KuranSurelirininKimlikiQRسەجدە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سەجدە، تەسلىمىيەتنىڭ ئاستىغا ۋۇجۇت تىلى بىلەن قويۇلغان ئىمزا بولۇپ، بۇ كەلىمە 15 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ۋە سۈرە بۇ كەلىمە بىلەن ئاتالغان.

تىرمىزى، جامىئۇس سۇنەن قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرىدا سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. يەنە تىرمىزىدا جابىر بىن. ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىنغان « پەيغەمبەر ئەلىف لام مىم تەنزىل ۋە تەبارەكەللەزى بى يەدىھىل مۇلكنى ئوقۇماستىن ئۇخلىمايتتى » رىۋايىتىدىن، بۇ سۈرىنىڭ يەنە باشقا ئىسىملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ رىۋايەت بۇ سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە سەجدە ئىسمى بىلەن ئاتالمىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ ۋەھىيگە قارىتا ئېتىراز ۋە تۆھمەتلىرى ھەققىدە توختالغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا ( 3 )، سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئېنىق. 13 – ئايەتتە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىدا نازىل بولغان ساد سۈرىسىنىڭ 84 – 85 – ئايەتلىرىگە قارىتىلغان ئىمالار بار. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇ سۈرىنىڭ قۇرەيش بويقۇتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.     

ئىبن ئابباستىن كەلگەن مەشھۇر قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە مەدىنىدە نازىل بولغان جۇمە – مۇنافىقۇن سۈرىلىرىنىڭ ئارىسىغا، جابىر بىن. زەيد ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ئىنشىقاق – ئەنكەبۇت سۈرىسى ئارىسىغا، باشقا تەرتىپلەردە مۇئمىنۇن – تۇر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان.  قەدىمقى تەرتىپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا سۈرىنىڭ مەزمۇنى، ئىچىدىكى ئىمالار، ھەدىس ۋە سىيەر مەنبەلىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ شەكىللەندۈرگەن ئىزاھاتلىق تەرتىۋىمىزدە، بۇ سۈرە ئەئراف – رەئىد سۈرىسى ئارىسىغا توغرا كەلمەكتە.

سۈرە مۇقەتتا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان ۋە بۇ ھەرىپلەر بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي ھەققىدە توختالغان:

« بۇ كىتاب ( قۇرئان )نىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر » ( 2 ).

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە ئىنكارچىلارنىڭ ۋەھىينى ھەزرىتى مۇھەممەد توقۇپ چىقتى دېگەن تۆھمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەردە كۆرۈلگەندەك، مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدىن كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاخىرەت ھاياتىغا بۇرايدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ ئاسمانلارنى ئالتە باسقۇچتا ياراتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 4 ). بەلكىم بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىغا ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشنىڭ بىردەمدىلا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ۋە باسقۇچتا قەدەممۇ – قەدەم ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان بولسا كېرەك. ئاسمان زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى بايانلار ئەفەق ئايەتلىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ ئېلېمېنىت نوقتىسىدىن لايدىن، بىئولوگىيلىق نوقتىدىن مەنىدىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 7 – 8 ). بۇ ئارقىلىق ئىنساننى ياراتقۇچىسى ئالدىدا كەمتەر بولۇشقا دەۋەت قىلماقتا. ھەم ياراتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئەمگىكىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش، ھەم يارىتىلىش سۈننىتى ( قانۇنىيىتى ) ئۈستىدىن ئۆزگۈرۈشنىڭ بىر جەريان تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەن. چۈنكى، 7 – ئايەتتىكى « ۋە بەدەئە خەلقەل ئىنسانى مىن تىن – ئۇ ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى » ئىبارىسىدىكى « باشلىدى » پېئىلى ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ بەلگىلىك بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى مۇنازىرىسى شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئاندىن ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان ( 10 – 14  ).

نېمە ئۈچۈن كائىنات ۋە ئىنساننىڭ، ماددىي يارىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاكامۇللىشىش قانۇنى ئاساسىدا بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلاردىن كېينىلا، ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ؟

 جاۋاپ: چۈنكى، ئاخىرەت ھاياتى دۇنيا ھاياتىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. ئىلاھىي ئەجىر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغان ئىنسان تۈرىنىڭ مەۋجۇت بولىشى، بۇ دۇنيادىكى ھايات بىلەن چەكلىك بولمايدۇ. ئىنسان دېيىلگەن بۇ شاھ ئەسەر ساھىبىنىڭ ئۇنى ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان بىلەن زىننەتلىشى، ئەسلىدە ئۇنىڭغا ماددى مەۋجۇدىيەتتىن ھالقىغان بىر ھاياتنى تەقدىر قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.  ئاخىرەت ھاياتى، ئىنساننىڭ تاكامۇللىشىش سەپىرىنىڭ « باشقا بىر » ئۆتىڭى بولۇپ، جەننەت ئىنسان تاكامۇللىشىش سەپىرىدە يېتىپ بارىدىغان ئاخىرقى مەنزىلدۇر. ئىنسان تاكامۇللىشىش سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىغا يېتىپ بارغاندا جەننەتتىن ئىبارەت مەنزىلگە يېتىپ بارغان بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق ۋە بىئولوگىيىلىك يارىتىلىشى بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن، باشقا بىر مەنبەدىن بىلگىلى بولمايدىغان ئالاھىدە بىر مەلۇمات بېرىلگەن. يەنى، ئاللاھ يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئىنسانغا ئۆزىدىن روھ پۈۋلىگەن:

ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ

« ئاندىن ئۇنى يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ، ئۆزىدىن روھ پۈۋلىدى ۋە سىلەرنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش، ھەم ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشۈنۈش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى. سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر » ( 9 ).

 بۇ ھەقىقەت ناھايىتى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە مەلۇمات بولۇپ، بۇنى پەقەت ئاللاھ لا بىزگە بېرەلەيدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرى بېشىدىكىگە ئوخشاش كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « سىلەرگە ئاڭلاش ۋە كۆرۈش، ھېس قىلىش ۋە چۈشۈنۈش قابىلىيەتلىرىنى بەخش ئەتتى » .

ئاللاھ ئىنسانغا روھ پۈۋلەشتىن بۇرۇن ئىزچىل « ئۇ » دەپ خىتاپ قىلغان. ئىنسان روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇن نەزەرگە ئالغۇدەك نەرسە ئەمەس ئىدى. پەقەت ئۈچىنچى شەخس بىرلىك ئالمىشى بىلەن خىتاپ قىلىنغان بىر شەيئى ئىدى. قاچان روھ پۈۋلەنگەن بولسا، شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاپ شەكلىدە ئۆزگۈرۈش بولغان. روھ پۋۈلەنگەن بەشەر ئەقىل ۋە ئىرادىگە ئىگە بولۇپ « ئىنسان » بولغانىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ ئۇنىڭغا بىۋاستە ۋە « سىلەر / سىز » دەپ خىتاپ قىلىشقا باشلىغان، بۇ ئارقىلىق ئىنساننى شەرەپلەندۈرگەنىدى. بۇنى بىلگۈچى ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزى ناھايىتى چوڭ نېمەتتۇر. بۇنى بىلگۈچى شۈكۈر قىلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر… بۇ سەۋەپتىن ئايەت « سىلەر ھەقىقەتەن ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر » دەپ ئاخىرلاشقان.

ئۇنداقتا، نېمە قىلىش كېرەك؟ ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە ئىرادىسىنى ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلىش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يول بار. يەنى، ئىنساننى مەجبۇرى بۇ يولغا كىرگۈزۈش. ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ مۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىغانىدى:

وَلَوْ شِئْنَا لَآَتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَاهَا وَلَكِنْ حَقَّ الْقَوْلُ مِنِّي لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ

ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەممە كىشىنى توغرا يولغا ( مەجبۇرى ) باشلايتتۇق؛ لېكىن،  ( ياخشىلار يامانلاردىن ئايرىلىسۇن ) ۋە بېكىتىلىپ بولغان« جەھەننەمنى كۆرۈنمەيدىغان ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەتلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ ( ئەسكىلىرى ) بىلەن توشقۇزۇش» ھۆكمىمنى رىئالىققا ئاشسۇن دەپ ( بۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق ) ( 13 ).

 ئۆز ئىرادە ۋە ئەقلى بىلەن توغرا يولنى تاپالمىغانلار جازاغا لايىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قىلىنغان ئىرادە ۋە ئەقىل نېمىتىگە خىيانەت قىلغان ( 12 ). ئەمما، بۇ ئامانەتكە ساداقەت كۆرسەتكەنلەرگە جەننەت مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. مانا بۇ نوقتىدا قۇرئاندىكى جەننەت ھەققىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان ئايەتلەردىن بىرسى بايان قىلىنىدۇ:

 فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

« ئۇلارنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئاللاھ جەننەت ساقلىغان ۋە ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ » ( 17 ).

ئاندىن ئۆتمۈشتە ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۆرنەك ۋە ئىبرەت  مىساللىرى تىلغا ئېلىنغان ( 23 – 26 ).

سۈرە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرغان بىر ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:

فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ

« سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ( سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن ). ئۇلار ( ئاللاھ تىن كېلىدىغان ئازابنى ) كۈتۈشكە رازى بولغانىكەن، سەنمۇ ئۇنى كۈتكىن » ( 30 ).