نەبە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە قەدىمى مۇسھاب، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە « نەبە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىككىنجى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « نەبە » كەلىمىسى « مۇھىم ۋە بۈيۈك خەۋەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. « خەۋەر » كەلىمىسىمۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، بۇ ئىككى سۆز ئارىسىدىكى پەرق مۇنداق:

خەۋەر  كەلىمىسى، مۇھىم بولسۇن – بولمىسۇن ھەر خىل خەۋەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

نەبە كەلىمىسى، پەقەت مۇھىم ۋە ئاڭلىغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئاڭلىغۇچىنى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە، ئىنكاس بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدىغان خەۋەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

سۈرە ئىسمى بولغان « نەبە » ئەلۋەتتە ئاخىرقى سائەت ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرە بۇخارى ۋە بەزى تەپسىرلەردە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان. قۇرتۇبى « سۇرەتۇ ئاممە » دەپ ئاتىغان.

نەبە ۋە نازىئات سۈرىلىرى، مۇسھاپتا ۋە نازىل بولۇش تەرتىۋىدە ئارقىمۇ – ئارقا تىزىلغان. مەشھۇر بولغان قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىۋىدە مائارىج – نازىئات سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىدە مەزمۇن جەھەتتىن نازىل بولغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىپ ئۇچى يوق. ئەمما، سۈرىنىڭ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ھەققىدىكى بايان بىلەن باشلىنىشىنى، نازىل بولۇش مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز.

نازىل بولۇش تەرتىۋىگە ئاساسەن سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ 7 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەت بۇ قارىشىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ:

« قورەيشلىكلەر ئولتۇرۇپ نازىل بولغان قۇرئان ئايەتلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەستىق قىلغانلارمۇ، يالغانغا چىقارغانلارمۇ چىقاتتى. مانا بۇ ۋاقىتتا بۇ سۈرە نازىل بولدى ».

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىنساننىڭ ئەدەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنساندا ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھايات ياشىشى ئۈچۈن، ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان جاۋاپكارلىق – ئاخىرەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى؛ بۇ ئارقىلىق ئىنساننى مەيلى سۆز – ھەرىكىتى ياكى چۈشەنچىسى جەھەتتىن بولسۇن، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

سۈرە قايتىدىن تىرىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلىق بىر بالاغەت تىلى بىلەن باشلىنىدۇ:

عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ (1) عَنِ النَّبَإِ الْعَظِيمِ (2) الَّذِي هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ (3) كَلَّا سَيَعْلَمُونَ (4) ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ (5)

« ئۆز ئارا نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟ ئۇ چوڭ ۋەقەنىڭ خەۋرىنى سوراۋاتامدۇ؟ ئۇلار شۇ ( خەۋەر – قىيامەت ) ھەققىدە باشقىچە ئويدا بولىۋاتىدۇ. ھەرگىز ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، كېلەچەكتە ( ھەقىقەتنى ) بىلىپ قالىدۇ. ھەرگىز ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلار ( ھەقىقەتنى ) كەلگۈسىدە بىلىدۇ » ( 1 – 5 ).

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، ئىنسانغا بېرىلگەن نېمەتلەر ئەسلىتىلىدۇ: « ئۇيقۇڭلارنى ئۆلۈم (نىڭ سىمۋولى ) قىلدۇق » ( 9 ) ۋە « كۈندۈزنى ھاياتقا ( سىمۋول ) قىلدۇق » ( 11 ) دېگەن ئايەتلەر بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا.

سۈرىدە ئىلاھىي مۇكاپات ۋە جازا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ ( 21 – 40 ). بۇ بۆلەكتە كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان جەننەت ۋە جەھەننەم ھەققىدە تەسۋىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بىر ئەسەرى. چۈنكى، ۋەھىي پۇرسەت قولدىن كېتىشتىن بۇرۇن، خاتادىن قايتىشقا پۇرسەت بار ۋاقىتتا، ئىنساننى ئەقلى – ھۇشىنى تېپىشقا ۋە يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلىنىشكە دەۋەت ئۈچۈن نازىل قىلىنغان.

سۈرە، ئىنكار قىلغان ھېساپ كۈنى بىلەن يۈزلەشكەن بىر ئىنكارچىنىڭ پۇشايمانلىق چىقىپ تۇرىدىغان شۇ ئاچچىق نىداسى بىلەن ئاخىرلاشقان:

يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا

« كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ! » ( 40 ).