ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ۋەقە، ۋەزىيەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ۋاقىئە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ

« يۈز بېرىشى شۈبھىسىز بولغان ئۇ قورقۇنچ ۋەقە مەيدانغا كەلگەن چاغدا » ( 1 ).

سۈرە ئاللاھ بەلگىلىگەن بۇزۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

سۈرىگە بۇ ئىسىمنى رەسۇلۇللاھ قويغان بولۇپ، بارلىق مۇسھاب ۋە ھەدىس توپلاملىرىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئارىسىدا ئۆتكەن بىر دىئالوگ، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش زامانى ھەققىدە بىزگە يىپ ئۇچى بېرىدۇ:

« ئەبۇ بەكىر:

  • چاچلىرىڭ ئاقىرىپ كېتىپتۇ يا رەسۇلۇللاھ.
  • چاچلىرىمنى ھۇد، ۋاقىئە، مۇرسەلات، ئەمما يەتەسائەلۇن، ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرات ( سۈرىلىرىدىكى ھەقىقەتلەر ) ئاقارتىۋەتتى، دەپ جاۋاپ بەردى رەسۇلۇللاھ » ( تىرمىزى ).

بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن، مەزكۇر سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىدا نازىل بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز. بۇ قۇرەيش ئېمبارگوسى باشلىنىپ بىر يىل ئۆتكەن مەزگىل ئىدى. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە مەدىنىدە نازىل بولغان ناسىر سۈرىسى بىلەن مەككىدە نازىل بولغان ئادىيات سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. باشقا تەرتىپلەردە تاھا – شۇئەرا سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاھا سۈرىسى بۇ سۈرىدىن خېلىلا بۇرۇن نازىل بولغان. بىزچە ئىنفىتار – شۇئەرا سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ سۈرە قۇرئاننىڭ مۇندەرىجىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. سۈرىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىر قىسىم رىۋايەتلەر مەۋجۇت. سۈرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىككىنجى نەسىل ( تابىئىن ) ئىچىدە ئۆتكەن مەشھۇر زاھىدى مەسرۇقتىن نەقىل قىلىنغان تۆۋەندىكى ئىپادە ئەڭ ياخشى شەكىلدە بايان قىلغان:

« كىم بۇرۇنقىلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ، جەننەت ئەھلى ۋە جەھەننەم ئەھلىنىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئەھلىنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسا، ۋاقىئە سۈرىسىنى ئوقۇسۇن » ( ئىبن ئاشۇر ).

بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نوقتا شۇ: مەسرۇقنىڭ سۈرىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرى، سۈرىنىڭ مەزمۇنى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ پەزىلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سۈرىنى تىلاۋەت قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى چۈشۈنۈش شەرت. چۈشۈنۈش پەقەت لەبزىنى تەلەپپۇز قىلىش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

سۈرە ئاخىرقى سائەت ھەققىدىكى ئاگاھلاندۈرۈش بىلەن باشلانغان بولۇپ، پەقەت مېھمان ( ئىنسان )لا ئەمەس، ئۆتەڭ ( دۇنيا )نىڭمۇ ئۆلۈملىك ئىكەنلىكى ئىما قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش خەۋپىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ ( 1 – 6 ). ھايات ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىسىدىكى بىر مۇسابىقە بولۇپ ( 7 – 14 )، بۇ مۇسابىقە بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. كىشى تاللىشىغا قارىتا يەنە بىر ئالەمدە مۇكاپات ياكى جازاسىنى ئالىدۇ ( 15 – 56 ). ئىنكار قىلىشنىڭ تۇزكورلۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئىلاھ يارىتىلىش ۋە ئىنساننىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان نېمەتلەرگە كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلىدۇ. ئىنكار قىلىشنىڭ تىگىدە شۈكۈرسىزلىك، ئۇنىڭ تىگىدە قىممىتىنى بىلمەسلىك ياتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 57 – 74 ).

سۈرىدە ئىنسانلار ياخشىلار، يامانلار، ئاۋانگارت ياخشىلار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ياخشى – يامان چۈشەنچىمىزنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ياخشىلارنىڭ ياخشى ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، ئەسلىدە ئاۋانگارت ياخشىلارنىڭ بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئەسكى، ئانىسىدىن ئەسكى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولىدۇ، ناچار مىجەز – خۇينى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ياخشىلارمۇ ئەسكىلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئاۋانگارت ياخشىلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بولماقتا. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاۋانگارت ياخشىلار قاتارىغا كىرىدۇ. سۈرە بۇ ئۈچ تۈرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

فَأَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ (8) وَأَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ (9) وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ (10) أُولَئِكَ الْمُقَرَّبُونَ (11) فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ (12) ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ (13) وَقَلِيلٌ مِنَ الْآَخِرِينَ (14) عَلَى سُرُرٍ مَوْضُونَةٍ (15) مُتَّكِئِينَ عَلَيْهَا مُتَقَابِلِينَ (16) يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ (17)

«  ( بىر تۈركۈم كىشىلەر ) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ ( ئۇلار نامە – ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ) ئادەملەردۇر. ( بىر تۈركۈم كىشىلەر ) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ ( ئۇلار نامە – ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ) ئادەملەردۇر. ( يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ياخشى ئىشلارنى ) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، ( ئۇلار جەننەتكە ) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئۇلار چەكسىز نېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتلەردە ئاللاھ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىلگىرىكىلەردىن، بىر قىسمى كېيىنكىلەردىن بولىدۇ. ئۇلار ئەمەلىنىڭ مەھسۇلى بولغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. ( قېرىماي )  ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان ياشلار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ » ( 8 – 17 ).

ئاۋانگارت ياخشىلار ياخشىلىقتا ھەمىشە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئاللاھ قا يېقىن بولغانلاردۇر، يەنى « مۇقەررەبۇن » دۇر. ئۇلار چەكسىز نېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتلەرگە لايىق بولغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆتمۈشتىكىلەردىن، بىر قىسمى كېيىنكىلەردىن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ « بىر قىسمىغا » پەيغەمبەرلەرمۇ كىرىدىغان بولۇپ، پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇنقىلاردىن، بىر قىسمى كېيىنكىلەردىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردە، چەكسىز نېمەتلەر بىلەن تولغان ۋە ئەبەدىي سائادەت مەركىزى جەننەت ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بايان قىلىنغان ( 18 – 26 ). بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان نېمەتلەر، خۇددى ئاۋانگارت ياخشىلارنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. دۇنيادا ياخشىلىققا ئالدىراپ ئاقارتقان چاچلىرى، ئاخىرەتتە ئۆلۈمسىز يىگىتلىك بولۇپ ئۇلارنى كۈتمەكتە. دۇنيادا ياخشىلىق كۆپەيسۇن دەپ، ئۆزىنى مەھرۇم قىلغان نۇرغۇن مۇباھلار، ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئەبەدىي ۋە مۇتلەق گۈزەللىك بولۇپ قايتىدۇ. دۇنيادا ياخشىلىققا ئالدىراپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت تاپالمىغان ئورۇندۇقلار، ئاخىرەتتە ئۇلارغا « ئەبەدىي ھوزۇر تەختلىرى » بولۇپ قايتىدۇ. ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان شادلىقلىرىنى ئۇ تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تەڭ بەھرىمان بولىشىدۇ. دۇنيادا ئاۋانگارت ياخشىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ۋاز كەچكەن ھالاۋەت ۋە ئالىي تۇرمۇش، ئاخىرەتتە جەننەت ھاياتىنى تاماملايدىغان چەكسىز ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇلارغا بېرىلىدۇ.

ئاندىن پەقەت « ياخشىلارنىڭ » مۇكاپاتلىرى بايان قىلىنغان ( 27 – 40 ). ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار ئارىسىدا، ئەڭ ياخشىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرى ئاۋانگارت ياخشىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكى بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئاندىن يامانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايان بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدا قىلغان يامانلىقلىرى جانلىنىپ ئالدىغا كەلگەنىدى. دۇنيا ھاياتىدا بوغزىدىن ئۆتكەن ھەر ھارام لوقما ۋە زۇلۇم، ھەر ھارام يېمەك – ئىچمەك، ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئىچىدىن ئازاپلايدىغان كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت، يۈرەك داغلىغۇچى ئۈمىتسىزلىك بولۇپ ئىگىسىگە قايتىدۇ. ھەر يامانلىقى، ئىچىنى بوغىدىغان بىر سايىدەك ئۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ ( 41 – 44 ).

ئۇلاردىكى ئاساسلىق مەسىلە بىر دۇنيالىق چۈشەنچىسى بولۇپ، ھېساپ كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھايات ياشاشنى ئويلاشمىغانىدى. دۇنيادا دەپسەندە قىلغان ئىلاھىي چەكلىمىلەر، ئۆلۈمدىن كېيىن روھلىرىغا زەھەرلىك جەھەننەم دەرىخىنىڭ مېۋىسى غىزا سۈپىتىدە بېرىلىدۇ ( 51 – 52 ). چۈنكى، ئۇلار ئىچىگە ئاللاھ ئېمتىھان مەقسىتى بىلەن تۇغۇلۇشتىلا فىترىتىگە تىككەن جەننەت دەرىخىنى سۇغۇرۇشنىڭ ئورنىغا، جەھەننەم دەرىخىنى سۇغاردى. دۇنيادا قەيەرگە مەبلەغ سالغان بولسا، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇلار دۇنيادا گۇناھقا تويمىغانىدى، ئاخىرەتتە دۇنيا ھاياتىدا قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ زەھەرلىك شەربەتلىرىنى خۇددى سۇغا تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىدۇ ( 54 – 55 ).

رەھمىتى چەكسىز بولغان رەھمان، بەندىلىرىنىڭ زەھەرلىنىشىگە رازى ئەمەس. شۇڭا بۇ بۆلەكتىن كېيىن پۈتۈن ئىنسانلارغا خىتاپ قىلىدۇ:

نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ (57) أَفَرَأَيْتُمْ مَا تُمْنُونَ (58) أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ (59) نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ (60)

« بىز سىلەرنى ياراتتۇق. ( ئى ئىنسانلار ) بۇ ھەقىقەتنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلمايسىلەر؟ سىلەر ( ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ) تۆكۈلگەن مەنى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇنى سىلەر ياراتتىڭلارمۇ ياكى بارلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسىمۇ بىزمۇ؟ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈم قانۇنىنى بىز بەلگىلىدۇق، بىز ئۇنى ھەرگىز بۇزمايمىز » ( 57 – 60 ).

بۇ نېمەتلەر ئەسلىتىلگەندىن كېيىن، بىر تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:

« ئۇنداقتا ھەر ئىشنى ئەزىمەتلىك رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قىلغىن! » ( 74 ).

بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشى رەببىنىڭ ۋەھىيسىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ « خىتاپ قىلىنغۇچىنى / ئەمەل قىلغۇچىنى قىممەتكە ئىگە قىلغۇچى بىر خىتاپتۇر » ( 77 ).

ۋەھىينىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتى ئىنسانغا نېمەتنى بەرگۈچىنى ئەسلىتىشتۇر. مانا بۇ سەۋەپتىن ۋەھىينى ئىنكار قىلىش، ئىنكار قىلغاندىن مەنپەئەتلىنىشتۇر « سىلەر مانا مۇشۇنداق قىلىپ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشنى ئۆزەڭلارغا ئوزۇقلۇق قىلىۋالىسىلەر » ( 82 ).

مانا بۇ يەردە بىر بۆلەك باشلىنىدۇ ۋە قۇرئاندا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان سەكرات مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ:

وَتَجْعَلُونَ رِزْقَكُمْ أَنَّكُمْ تُكَذِّبُونَ (82) فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ (83) وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ (84) وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْكُمْ وَلَكِنْ لَا تُبْصِرُونَ (85) فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ (86) تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (87) فَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُقَرَّبِينَ (88) فَرَوْحٌ وَرَيْحَانٌ وَجَنَّةُ نَعِيمٍ (89) وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ (90) فَسَلَامٌ لَكَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ (91) وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُكَذِّبِينَ الضَّالِّينَ (92) فَنُزُلٌ مِنْ حَمِيمٍ (93) وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ (94) إِنَّ هَذَا لَهُوَ حَقُّ الْيَقِينِ (95)

« مۇشۇنداق بىر خەۋەر / سۆز ( قۇرئان )نى سىلەر كىرلەتمەكچىمۇ؟ بۇ ئارقىلىق سىلەر ھەقىقەتنى يالغانغا چىقىرىشنى ئۆزەڭلارغا غىزا ھالىغا كەلتۈرمەكچى شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا ( سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتتا ) نېمە بولىدۇ؟ سىلەر ئۇنىڭ ( ھەقىقەتنى / قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ) بېشىدا قاراپ تۇرىسىلەر. بىز ئۇنىڭغا سىلەردىنمۇ بەكرەك يېقىن بولىمىز، لېكىن سىلەر بىزنى كۆرەلمەيسىلەر. ئەگەر سىلەر بىزگە تۇغۇلۇشتىن قەرزدار ئەمەسلىكىڭلارغا ئىشەنسەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردا راستىچلى بولساڭلار، قېنى ئۇنداقتا ھاياتنى مېيىتقا قايتۇرۇپ بېرىڭلار.  ئەگەر ئاللاھقا مۇقەررەبىين / يېقىن ( تائەت – ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچى )لاردىن بولساڭلار، ( جايىڭلار ) ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان ھوزۇر، چەكسىز رىزىق ۋە شادلىققا تولغان جەننەتتە بولىسىلەر. ئەگەر سائادەتمەنلەردىن بولساڭلار، ( ئى ) ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغۇچى بەختىيار كىشى: ساڭا سالام بولسۇن! ئەگەر ئۇ، ئىنكار قىلىپ توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىرى بولغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسى يۈرەك داغلايدىغان ( ئۈمىتسىزلىك ) دوستىخېنىدا كۈتۈۋېلىنىش ۋە شىددەتلىك ئوتقا ( جەھەننەمگە ) تاشلىنىش بولىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر » ( 82 – 95 ).

سۆز ھالىتىدە ئالدىمىزغا قويۇلغان ھەقىقەتنى يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلغان كىشى، بىر كۈنى چوقۇپ خەۋەر بېرىلگەن بۇ ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىدۇ ( 95 ).  سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلشقا چاقىرىلغان:

فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ (96)

ئۇنداقتا ( ئى ئىنسان! ) ھەر ئىشنى ئەزىمەتلىك رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن قىلغىن.