شۇئەرا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە 224 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « شائىرلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « شۇئەرا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. ئايەتتە شامانلىقنى شائىرلىقنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزگەن، تىل سەنئىتىنى ئاللاھ قا بولغان ھەيرانلىقى يولىدا ئىشلەتمەي، ئۇنىڭغا قارشى چىققان شائىرلار ئەيىبلەنگەن.

وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ  – شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ ( 224 ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ئىبن ئابباسنىڭ قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە تاھا – نەمل سۈرىلىرى ئارىسىغا، باشقا تەرتىپلەردە ۋاقىئە – نەمل سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ تەرتىپلەرگە ئاساسلانساق، مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – ياكى 6 – يىلىدا نازىل بولغان بولىدۇ. لېكىن، سۈرىنىڭ مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ سۈرە قۇرەيش بويقۇتىنى دەۋر ئارقا كۆرنۈشى قىلغان. بەلكىم، بۇنىڭدىن بىر مەزگىل كېيىن نازىل بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ نوقتا نەزەردە تۇتۇلغاندا، مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە ئەئراف، ھۇد، ھىجر ۋە ئەنبىيا سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. لېكىن، ھېچقايسىسىدا قىسسەلەردە تەكىتلەنگەن مەسلىلەر ئوخشاش ئەمەس. بۇ سۈرىدىكى قىسسەلەرنىڭ مەركىزىدە پەيغەمبەرلەر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۈرىدە بەنى ئىسرائىل بارلىق خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سۈرىدە بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىنغان. شۇڭا، سۈرىدە ئىككىنجى شەخس بىرلىك ئالمىشى ( سەن ) ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىتاپ بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا، ۋاستىلىق ھالدا بارلىق كىشىلەرگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىدە، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغان، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىنغان پەيغەمبەرگە تەسەللىي بېرىلگەن:

لَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ

« ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزەڭنى ھالاك قىلىۋېتەي دەپ قالدىڭ » ( 3 ).

باشقىلارنىڭ ئىمانى ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلىش … ئالەملەرگە رەھمەت بەلكىم مانا مۇشۇنداق بىر ئىش بولسا كېرەك. ئىسلامنىڭ بىر شەپقەت ھەرىكىتى ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئۆرنەك بارمۇ؟ لېكىن، ئاللاھ قويغان بىر قانۇن بار. بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا، سىرىتتىن كەلگەن بىر تەلەپ بېراۋنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم كىشى ئۆزى تەلەپ قىلىشى، توغرا يولغا يۈزلىنىشى، ئاللاھ تىن توغرا يولغا باشلىشىنى تىلىشى لازىم. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ نىڭ يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمانغا مەجبۇر قىلىشى ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس. ئىنسانلار ئىمانغا مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىمان ئېيتقۇچىغا مۇكاپاتى بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى بولاتتىمۇ؟  مۇكاپات ياكى جازا، ئەركىن ئىرادە بىلەن تاللاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتتە بۇ ھەقىقەت بايان قىلىنغان:

إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آَيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ

« ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارغا ئاسماندىن شۇنداق بىر ئايەت ( ئالامەت ) چۈشۈرەتتۇقتە، ئۇلار ئۇنىڭغا ( مەجبۇرىي ) بويۇن پۈكۈپ، باش ئىگەتتى » ( 4 ).

بۇ نوقتىدا 3 – ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىنىڭ ئەقلىگە « رەسۇلۇللاھ قەۋمىنىڭ بېشىغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە كەلگەندەك بىرەر بالا كېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولغىيمىدى؟ » دېگەن سۇئال كېلىشى مۇمكىن.

رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىبراھىم پەيغەمبەرلەر ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇھ، ئاد، سەمۇد، لۇت ۋە ئەيكە قەۋمىنىڭ ئاقىۋىتى ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سۈرىدە ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن قەۋملەر ئاساسەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ئازغۇنلۇق تۈرىنى ئىشارەت قىلماقتا.

سۈرىدە بىر قانچە پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ قا دەۋەت يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قەۋمىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان ئىنكارچى پوزىتسىيىسى بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ بۇ قەۋملەرنىڭ مۆجىزىۋى ئىشارەتلەر ئالدىدىمۇ ئىنكاردا چىڭ تۇرۇشى بايان قىلىنىپ، 4 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەقىقەتنى ئىما قىلىپ ئۆتكەن. بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق قەۋمىنىڭ مۇئمىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ھالاك بولۇپ كېتەي دەپ قالغان رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىلگەن. بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئىنكارچىلىقتا چىڭ تۇرغان قەۋملەرنىڭ ھېچبىرىدە ئۈمىد يوق ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇ قىسسەلەرنىڭ مەقسىتى، ھەر بىر قىسسەدىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان ۋە سۈرىدە سەككىز قېتىم تەكرارلانغان بۇ ئايەتكە مۇجەسسەملەنگەن:

إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ (67) وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ (68)

« شۈبھىسىزكى، بۇ قىسسەدە ساۋاق ئالغۇچىلار ئۈچۈن چوڭ ئىبرەت بار. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر »  ( 67 – 68 )

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش:

  1. ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ پەرۋاسىز مۇئامىلىسىنى ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ. سەن ئىبرەت ۋە ساۋاق ئال!
  2. ئاللاھ قا ئىشەنچ قىل، ئۇنىڭ مەرھمىتى چەكسىز بىر رەببى – رەھىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما. ئاندىن سۆز يەنە بارلىق دەۋرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئانغا كېلىپ توختايدۇ. « قۇرئان نېمە؟ قانداق كەلگەن؟ كىمگە كەلگەن؟ قەيەردىن كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن نازىل بولغان؟ قانداق خىتاپ؟ » دېگەندەك بىر قاتار سۇئالغا تۆۋەندىكى تۆت ئايەت بىلەن جاۋاپ بېرىلگەن:

وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ (192) نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ (193) عَلَى قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ (194) بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُبِينٍ (195)

« شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانىدۇر. ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى. ( قۇرئان ) ئوچۇق ئەرەبى تىلدا ( نازىل بولدى ) » ( 192 – 195 ).

سۈرىدە يەنە ئىنسانىيەت سەدىقىسى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇ خىتابى بەش قېتىم تەكرارلانماقتا:

وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى رَبِّ الْعَالَمِينَ

« تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن » ( 127 ).

پەيغەمبەرلەر ھەق سەدىقىسى بولۇپ، ئۇلار ھاياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى ئۈچۈن ئاللاھ قا ئاتىغان كىشىلەردۇر. ھەقلىرىنى ۋە مۇكاپاتىنى دەۋەت قىلغان ئىنسانلاردىن ئەمەس، ئاللاھ تىن ئالغانىدى. ئالغان دېدۇق، چۈنكى ياخشى بولۇش ۋە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىش ۋە ماكاپات ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ياخشى بولۇشنىڭ ئۆزىلا بىر مۇكاپات ئەسلىدە. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى بۇ ھەقىقەتنىڭ جانلىق شاھىتى.

سۈرىگە « شائىرلار » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمنىڭ بېرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئايەتلەر سۈرىنىڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان. بۇ ئايەتلەردە ئەيىبلەنگەن شائىرلار، ساختا پەيغەمبەر قىلپىغا كىرىۋالغان « شامان » شائىرلىرى بولۇپ، ئەيبلەنگەن شېئىرلارمۇ ۋەھىينىڭ تەختىگە كۆز تىككەن ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ ئەقلىنى ئەمەس، ھېسسىي تۇيغۇسىنى نىشان قىلغان سېھىر – ئەپسۇننىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدىغان تۈردىكى شېئىرلاردۇر.

هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَى مَنْ تَنَزَّلُ الشَّيَاطِينُ (221) تَنَزَّلُ عَلَى كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ (222) يُلْقُونَ السَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَاذِبُونَ (223) وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ (224) أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِي كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ (225) وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ (226)

« سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنى ئالداشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان ھەر گۇناھكارغا چۈشىدۇ، ( يالغانغا ) قۇلاق سالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تولىسى ( باشقىلارغىمۇ ) يالغان ئېيتىدۇ. ( شامانلىق قىلىۋاتقان ) شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ( خىيال ۋە ھېس ) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلەرنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ » ( 221 – 226 ).

ھەقىقەتنى ئىزدىگەن شېئىر ھېكمەت، ھەقىقەتنى ئىزدىگەن شائىر ھەكىمدۇر. ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا كۆز تىككەن شېئىر ھەددىنى ئاشقان سۆزدۇر. سۆزنىڭ ھەددىدىن ئاشقىنى، ھەددىدىن ئاشقان ئىنساندىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەددىدىن ئاشقا شائىر شامانلىققا مايىل بولغان كىشىدۇر. قەدىمقى ھەر ئېزىشتا ۋە ھەر خىل باتىل ئېتىقادتا شامانلىقتىن بىر ئىز بار. ئىسلامدىن ئىبارەت ھەق دىن ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بولغاندەك، شامانلىقمۇ ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بارلىق خۇراپاتلىقنىڭ ئىسمىدۇر. ئەلۋەتتە، قۇرئان ھەددىنى بىلىدىغان شائىر ۋە سۆزگە بىر نەرسە دېمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى 227 – ئايەتتۇر.

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى ئاللاھ قا، ئۆزىگە ۋە شەيئىلەرگە ياتلاشقان ھەر قەۋم ۋە مەدەنىيەتنى كۈتۈپ تۇرغان ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەتتىن خەۋەر بەرمەكتە:

وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ

« زۇلۇم پاتقىقىغا پاتقانلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ » ( 227 ).

ئامەننا ۋە سەددەقنا دەيمىز يا رەببى! بىزنى ئۇ زالىملار قاتارىدىن قىلمىغىن، ئۇ زالىملارغا يۆلەنگەن زالىملاردىن قىلمىغىن!