IMG_2872.PNG

دىنىي رەھبەرلىكنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىكتىن ئايرىلىشى – ئىپتىدائىي ئىلمانىزم

     تۇنجى قاراشتا بىر – بىرىگە زىتتەك كۆرۈنىدىغان سەلتەنەت بىلەن ئىلمانىيلىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت نېمە ئىدى؟ بۇنى ئىزاھلايلى.

ئىسلام سەلتەنەتنىڭ ھەر خىل شەكلىنى رەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھمۇ باشقا بارلىق نەبىلەرگە ئوخشاش سەلتەنەتنىڭ بارچە تۈرلىرىنى رەت قىلغان، دۇنياۋى رەھبەرلىكنى كەيپ – ساپا ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە ئۈستىگە ئەمەس، ئىلاھى قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە تايانغان « نۇبۇۋەت » ئۇلى ئۈستىگە بىنا قىلغان ئىدى.

سەلتەنەت زۇلۇمغا دوست، ئىسلامغا دۈشمەن ئىدى. سەلتەنەت مۇستەبىتلىككە، ئىسلام شۇرا ( كېڭەش ) غا تايىناتتى. نەبەۋى ھاكىمىيەت شاھادەتكە، سەلتەنەت پاراغەتكە تايىناتتى. نەبەۋى ھاكىمىيەتتە قانۇن باشقۇرغۇچىدىن، سەلتەنەتتە باشقۇرغۇچى قانۇندىن ئۈستۈن ئىدى. بىرى قانۇن دۆلىتى، يەنە بىرسى ئىمتىياز دۆلىتى ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، نەبەۋى رەھبەرلىكتە دۆلەت دىننىڭ ۋە ئەبەدىي نىجاتلىقنىڭ ئۇلىقى، سەلتەنەتتە دىن دۆلەتنىڭ ئۇلىقى ئىدى. سۇلتانلار دىننى سەلتەنەتلىرىگە ۋاستە قىلىپ پايدىلانغان ئىدى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككى تۈر ھاكىمىيەتتە « دىننىڭ رولى » پەرقلىق بولۇپ، تولدۇرغۇچى ۋە ئىگە ئۆزگىرەتتى. ئىسلام، نەبەۋى خىلاپەتتە دىننىڭ دۆلىتى بولغان بولسا، سەلتەنەتتە « دۆلەتنىڭ دىنى »غا ئايلىنىپ قالغانىدى.

سەلتەنەت خۇمارلىرى دىننى سەلتەنەتلىرىگە ۋاستە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىياسەتنى دىندىن ئايرىدى. ئاندىن دىنسىز قالغان سىياسەتنىڭ قولىغا دىننى تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇنىمۇ خەلىقنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلغانىدى. ئىلمانىيلىق مانا مۇشۇنداق ھالدا سەلتەنەتنىڭ ئەڭ چوڭ يانتايىقى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى، نەبەۋى ھاكىمىيەت بىلەن سەلتەنەت پېتىشمايتتى. نەبەۋى ھاكىمىيەت قانۇن دۆلىتى بولۇپ، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە تايىناتتى. بۇ قانۇن، ئەلۋەتتە مەنبەسى ئىلاھى بولغان ئىسلام قانۇنى ئىدى، ئىسلام ئىدى. بۇ قانۇن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان يەرلەردە سەلتەنەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىسلام قانۇنى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا يول قويمايتتى. چۈنكى، بۇ قانۇننىڭ روھىغا زىت ئىدى. قۇرۇلمىسىنىڭ تەقەززاسى سەۋەبىدىن، ئىسلام قانۇنى ئۆزىنىڭ ئۈستىدە باشقا بىر ھۆكۈمراننىڭ بولىشىغا يول قويمايتتى. بۇ مەيلى بىر كىشى بولسۇن، ياكى بىر ئائىلە، ياكى بىر گۇرۇپپا ۋەياكى تەبىقە بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۈستىدە باشقا بىر ھۆكۈمراننىڭ بولىشىغا قەتئىي يول قويمايتتى. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىمۇ بۇ قانۇن ئالدىدا جاۋاپكار بولۇپ، ئۇ قانۇن ئالدىدىكى ھەر كىشىنى باراۋەر كۆرەتتى. شەخس، گۇرۇپ، كوللىكتىپ، سىنىپلارنىڭ ھەقلىرى بۇ قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ قانۇن شەخسىنىڭ ئاۋامغا قىلغان زۇلمىغا كۆز يۇممىغاندەك، ئاۋامنىڭ شەخسىكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغانىدى.

بىر ھاكىمىيەتنىڭ « سەلتەنەت » بولىشى ئۈچۈن، ئىسمى چوقۇم پادىشاھلىق، سۇلتانلىق، مەلىك ( ئەمىر / كېنەز )لىك بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ، بولۇپمۇ كۈنىمىزدە ئۆزىنى كۆپ سانلىقنىڭ ھاكىمىيىتى دەپ ئىزاھلىغان دېموكراتىيەسى ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ھەتتا ئىسمى پادىشاھلىق بولغان بىلەن، تارىختا ئادالەت ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە تايانغان ھۆكۈمرانلار ( داۋۇد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ھاكىمىيىتى ) بولۇپ ئۆتكەندەك، ئىسمى دېموكراتىيە بولغان بولسىمۇ، مەلۇم تەبىقە ۋەياكى مەجلىس سەلتەنەتىگە تايانغان سىياسىي تۈزۈلمىلەرمۇ بولغان ئىدى.

ئىسمى مەيلى خانلىق بولسۇن ياكى ئولىگارخىيە بولسۇن ۋەياكى دېموكراتىيە بولسۇن، نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر سەلتەنەت بىر ئىمتىياز تۈزۈمى بولۇپ، بىر ئىمتىيازلىق تەبىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق. بۇ تۈزۈمدە دۆلەت تورتىنىڭ قايمىقىنى يا بىر شەخس ياكى بىر ئائىلە ۋەياكى بىر مەجلىس، ياكى بىر سىنىپ ياكى بىر تەبىقە يېمەكچى ئىدى. مانا بۇ نوقتىدا ئىسلام قانۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى. نەبەۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بۇنىڭغا يول قويمايتتى. چۈنكى، ئىسلام قانۇنى ئەزەلدىن  « دۆلەتنىڭ تورت »قا ئايلىنىپ كېتىشىگە يول قويمايتتى. ئىسلام رەت قىلغان بۇ ئىككى خىل چۈشەنچە، يەنى، سەلتەنەت ۋە ئىلمانىيلىق بۇ نوقتىدا ھەمكارلاشتى ۋە نەبەۋى ھاكىمىيەتنى ئورتاق دۈشمەن دەپ ئېلان قىلدى. ھەر ئىككىسى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. ئالدى بىلەن رەھبەرلىكنىڭ بۆلۈنمەس بىر پۈتۈنلىكىنى زېدە قىلدى. بۇ تۈزۈملەردە دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلىك، ھەقكە ئەمەس كۈچ – قۇدرەتكە تايانغان ئىدى. سەلتەنەت قولىدا تۇتقان بۇ قۇدرەتنى دىنىي رەھبەرلىكنى يوق قىلىش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۈچسىز قالغان دىنىي رەھبەرلىك ھەم قانسىرىدى، ھەم بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىدى.