2 – پاراگراف

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مەدىنە ۋە بەسىرەدىكى يېقىنلىرى

مەدىنىدىكى يېقىنلىرى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مەدىنىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ئانچە كۆپ مەلۇماتىمىز يوق. ئەمما، بۇ ھەقتە پەقەتلا مۇلاھىزە  ئۈچۈن بەزى تېمىلارنى تىلغا ئالالايمىز.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ بالىلىق دەۋرىگە نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى شەخس كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ. ئۇلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ رەپىقىسى ئۇممۇ سەلەمە (م.667؟\61) ئانىمىز ئىدى. ئۇ ئانىسى ھايرا ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ ئىسمىنى ۋەزلىرىدە ۋە رىۋايەتلەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى. ئىككىنجى شەخس ( دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك بولسا كېرەك ) ھەزرىتى ئۆمەر بولۇپ، ساھابىلار ئىچىدىن ھەزرىتى ئۆمەرنى ۋەز – نەسىھەتلىرىدە ۋە رىۋايەتلىرىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرىمىز.

ساھابىلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلاردا ھەزرىتى ئەلى تەرەپتە تۇرغان ئۇممى سەلەمە ئانىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن، ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەلىنىڭمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەبۇزەرگە ئوخشاش ساھابىلەرنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن، بالىلىق ۋە يىگىتلىك مەزگىلىنى مەدىنىدە ئۆتكۈزگەن ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ مەزكۇر ساھابىلار بىلەن ئۇچراشمىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق بىر سۆزنى نەقىل قىلغان:

« مەن شۇنداق ئادەملەرنى كۆردۈمكى، ئۇلار كۆينەكلىرىنى ئىككىگە ئايرىپ، يېرىمىنى ئۆزى ئىشلىتىپ، يەنە بىر يېرىمىنى قېرىندىشىغا بېرەتتى ».

پەيغەمبىرىمىزنىڭ « قول ئاستىڭلاردىكى كىشىلەرگە ئۆزەڭلار يېگەندىن يېگۈزۈڭلار ۋە كەيگىنىڭلاردىن كەيگۈزۈڭلار » دېگەن تەلىماتىغا ئەمەل قىلغان ئەبۇزەر تەخەللۇسلۇق جۇندەپ بىن جۇنادەنىڭ (32/652)، دەل مۇشۇنداق بىر ھاياتنىڭ قەھرىمانى ئىكەنلىگىنى بىزگە مەلۇم. يەنە ئەلبەسرى: « بىز شۇنداق بىر ھايات كاچۈرەتتۇقكى، قېرىندىشىغا قەرىز بېرىپ تۇرغان كىشىنى بېخىل ھېساپلايتتۇق » دەيدۇ. بۇنداق  ئۆلگىلىك ئەخلاقنىڭ ساھابىلەر ھاياتىدا بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۆتمۈشتە شاھىت بولغان بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ، ئۆز دەۋرىدە تېپىلمايۋاتقانلىقىنى ئىما قىلىۋاتقانلىقى بۇ سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلى ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىك يىللىرىغا توغرا كەلگەن. ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، ھوقوق ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا بېرىلگەنىدى. بۇ ئۇمەييە ئوغۇللىرىدىن بولمىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولغان. لېكىن، ھەر ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ ئۇمەييە ئوغۇللىرىغا بولغان نارازلىق سەۋەبى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىلار ئىچىدە ھەسەن ئەلبەسرىدەك قابىليەتلىك كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتقان ھەزرىتى ئەلى، ئەبۇزەر، سەلمان، ئاممار، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ھەسەن، ھۈسەيىن، مۇھەممەد قاتارلىق كىشىلەر بار بولۇپ، بۇلار سىياسەتتە ئەقىدىنى قەبىلەۋازلىق ۋە غەنىمەتتىن ئالدىغا قويغۇچىلار ئىدى. ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ ھاكىميىتىگە قارشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغانلار مانا مۇشۇنداق ئەقىدىدىكى كىشىلەر ئىدى. كېيىنكى زامانلاردا ھەسەن ئەلبەسرى قۇرۇپ چىققان بەسىرە مەكتىۋى بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى قۇرغان مەدىنە مەكتىۋى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئىزچىل داۋاملاشقان ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەتنىڭ پىكرى جۇلاسىنى قەدەر رىسالىسىنىڭ قۇرلىرىدا ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز. مۇھەممەد بىن ئەلى قۇرغان مەدىنە مەكتىۋىدە يېتىشىپ چىققان قىممەتلىك زاتلارنى، كېيىنكى يىللاردا ئەلبەسرىنىڭ « بەسىرە مەكتىۋى »دە ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، ۋاسىل بىن ئاتا ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ دەرس سورىنىدا ئورۇن ئېلىشتىن بۇرۇن، مۇھەممەد بىن ئەلىنىڭ دەرسلىرىدە ئورۇن ئالغانىدى. مابەد ئەلجۇھانى ۋە جەيلان بىن مۇسلىملارنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا دەپ ئېيتالايمىز. مابەد ئەلجۇھانى « مەن كەزگەن يۇرتلاردا نۇرغۇن ئالىملار بىلەن ئۇچراشتىم، بىراق ھەسەن ئەلبەسرىدەك بىرسىنى ئۇچراتمىدىم » دېگەن. ھەسەن ئەلبەسرىمۇ مابەد ئەلجۇھەنى شېىھىد قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭغا، ئوغلىنىڭ ئېلىپ بارغان كۆرىشىنىڭ ۋە شاھادىتىنىڭ « ئادالەت ئۈچۈن » بولغانلىقىنى ئېيتقان.

مانا بۇ گۇۋاھلىقلار، قەدەر رىسالىسىنىڭ مۇئەللىپى بىلەن مەدىنە مەكتىۋى ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ زىچ ئىكەنلىكى ھەققىدە بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەسىرەدىكى  يېقىنلىرى

بەسىرە، « بىر – بىرىگە كىرىشىپ، تاشتەك ئۇيۇل بولۇپ كەتكەن زېمىن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بەسىرە دېڭىز  بويىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، دېڭىز قولتۇقى ساھىلىدىكى سازلىقلىرى  كۆپ بولغان، ئولتۇراقلىشىشقا مۇناسىپ بىر جايدا قۇرۇلغان شەھەر ئىدى.

پارس قولتۇقىغا جايلاشقان بەسىرە، ئەسلىدىنلا كۆپ مەدەنىيەت زىچ ئۇچراشقان بىر رايۇن دەپ تونۇلغانىدى. سۈمەر، ئاسۇر، بابىل ۋە پارس قاتارلىق قەدىمقى مىسىىپوتامىيە مەدەنىيەتلىرى بىلەن مىسىر، يۇنان، ھىنت ۋە ئەرەپ مەدەنىيەتلىرى بۇ يەردە ئۇچىرشىپ بىر -بىرى بىلەن قايناشقانىدى. بەسىرە ھەرگىزمۇ ئىچىگە چۈشكەننى ئېرىتىۋېتىدىغان بىر « ئېرىتكۈچى قازان » ئەمەس ئىدى. ئۇ مەدەنىيەتلەرنى بىر – بىرگە قىردۇرماستىن، بىرلىكتە ياشنىتىدىغان جاي ئىدى. بۇ ۋەجىدىن بەسىرەنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى كۆپ مەدەنىيەتلىك بولىشى بولۇپ، ھەر خىل رەڭ، ئوخشىمىغان پۇراقنى باغرىغا باسقانىدى.

يەمەنلىك ئەرەپلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەدەۋىلىك تۈسى كۇفەدە قانچىلىك قويۇق بولغان بولسا، بەسىرەدە « مەدەنىي » تۈسمۇ شۇنچە قويۇق ئىدى. ئەينى دەۋرنىڭ شەرت –شارائىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بەسىرە بىر ئۇقۇمۇشلۇق – زىيالىلار شەھرى ئىدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيتتى. بەسىرە ئاھالىسى تۇرمۇشىنى تىجارەت، بېلىقچىلىق ۋە  قول ھۆنەرۋەنچىلىك بىلەن قامدايتتى. بەسىرە تىجارى تاۋارلارنىڭ باشقا شەھەرلەرگە تارقىلىشىدىكى قاتناش تۈگۈنى ئىدى.

بەسىرە لاھىملەر ( 268 – 613 )نىڭ پايتەختى ھىرەنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدىكى شەھەر ئىدى. ھىرە بولسا كۈفەگە بەش كلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تارىخىي شەھەر بولۇپ، بۇ رايوننىڭ  ئىلىم ۋە پىكىر مەركىزى ئىدى. بۈيۈك پەلسەپە مەكتەپلىرى بار ئىدى. ئىسلام دەۋىتى كېلىشتىن ئاز ئەۋۋەل لاھىملار پارس دۆلىتى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندىن كېيىن، ھىرەنىڭ ئىلىم – مەدەنىيەت مىراسىىدىن ئەڭ چوڭ ئۈلۈشنى بەسىرە ئالدى. خۇددى ھىرەنىڭ ماددى مىراسىنى يېقىن ئەتراپىغا يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان كۈفە ئالغاندەك، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى بەسىرە ئالغان ئىدى.

بەسىرە ئاھالىسىنىڭ سىياسىي كۆز قارشىمۇ خۇددى بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسىگە ئوخشاش خىلمۇ – خىل ئىدى. بۇ يەردە ھەم ھاكىميەت تەرەپدارلىرى، ھەم ئۆكتىچىلەرنى قوللىغۇچىلار، ھەم بىتەرەپلەر بار بولۇپ، بىتەرەپلەرنىڭ سانى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيتتى. ئۇلار  شامغا ئوخشاش ھاكىميەت تەرەپدارى ياكى كۈفەگە ئوخشاش ھاكىميەت ئۆكتىچىللىرىدىن ئەمەس ئىدى. ھەزرىتى ئائىشە مانا بۇ سەۋەپتىن بەسىرەنى قارارگاھ قىلىپ تاللىغان بولسا كېرەك. لېكىن، بەسىرە ئاقىۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش خاراكتېرىدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاش ھاكىميەت  سېپىدىن ئورۇنغا ئالغانىدى. بۇ ۋەجىدىن بەسىرەنى يەنىلا ئەمەۋى دېسەك توغرا بولىدۇ. كۆپ خىل مەدەنىيەت دېلتىسى بولغان بەسىرە، كۆپلىگەن مەزھەپ ۋە مەشرەپكە بۆشۈك بولغان.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ شەھەر مەسچىتىدىكى دەرس ھالقىسى خۇددى بەسىرەدەكلا رەڭدار ئىدى. ئۇ چاغلاردا  فېھقى ۋە كالام مەزھەپلىرى تېخى ئوتتۇرغا چىقمىغان ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ شەرىقتە ۋە غەرىپتە « مۇتتەقىلەرنىڭ پىشىۋاسى » دەپ نامى چىققان ۋاقىتلاردا،  ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىك تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى. سەھنىدە پەقەت شىئە ۋە خارىجى قاتارلىق سىياسىي مەزھەپلەرلا مەۋجۇت ئىدى. ئۇلار مەزھەپتىن زىيادە « پارتىيە »گە ئوخشايتتى. ئەلبەسرىنىڭ دەرس ھالقىسىدا ئوخشىمىغان قىممەت – قاراش، ھەر خىل چۈشەنچە ۋە ھەر ئېقىمدىن كىشىلەر بار ئىدى. لېكىن، ئەلبەسرى « بىر كىشىلىك مەكتەپ » ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىر چۈشەنچە سىستىمېسى بار بولۇپ، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى قۇرئان ۋەھىي تەشكىل قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ پەيغەمبەر شەھرى بولغان مەدىنىدە ۋەھىيدىن ئۇزۇقلانغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىدى.

قەدەر رىسالىسى، ئۇنىڭ ۋەھىي بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتىنىڭ پاكىتى بولۇپ، ھەقىقەتەن ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مۇھىتى « ۋەھىي » ئىدى. ئۇ ۋەھىي ئوكيانىدا ئۈزگەن، بۇ ئوكيانىدىن ئۇنچە – مەرۋايىتلارنى سۈزگەن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆپكىسى ئەڭ ساغلام ۋە ئەڭ كۈچلۈك غەۋغاسى ئىدى. بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ پاكىت، ئۇنىڭدىن بىزگە مىراس قالغان قەدەر رىسالىسىدۇر.