋىنىڭ تۇنجى ۋەكىللىرىدىن بىرى ۋە ئەبۇ زەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى مابەد ئەل جۇھەنىمۇ تىلغا ئېلىپ: « مەن ئايلانغان دىيارلاردا نۇرغۇن ئالىملار بىلەن ئۇچراشتىم، بىراق ھەسەنگە ئوخشايدىغان بىرسىنى كۆرمىدىم » دېگەن ئىدى. مۇجاھىت، ئاتا ۋە تاۋۇسمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇۋاھلىقلارنى بەرگەن.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ بىر ۋەزىنى ئاڭلىغان « ئىلىمنىڭ ئانىسى » ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇنىڭ « پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ۋەز قىلىۋاتقانلىقىنى » ئېيتقان. ئەگەر رىۋايەت سەھىھ بولسا، بۇ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىلىمىزكى، سۆز جەسەت بولۇپ، ئۇنىڭ روھى سەمىمىيەتتۇر. ئاللاھ ئەمليىتى بىلەن بىردەك بولغان سۆزگە تەسىر كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سۇئاللىرىغا بىر « رىسالە » ئارقىلىق جاۋاپ بەرگەن بەسىرەلىك ئالىم ئوسمان ئەل – بەتتى: « ھەسەن بەسرىدىن باشقا، سۆزى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىرسىنى كۆرمىدىم » دېگەن ئىدى.

ئۇنىڭ تەقۋا ئاساسىدىكى دىندارلىقى ئۇنىڭ تالىپلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ۋاسىل بىننى ئاتا ۋە ئامر بىننى ئۇبەيىد. بۇ ئىككەيلەننى يېقىندىن تونۇيدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا قارىغاندا، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ئەينەن تالىپلىرىغىمۇ يۇققانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىمام ئەلبەسىرى « ئادىمىيلىكى بولمىغان كىشىنىڭ دىنىمۇ بولمايدۇ » جۈملىسىنى قۇرالىغۇدەك ئالىم كىشى ئىدى. بۇ سۆز، ئۇنىڭ ئىنسان بولۇشنى مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۇلى دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن : « قۇرئان ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر ئايال بىلەن ھەرگىز يالغۇز قالماڭلار ». بۇ ئۇنىڭ شەرئى ئۆلچەمگە قارىتا  قانچىلىك رىئايەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.