نازىئات سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سۆكۈپ چىقارغۇچىلار » ياكى « تارتىپ چىقارغۇچىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « نازىئات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ( خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىگە ) كىرىپ ( كۇپۇرنى ئۇ يەردىن ) قاتتىق تارتىپ چىقارغان ( ئاگاھلاندۇرغۇچى / غەزەپ ئايەتلەر ) بىلەن قەسەمكى! » ( 1 ).

تىرناق ئىچىدە بېرىلگەن ئىگىدىن مەلۇم بولغاندەك، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەت، ئىگىسى نامەلۇم بۆلەكنىڭ بىرىنچى ئايىتىنى تەشكىل قىلماقتا. مۇپەسسىرلەر « تارتىپ چىقارغۇچىلار » مەنىسىنى بىلىدۈرىدىغان « نازىئات »نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇ شەكىلدە چۈشەندۈرگەن. ئۇلار « پەرىشتىلەر، يۇلتۇزلار، ئوق ئاتقۇچى مۇجاھىتلار » ياكى « قەبزى قىلىنغان روھلار » دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ كەلىمىدە ئىپادىلەنگەن نامەلۇم ئىگىنى « پەرىشتىلەر » دەپ چۈشەندۈرۈش قۇرئانغا زىت كېلىدۇ. چۈنكى، قۇرئان پەرىشتىلەرنى « چىشى – قىز » دەپ قارايدىغان مۇشرىكلارنىڭ باتىل ئېتىقادىنى زۇخرۇف 19 – ئايەتتە رەت قىلىدۇ. « يۇلتۇزلار » ياكى « روھلار » دەپ چۈشەندۈرۈشمۇ يۇقىرىقىدەك خاتا. چۈنكى، بۇلارنى سوبىيكتىپلىققا ( ئىگە، مەلۇم كۈچ – قۇدرەتكە ) ئىگە قىلىش، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. ھالبۇكى ئايەتتە « مۇدەببىرات » دېيىلمەكتە. مۇدەببىر « باشقۇرغان، ئىدارە قىلغان، ئىدارە قىلغۇچى » دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى، بۇ سۈرىگە ئوخشاش بولغان زارىيات، ئادىيات، ساففات، مۇرسەلەت سۈرىلىرىنىڭ باشلىنىشىدا ئورۇن ئالغان ئىگىسى نامەلۇم سۈپەتلەرگە ئوخشاش ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە نەبە – ئىنفىتار سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سۈرە قۇرەيش ئېمبارگوس باشلانغان بىرىنچى يىلدا، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 7 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش بۇ سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنىڭ ئاخىرەت بولىشىنىڭ سەۋەبى بار. چۈنكى، ھەر نەرسىنىڭ بىر روھى بار، دۇنيانىڭ روھى ئاخىرەتتۇر.

سۈرە باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغاندىن كېيىن، ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلەك بايان قىلىنغان ( 6 – 14 ). ۋەھىي بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلغۇچىلىرىنى « ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشقا » چاقىرماقتا. بۇ ئارقىلىق ياخشىلاردىن بولۇشنى بىر سىستېمىغا باغداشتۇرماقتا. خىتاپ قىلىنغۇچىنى تەك دۇنيالىق چۈشەنچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىككى دۇنيالىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا. چۈنكى، ئاخىرەتكە ئىمان، ئىنسانغا ئاللاھ قا ئىشىنىشنى تەنبىھلەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ قا بولغان ئىشەنچ بولمىسا، ئىمان ئەخلاقىمۇ بولمايدۇ. ئاللاھ قا ئىشەنچ قىلمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئاللاھ قا بولغان ئىمانىنىڭ ئىتىبارى بولمايدۇ. ئاللاھ قا بولغان ئىشەنچنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرسى ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش. كىشى فىترىتىگە سادىق بولغان ئەھۋالدا ياخشىلاردىن بولالايدۇ. لېكىن، بۇ ياخشىلاردىن بولۇشنىڭ ئىزچىللىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش قېيىن. بۇلار بولماستىن، ياخشىلاردىن بولۇش ھايات شەكلىگە ئايلىنالمايدۇ. ياخشىلىقنى ھايات شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن « ئىمان » شەرت. ئىماننىڭ تەۋھىد – نۇبۇۋۋەت – مەئادتىن تەشكىل بولغان ئۈچ ئۇنسۇردىن ئەڭ غەيب بولغىنى « مەئاد » بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتكە ئىماندۇر. ئاخىرەتكە ئىمان، بىر كىشىنىڭ بىر ياخشىلىقنى بىرەر غەرەز ياكى مەنپەئەت تەمەسىدىن خالىي ھالدا قىلىشىنىڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ كاپالىتى بولىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان بولماستىن قىلىنغان ياخشىلىق، يا بىرەر غەرەز ياكى مەنپەئەت ئۈچۈن بولىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان بىرسى ياخشىلىقنى « خەيىر » ئۈچۈن قىلىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتماستىن ياخشىلىق قىلغۇچىغا ئاخىرەتتىن بىر نېسىۋە يوق. چۈنكى، ھېچكىم ئاچقۇزمىغان بىر ھېساپتىن كىرىم تەلەپ قىلالمايدۇ.

سۈرە ئىگىسى نامەلۇم سۈپەتلەر بىلەن ۋەھىينى ئىما قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ:

وَالنَّازِعَاتِ غَرْقًا (1) وَالنَّاشِطَاتِ نَشْطًا (2) وَالسَّابِحَاتِ سَبْحًا (3) فَالسَّابِقَاتِ سَبْقًا (4) فَالْمُدَبِّرَاتِ أَمْرًا (5)

« ( خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىگە ) كىرىپ ( كۇپۇرنى ئۇ يەردىن ) قاتتىق تارتىپ چىقارغان ( ئاگاھلاندۇرغۇچى / غەزەپ ئايەتلەر ) بىلەن قەسەمكى، ( مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىگە ) رەھمەت بىلەن تولۇپ تاشقان بىر ئۈمىتنى ئۇستىلىق بىلەن سالغان ( رەھمەت ئايەتلىرى ) بىلەن قەسەمكى! ( ئۇ ئۈمىت بىلەن ھايات دېڭىزىدا ) ئۈزگەنسىرى جانلىنىپ ئىلگىرلىگەن ( مۇئمىنلەر ) بىلەن قەسەمكى! ( ياخشىلىق يولىدا ) ئۆزئارا بەسلەشكەن باشلامچىلار بىلەن قەسەمكى! ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىشلىرىنى ئىزىغا چۈشۈرگۈچىلەر بىلەن قەسەمكى! » ( 1 – 5 ).

ئاندىن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەك باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى مۇسا ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى رەت قىلغان پىرئەۋىننىڭ قىسسەسى بايان قىلىنىدۇ:

« ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە ئىبرەت بولسۇن دەپ جازالىدى » ( 25 ).

سۈرىدە يەنە، سۆز ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەرگە ئىشەنمەيدىغانلارغا تەبىئەت ۋە كائىنات ئايەتلىرى كۆرسىتىلگەن ( 27 – 33 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز يەنە قىيامەتكە كېلىپ توختايدۇ ۋە ئىنسانغا ئاللاھ تىن باشقا ھېچكىم خەۋەر بېرەلمەيدىغان، كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئايەتلەر بىلەن سۈرە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلغۇچى ئېڭىدا ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھايات ياشاش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ:

يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا (42) فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا (43) إِلَى رَبِّكَ مُنْتَهَاهَا (44) إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرُ مَنْ يَخْشَاهَا (45) كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَاهَا (46)

« ( ئى پەيغەمبەر! ) سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟ ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى ( دۇنيادا ) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتتىگەن تۇرغاندەك ( گۇمان قىلىدۇ ) » ( 42 – 46 ).