گەرچە بۇ بۆلەكتە دېيىلمەكچى بولغان سۆز بىر كىشى ( ۋەلىد بىن مۇغىرە ) ئۈسىتىدىن دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، 11 – ئايەتتە خىتاپ كۆپلۈك شەكلىدە كەلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر خىتاپ يەنە قەلەم سۈرىسى 44 – ئايەتتە كەلگەن:

فَذَرْنِي وَمَنْ يُكَذِّبُ بِهَذَا الْحَدِيثِ – بۇ سۆز ( قۇرئان ) نى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن.

شۇڭا قۇرئان بىر كىشى ياكى بىر مىسال ئۈستىدىن كۆپچىلىككە خىتاپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن قۇرئاندىكى خىتاپلارنى مەلۇم شەخس ياكى قەۋمگە مەھكۇم قىلىپ تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مەقسەت كاپىرلار ئۈستىدىن بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچى كىشىلەر ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئىچىمىزدىن بۇنى ئىنكار قىلغانلار بارمۇ – يوق؟ بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىنىپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى، كۈنىمىزدە كىشىگە ئايەت بىلەن خىتاپ قىلساڭ؛ سەن بۇ مەسىلىدە مۇنداق ئويلايسەن، ئەمما قۇرئاندا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ئايەت بار، دېسەڭ، ھېچ تەپ تارتماستىن « ئۇ ئايەتنى قوي، ماڭا ئايەتتىن سۆز قىلما. ماڭا مۇنچىلىك ئايەتتىن دەلىل كەلتۈرسەڭمۇ ئۇنىڭغا ئىتىۋار قىلمايمەن » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ كىشىگە ئايەت ئوقۇساڭ، چىراي ئىپادىلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭغا ھەج سۈرىسىنىڭ 72 – ئايىتىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئاۋارە بولماڭ. ئۇلار سىزدىن ھەقىقەتنى ئاڭلاشتىن قورقىدۇ ۋە خاتالىرى بىلەن مەغرۇرلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا، سىزدىن توغرىسىنى ئاڭلاشقا قىزىقمايدۇ.

وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آَيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ تَعْرِفُ فِي وُجُوهِ الَّذِينَ كَفَرُوا الْمُنْكَرَ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِالَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ آَيَاتِنَا قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَلِكُمُ النَّارُ وَعَدَهَا اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَبِئْسَ الْمَصِيرُ

كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە ( قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكتىن ) ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئېيتقىنكى، « سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر. ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان! ».

قۇرئاندا دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت شەخىسلەر ئۈستىدىن ئەمەس، خاراكتېرى، قىلمىش ئۈستىن بايان قىلىنىدۇ. مۇددەسسىر 12 – ئايەت بۇنىڭ مىسالى.

وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا – ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم. يەنى ۋەلىد بىن مۇغىرە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارغا نۇرغۇن مال بەردىم دەيدۇ ئاللاھ.

مَمْدُودًا – كەلىمىسى « ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، ئازىيىپ قالمايدىغان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەلىد بىن مۇغىرە ( ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار )نىڭ مال – مۈلكىنىڭ ھەر يىلى كۆپىيىپ ماڭغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىۋاتىدۇ.

بۇ ئايەتتە ئۇ مال مۈلۈكنى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ وَجَعَلْتُ لَهُ– مەن بەردىم، دەيدۇ ئاللاھ. بۇ ئارقىلىق ھېچكىم بۇ مال مېنىڭ ئىدى دېمىسۇن، دەيدۇ.

مالنى بەرگۈچىنى ئۇنتۇپ قالساڭ، ئۆزەڭنىڭ بىر ئامانەتچى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ، مالنىڭ ئىگىسى دەپ ئويلاپ قالىسەن؛ مالنىڭ سېنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇنى مەن قولغا كەلتۈردۈم دەپ ئويلاپ قالىسەن. بۇنداق ئويلاپ قالغانلار، مالنىڭ خوجايىنى بولمايدۇ، مالغا ئائىت بولۇپ قالىدۇ. كىشى مالغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ يولىدا شەرتىگە ماس ھالدا سەرپ قىلغان بولسا، مەھشەردە ئۇ سەرپ قىلغان ماللىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، مەھشەردە ئۇ مال ئۇنىڭغا بالا بولىدۇ، بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ زېھنىگە مالنى بەرگۈچىنىڭ « ئاللاھ » ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا ۋە مالنى مەن ئۆزەم تاپتىم دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

بىر ئىنسانغا بېرىلگەن مالنىڭ كۆپلىكىنى ئۇنىڭ پايدىسىغا دەپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ مال ئامانەتتۇر. كۆپ مالنىڭ ھېسابىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئېغىر بولىدۇ. مال – مۈلۈكنىڭ كۆپلىكى پەخىرلىنىش سەۋەبى ئەمەس. شۇنى ئۇنتۇماڭ، سىزگە بېرىلگەن مالنىڭ ھەر سىنتىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز. ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ ئازايتىش، ئاخىرەتتە شۇ كىشىنىڭ ھېسابىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ، بۇ ئەڭ توغرا بولغان پوزىتسىيەدۇر.

قۇرئاندا، مال ئەخلاقى، ئىنفاق ئەخلاقى ۋە مالدىن بىرگە بەھرىمان بولۇش ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئايەت بار. بۇ ئايەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇلغان ۋاقىتتا كىشىگە پايدا قىلىدۇ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

وَبَنِينَ شُهُودًا – ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللار بەردىم.

بۇ ئايەتتە پەرزەنتنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش، كۆپلىك بىلەن پەخىرلىنىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ (1) الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ (2)

مال – مۈلكىنى يىغىپ، بىرىكتۈرگەن ۋە ئۇنى توختىماي ساناپ ئولتۇرغان كىشىلەر ( ھۇمەزە سۈرىسى ).

بۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ھەر خىل قاش – كۆز، قول ھەرىكەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى مەسخىرە قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ غورۇرىغا تىگەتتى. ئىنسانلارنىڭ غورۇرىغا چىقىلغان، ئۇلارنى كەمسىتكەنلەرنىڭ بارىدىغان جايى ھۇتەمە جەھەننىمىدۇر. « ھۇتەمە – داغلىغان، سۆڭەكتىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئالەمدە كىم كىمنىڭ غورورىنى سۇندۇرغان بولسا، بىلسۇنكى، ئۇ ئالەمدە ھۇتەمە جەھەننىمىدە شىددەتلىك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.

قۇرئاندا تەكاسۇر سۈرىسى بار، بىلىسىلەر.

أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ

كۆپلىك، كۆپەيتىش تۇيغۇسى ئۇلارنى شۇنچە غەپلەتتە قالدۇردىكى، يەنى مەككىلىك مۇشرىكلەر ئۈستىدىن ھەممە كىشىگە خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپلىك، كۆپەيتىش تۇيغۇسى سىلەرنى شۇنچە مەغۇل ئەتتىكى:

حَتَّى زُرْتُمُ الْمَقَابِرَ

تاكى مازارلىقلارنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا قەدەر. يەنى ئۆلۈپ مازارغا كىرگىچە مال – مۈلۈك، پەرزەنت كۆپلىكى تۇيغۇسى بىلەن ھاياتىڭلار ئۆتۈپ كەتتى. بۇ سىلەر ئۈچۈن بىر پالاكەت بولدى.

تەكاسۇر سۈرىسىنىڭ داۋامىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئايەتلەر بۇ ھەۋەسنىڭ، خىرسنىڭ نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ئۇ ھەقتە توختالمايمەن. بىر ئايەتنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەي، ھەدىد سۈرىسى 16 – دىن 20 – ئايەتكىچە بولغان بۆلەكتە، 20 – ئايەتتە ئاللاھ بەش نوقتىغا كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ. سىلەردىن ئۆيگە قايتىپ بارغاندا « بىزگە نېمە دەۋاتىدۇ؟ » دېگەن سۇئالنى ئۆزىڭىزگە قويغان ئاساستا 16 – ئايەتتىن باشلاپ ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مەن ئۇ تېمىغا كىرسەم، بۇ دەرسىمىز تۈگىمەي قالىدۇ. مەن 20 – ئايەتنى ئوقۇيمەن.

اعْلَمُوا أَنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَزِينَةٌ وَتَفَاخُرٌ بَيْنَكُمْ وَتَكَاثُرٌ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ الْكُفَّارَ نَبَاتُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَامًا وَفِي الْآَخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٌ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ (20)

« بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلات ( يەنى كۆڭۈل ئېچىش )تىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر » ( 20 ).

ئايەتتە ئاللاھ بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئىخچام شەكىلدە بەش نەرسە يىغىنچاقلىغان. يەنى ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال ۋە پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەت. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھاياتىمىزغا قاراپ باقايلى. ھاياتقا بۇ نوقتىلاردىن قارايمىز، مال – مۈلكىمىز تېخىمۇ كۆپ بولسۇن، بالىلىرىمىز كۆپ بولسۇن ياكى ئورۇنسىز ياسىنىشلار.

ئورۇنسىز ياسىنىش دېگەندە بىر ئىش ئىسىمغا كېلىپ قالدى، بىر كۈنى بىر تېلېۋېزۇ قانىلىدا سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باردىم. گرىمچىك گرىم قىلىش ئۈچۈن يېنىمغا كەلدى. نېمە ئىش قىلىسەن دېسەم، تېخىمۇ چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن گرىم قىلىمەن دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن « بۇ ئارقىلىق نېمىنى يوشۇرماقچى، مەن ئۈچۈن صِبْغَةَ اللَّهِ يېتەرلىك ( ئاللاھ نىڭ بويىقى ماڭا كۇپايە ) » دېدىم. ئۇ باشتا چۈشەنمىدى. « مەن قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىمەن. نېمىنى يوشۇرماقچى بولىسەن؟ » دېدىم. ئۇ: « ئىكراندا … »، مەن: « ھېچ ۋەقەسى يوق، مەن مۇشۇ پىتى چىقىمەن » دېدىم.

وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ئاللاھ نىڭ بويىقىدىنمۇ ياخشى بوياق بولامدۇ؟ ( بەقەرە، 138 ).

ماڭا نەچچە قېتىم دېدى، ئۇستاز چېچىڭىزنى بويساق دەپ. نېمىشقا؟ بۇلارنى ئاقارتقۇچى ئاللاھ دۇر. ئاللاھ ئاقىرىشىنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ، ئامەننا. ماشىنىنىڭ تاشقى كۆرنۈشىنى قانچە چىرايلىق قىلغان بىلەن، موتۇرى بۇزۇق بولسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى. شۇڭا تاشقى كۆرنۈشىڭدىن زىيادە، ئىچكى كۆرنۈشىڭگە دىققەت قىل. ئاياللارنىڭ ھۆسۈن تۈزەش ئىشلىرىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى. ئەگەر ئېلىۋېتىشى زۆرۈر بولغان بىر نەرسە بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا. ئەمما نۇرمال بىر ئىنساننىڭ ئۇ يەر، بۇ يىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ھېچ بىلەلمىدىم، ئاللاھ نىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ قەيىرىنى ياقتۇرمىدىڭ سەن؟ بەزىلەر باشقىچە كۆرنۈش ئۈچۈن، بۇرۇنىدا ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ. ئەگەر نەپەس يولىدا بىر مەسىلە بولسا، ئۇنى داۋالات، بولمىسا بۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشمە. « بۇرۇن » ھەققىدە ئاللاھ نېمە دەيدۇ، بۇنى ئەسكەرتىپ قوياي. بۇ دۇنيادا بۇرنۇڭنى سۈرۈتكۈزۈپ يۈرمە. نىسا 119 – ئايەتتە نېمە دەيدۇ، بۇنىڭغا بىر قاراپ باق:

لَعَنَهُ اللَّهُ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا (118) وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآَمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آَذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآَمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا(119)

اﷲ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن [118]. شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى اﷲ نى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ [119].

يۇقىرىدىكى ئايەتتە شەيتان ئېنىق قىلىپ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە، ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرىيدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىلغان ئىشىڭىز كىمنىڭ بۇيرىقىغا ماس كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا بىر قاراپ بېقىڭ.

سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ – ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز ( قەلەم، 16 ).

يىغىنچاقلىساق، ئورۇنسىز زىننەتلىنىش، ماختىنىش پىشىدىن ماڭماسلىق كېرەك.

مېنىڭ مانچىلىك مېلىم بار دەپ پەخىرلەنمە. پەخىرلىنىدىغان ئىشىڭ بولسا، ئىنفاق قىلغان ماللىرىڭ بىلەن پەخىرلەنگىن.

پەرزەنتىڭنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ماختانما. بۇلاردىن قانچىلىكىنى ئاللاھ يولىغا بېغىشلىيالىدىڭ؟ بولسا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنگىن. ھامىلە ۋاقتىدا قورسقىدىكى پەرزەنتىنى ئاللاھ قا نەزىر قىلالىغان ھاننەدەك بولالىدىڭمۇ؟ مەريەمگە ئوخشاش ئاللاھ قا بېغىشلانغان پەرزەنتىڭ بارمۇ؟ سانى مۇھىم ئەمەس، بىر نەپەر بولسۇن، ئۈمىد قىلىنغان تۈردىن بولسۇن.  سەن بۇنىڭغا قارا.

دۇنيا ھاياتىنى ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىش، پۇل ـ مال ۋە پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشكە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى. بۇ ھەقتە توختالغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ الْكُفَّارَ نَبَاتُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَامًا وَفِي الْآَخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٌ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ

بۇ (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر.

بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئالئىمران سۈرىسىنىڭ 14 – كەھف 46 – ئايىتىدە بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:

زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ذَلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآَبِ

ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك).

الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا (46)

ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى رەببىڭنىڭ نەزرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر، ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر.

يىغىنچاقلىساق، ئالئىمران 14، كەھف 46، تەكاسۇر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايىتى، ھەدىد 20، مۇددەسسىر سۈرىسنىڭ 13 – ئايىتى، مال – مۈلۈك يىغىش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش نوقتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگتىدۇ. ھاياتقا قۇرئان نوقتىسىدىن قارىسىڭىز، بۇ شەكىلدە كۆرىسىز. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، نېمە بىلەن پەخىرلىنىشىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەي، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى كۆرمەمدۇق؟ تەبىئىيكى، ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك. مال – مۈلكىمىز بولسا، ئۇنى ياخشى كۆرمەمدۇق؟ تەبىئىيكى، ئۇنىمۇ ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان مال، بىزنىڭ جەننەت ئوزۇقىمىز بولىدۇ. بۇ نوقتىدا ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. لېكىن، شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، نېمىنى ياخشى كۆرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى بىر ھەۋەسكە، كور خۇمارغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز، پۇتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرگە بولغان مۇھەببەت، ئۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىشكە ئايلىنىپ قالغاندا، ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ. ئاز مۇھەببەت باغلاش كېرەك بولغان نەرسىگە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ كېتىدىغان؛ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولغاننى ئاز ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىسىز.

ياخشى كۆرۈشتە، ئاللاھ نى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ نوقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك.

مۇمتەھىنە سۈرىسى بۇ نوقتىدا بىزگە نېمىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىدۇ.

« ئاشىقنىڭ كۆزى كوردۇر » دەيدىغان گەپ بار. بىر نەرسىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتسىڭىز، ئۇنىڭدىكى كەمچىللىكنى كۆرمەي قالىسىز، كۆزىڭىزى كۆرۈنمەي قالىدۇ. شۇڭا، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنىمۇ تىزگىنلەش كېرەك. چۈنكى، ۋاقتى كەلگەندە، شۇنداق ياخشى كۆرگەن بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەزىدە نەپرەتلىنىدىغان بىرسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ نوقتىدا رەسۇلۇللاھ نىڭ قانداق يول تۇتۇش ھەققىدىكى ھەدىسىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.

وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا – ئۇنىڭ ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈردۇم ( ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك ئىمكاننى بەردىم ).

مَهَّد بۆشۈك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۆشۈك بىر بوۋاق ئۈچۈن بارلىق ئىمكاننى، يەنى مۇھاپىزەت قىلىنىش، ئاتا – ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇشنى تەمسىل قىلىدۇ. بىر بوۋاق ئۈچۈن بۆشۈك قەلئەگە ئوخشايدۇ.

بۇ كىشىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا كېرەك بولغان ھەر نەرسىنى بەرگەنلىكىنى بۇ ئايەتتە بايان قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشى بۇ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلغان.

بۇ كىشى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى قۇرەيشنىڭ « رەيھان » ى، « گۈلى » دەيدىكەنتۇق. ئاللاھ ئۇنىڭغا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئۆزەڭ قولغا كەلتۈرمىدىڭ، بۇلارنى ساڭا مەن بەردىم دەيدۇ.

ئىمكانلارنىڭ ئارقىسىدا، نېمەتنىڭ ئارقىسىدا بۇنى بەرگۈچى ئاللاھ نى كۆرەلمىگەن كىشى ئەڭ چوڭ مۇسرىپتۇر ( ئىسراپخوردۇر ). ئىسراپ پەقەت مال – مۈلۈكنى، قولىدىكى ئىمكانىيەتنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلماسلىق ئەمەس. بۇ نېمەت ۋە ئىمكانلارنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ نىڭ بارلىقىنى كۆرمەسلىكمۇ بىر ئىسراپتۇر. بۇ ئايەتتە، مانا بۇنى دەۋاتىدۇ.

ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ – بۇلار يەتمىگەندەك، ئۇ يەنە چىن دىلىدىن تېخىمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ ( 15 ).

بۇ نوقتىدا فەجر سۈرىسى 15 – 16 – ئايەتكە قاراپ باقايلى:

فَأَمَّا الْإِنْسَانُ إِذَا مَا ابْتَلَاهُ رَبُّهُ فَأَكْرَمَهُ وَنَعَّمَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَكْرَمَنِ (15) وَأَمَّا إِذَا مَا ابْتَلَاهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَهَانَنِ (16)

رەببى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: « رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى » دەيدۇ. رەببى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: « رەببىم مېنى خار قىلدى » دەيدۇ.

ئىنساندا قۇرئان ئۆگەتكەن مال – مۈلۈك ئەخلاقى بولسا، مال – مۈلۈك ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نېمەتتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇ مۇسىبەتنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. بۇنى بىلىش لازىم.

رەسۇلۇللاھ قا نىسبەت بېرىلگەن بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ ھەر ئىنساندا مەۋجۇت بولغان مال – مۈلۈك ئەخلاقى نوقتىسىدىكى بىر مەسىلىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان:

« ئىنساننىڭ ئىككى ۋادى تولغۇدەك ئالتۇنى ياكى مېلى بولسا، يەنە ئۈچىنچىسىنى ئىستەيدۇ. ئۈچىنچىسى بولسا، تۆتىنجىسىنى ئىستەيدۇ. ئىنساننىڭ كۆزىنى / قارنىنى پەقەت تۇپراق تويغۇزىدۇ ».

ھەممىڭلارغا مەلۇم، يېقىندا بىر پادىشاھ ئۆلدى. ئۇنى ئىككى مېتىر خەسە بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى. پادىشاھلىقى، مال – مۈلكى قالدى.

بۇ ھاياتتا قولىڭىزدىن كەلسە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ياخشى خىسلەت بىلەن ياد قىلىنىدىغان بىر ئىزىڭىز قالسۇن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا ئوخشاش بىر دۇئايىڭىز بولسۇن:

يا رەببى! مېنىڭ ئىسمىمنى بەندىن كېيىنكىلەرگە بىر ساداقەت نىشانى قىلغىن!

مانا مۇشۇنداق بىر ئىسىم قالدۇرالامسىز؟ ئىبراھىمى ھايات مانا بۇ. ئىبراھىمى بىر ھاياتىڭىز بولسۇن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىستە ئىپادىلەنگەن قانائەتسىزلىك بۇ ۋەلىد بىن مۇغىرەدە بار. بۇنىڭغا ئاللاھ مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

كَلَّا إِنَّهُ كَانَ لِآَيَاتِنَا عَنِيدًا – ياق، ئەمدى يوق. ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.

بۇ يەردە ئىككى خىل مەنا بەرگىلى بولىدۇ:

  1. بۇ كىشى ( دۇنيا ھاياتىدا ) ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.
  2. بۇ كىشى ( دۇنيا ھاياتىدا ) ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىققانىدى.

ئۇنداق، بۇ كىشى مال – مۈلۈكنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېرىلىشىنى نەردە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟

  1. دۇنيا ھاياتىدا تەلەپ قىلىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن.
  2. ئۆزى ئىشەنمىگەن ئاخىرەت ھاياتىدىمۇ دۇنيا ھاياتىدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ بېرىلىشىنى تەمە قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرەتكە ئىشىنىشتە ئىككىلىنىپ قالغانلارمۇ بار ئىدى. بۇمۇ ئۇلاردىن بىرسى بولىشى مۇمكىن.

ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ تەمەسىغا قارىتا ھەر ئىككى ئېھتىماللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىپ، « ياق » دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىگە قارىتا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

سَأُرْهِقُهُ صَعُودًا – ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن.

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان سَأُرْهِقُهُ كەلىمىسى چىقىش قېيىن بولغان بىر تۆپە مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە مەجبۇرىي ھالدا ئۇ تۆپىگە سۆرەپ چىقىۋاتقان بىر مەنزىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى صَعُودًا كەلىمىسى بارغانسىرى قېيىنلاشقان، كۈچەيگەن مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا جەھەننەم ئازابىنىڭ يىنىكلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇمۇ ئازابنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ كەلىمىنىڭ يەنە بىر شەكلى جىن سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى تىلغا ئېلىنىدۇ:

لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ وَمَنْ يُعْرِضْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا

كىمكى رەببىڭنىڭ زىكرى ( قۇرئان / تائەت – ئىبادىتى )دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ.

بۇ پەقەت ۋەلىد بىن مۇغىرە بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغان خىتاپ ئەمەس، بۇ ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرىگەن بارلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر.

جانابى ئاللاھ سىلەرنى ۋە بىزنى بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ( ئامىن! ).

*********************

 

أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ (16) اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآَيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (17) إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ (18) وَالَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ أُولَئِكَ هُمُ الصِّدِّيقُونَ وَالشُّهَدَاءُ عِنْدَ رَبِّهِمْ لَهُمْ أَجْرُهُمْ وَنُورُهُمْ وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآَيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ (19)

مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر [16]. بىلىڭلاركى، اﷲ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق [17]. سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر، ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ [18]. اﷲ قا ۋ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار ـ ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا سىددىقلاردۇر، شېھىتلەردۇر، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ساۋابقا ۋە نۇرغا ئىگە بولىدۇ، بىرنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ۋە يالغانغا چىقارغانلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر [19] ( سۈرە ھەدىد ).