قەمەر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان، ئاينىڭ جىسمىي مەۋجۇتلىقىغا دالالەت قىلىدىغان « « ئاي » مەنىسىدىكى « قەمەر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

سۈرىنى ساھابىلەر « اقْتَرَبَتِ السَّاعَ » ئىسمى بىلەن ئاتىغان ( بۇخارى، تەفسىر ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئائىشەدىن مۇنداق بىر رىۋايەت نەقىل قىلىنغان: « بۇ سۈرە مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام )كە نازىل بولغان ۋاقىتتا ئويۇن ئوينايدىغان بىر كىچىك قىز ئىدىم » ( بۇخارى، تەپسىر ).

دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە بۇ سۈرە تارىق – ساد سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – يىلى نازىل بولغان تارىق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، سۈرە قۇرەيش بايقۇتى مۇسۇلمانلاردا قالدۇرغان يارىلارنى ساقايتىدىغان بىر ئۇسلۇبقا ئىگە. بۇ سۈرە ئۇ يارىلار تېخى يېڭى چىققان تىرە بىلەن ئېتىلىۋاتقان مەزگىلدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.

« سۈرە ئاخىرقى سائەت يېقىنلاشتى ۋە ئاي يېرىلدى » ( 1 ) دەپ باشلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاخىرقى سائەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆتمۈش زامان شەكلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قائىدە ئاساسىدا بىرىنچى ئايەتنى مۇنداق چۈشۈنۈش كېرەك:

« ئاخىرقى سائەت يېقىنلىشىدۇ ۋە ئاي يېرىلىدۇ ».

تابىئىنلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر ئالىم ھەسەن ئەلبەسرى ۋە ئاتا بىن ئەبى راباھ بۇ ئايەتنى قىيامەت يېقىنلاشقاندا يۈز بېرىدىغان كېلەچەك ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر دەپ چۈشەنگەن. تابىئىنلاردىن باشقا كىشىلەر ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقانلار، بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر مۆجىزە ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات دەپ قارىغان. مۇشۇنداق بىر مۆجىزىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەقىقەتەن چوڭ ۋەقەدۇر.

مۆجىزىلەر ھەققىدە قۇرئان بىزگە قايتا – قايتا بىلدۈرگەن ئىلاھى قانۇن، قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنغان:

ئىنكارچى قەۋم مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تەلەپ ئادا قىلىنىپ مۆجىزە ئەۋەتىلسە، ئۇلاردىن بۇ مۆجىزىگە جاۋابەن ئىمان ئېيتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر مۆجىزە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتا چىڭ تۇرغانلارنىڭ ھالاك قىلىنىش باسقۇچى باشلىنىپ، ھەققىدە بېرىلگەن ھۆكۈم قەتئىيلىككە ئايلىنىپ، جازالىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولغانىدى. ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭمۇ ھالاكىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغانىدى. ئەگەر مۇشۇنداق بىر مۆجىزە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن مۇشرىكلار بۇ مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئىشەنمىگەن بولسا، سۈننەتۇللاھ تەقەززاسى بويىنچە ھالاك بولماسلىقى، قۇرئان بىزگە كۆرسەتكەن ئۆرنەكلەرگە زىت كېلىدۇ. مۇنداق بىر مۆجىزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر جايىدىن كۆرۈلىشى كېرەك ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىنىڭ شاھىت بولىدىغانلىقى ئاشكارا. لېكىن، بۇنداق بىر شاھىتلىق يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق بىر مۆجىزە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى مۇتىۋاتىر دەرىجىسىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۇنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، تابىئىنلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەسەن ۋە ئاتاغا ئوخشاش نوپۇزلۇق كىشىلەر، بۇ ئايەتنى قىيامەتتە يۈز بېرىدىغان بىر ھادىسە دەپ تەپسىر قىلغان. ئەگەر مۇشۇنداق بىر مۆجىزە يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ئالىملارنىڭ بۇنداق چۈشىنىشىگە ھېچقانداق بىر پۇرسەت ۋە ئېھتىماللىق بەرگىلى بولمايدۇ.

بۇ سۈرىدىكى قىسسەلەر خۇددى ئوققا ئوخشاش سۆز قورالىدا، سۆزنىڭ كۈچىگە قارشى كۈچنىڭ باياناتچىلىقىنى قىلىۋاتقان ئىنكارچىلارغا قارىتىپ ئېتىلغان. سۈرىدە بۇ ئايەت تۆت قېتىم تەكرارلانغان:

« لېكىن، ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا ( قۇلاق سالمىغاندا ) ئازابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆردى. ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ئىبرەت ئالسۇن دەپ ئاسانلاشتۇرۇپ ( چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ) بەردۇق. ئىبرەت ئالغۇچىلار يوقمۇ؟ » ( 17 ).

چۈنكى، قۇرئان ئاللاھ نىڭ ئىدارىسىدىكى ھايات مەكتىپىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكى بولۇپ، قۇرئاندىن دەرس ئالمىغانلار ئاللاھ تىن دەرس ئالمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. ۋەھىي ئۆزىنى « دەرس ئالىدىغان جەمىئىيەتكە » بېقىشلايدۇ. دەرسنى ۋەھىي ئارقىلىق ھاياتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئالىدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: « بىرسىنىڭ قۇرئان ئوقۇشى سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. ئۇ پەقەت تىلىمىزدىكى سۆزدۇر. كىم قۇرئاننى ھاياتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىتىبار قىلىڭلار ».

فۇدايل بىن ئىياز مۇنداق دېگەن: « قۇرئان پەقەت ئۇ ئارقىلىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى. ئەمما، ئىنسانلار ئۇنى قىرائەت قىلىشنى ئەمەل دەپ قارايدىغان بولىۋالدى ».

مەزكۇر سۈرىنى مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ بۆلەككە ئايرىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى بۆلەكنى تەشكىل قىلغان ئايەتلەردە ( 1 – 8 ) يېقىنلىشىۋاتقان قىيامەت ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئىككىنجى بۆلەكتە، ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ ھالاك بولىشى بايان قىلىنغان ( 9 – 42 ). ھەزرىتى نۇھنىڭ « مېنىڭ تاقىتىم قالمىدى » دېگەن نوقتىغا كەلگەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنغان:

ئۇ رەببىگە: « ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن! » ( 10 ).

بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا « بەندىنىڭ تاقىتى تۈگىگەن يەردە، ئاللاھ نىڭ ياردىمى يېتىپ كېلىدۇ » دېگەن خوشخەۋەر بېرىلگەن.

ئۈچىنچى بۆلەك، مۆجىزىۋى بىر خەۋەر بىلەن، ۋەھىيگە قارشى چىققانلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلىنىدۇ ( 45 ). مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىلاھىي بىر پىلان ئۈستىدە يارىتىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ:

« ھەقىقەتەن بىز ھەر نەرسىنى ئىلاھىي بىر قەدەر ( ئۆلچەم ) بىلەن ياراتتۇق » ( 49 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا ئاللاھ قا قارشى بويۇنتاۋلىق قىلىغانلار مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان:

وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ

« بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن سىلەرگە ئوخشاش زېھنىيەتكە ئىگە بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، تېخىچە ئىبرەت ئالىدىغانلار يوقمۇ؟ » ( 51 ).

بۇ ئايەتنىڭ ئارقىسىدىن ئىنسانلارغا « ئى ئىنسان دىققەت قىل! شۇنى ئۇنتۇما، قىلغان ھەر ئىشىڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ! » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان:

وَكُلُّ شَيْءٍ فَعَلُوهُ فِي الزُّبُرِ (52) وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُسْتَطَرٌ (53)

« ئۇلارنىڭ قىلغان ( ياخشى ۋە يامان ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە – ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىپ ماڭىدۇ. مەيلى ئۇ ئىش چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ھەممىسى يېزىلغاندۇر » ( 52 – 53 ).