1 – باب

ھەسەن ئەلبەسرى ھەققىدە

( ھىجرى 21 – 110 ، مىلادى 642 – 728 )

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ھەسەن بەسرىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەلھەسەن بىن ئەبىلھەسەن ئەلبەسرى بولۇپ، تەخەللۇسى ئەبۇ سائىت.

قەدەر رىسالىسىنىڭ مۇئەللىپى ھەسەن ئەلبەسرى، ئەسلى پارس بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. تاباقات مۇئەللىپى ئۇنىڭ پارسچە سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا پارىسچىنى ئەسەر يازالىغۇدەك سەۋىيەدە ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دادىسىنىڭ ئىسمى يەسار بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ قۇللۇقتىن ئازات قىلىنغان دادىسىغا، ئەرەپ خوجايىنلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. مەنبەلەردە دادىسىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ « فەيرۇز » بولۇپ، ئەسلىدە مەيسانلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەيسان بۈگۈنكى ئىراق چىگرىسى ئىچىدىكى بىر ۋىلايەت بولۇپ، خىرىستىيان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان فەيرۇز، خالىد بىن ۋەلىد بىلەن قارىن بىن قاريانۇس( CarenCarinus) قۇشۇنلىرىنىڭ سىنىي (Sinyi) ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ، مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئەنسارلاردىن بىرسىنىڭ قۇلى بولغان. بۇ زاتنىڭ ئەنسارلاردىن زەيىد بىن سابىت ئىكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەت بار. لېكىن، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن نەقىل قىلىنغان ئاتا – ئانىسىنىڭ قۇللۇق ھاياتى  توغرىسىدىكى باياندا، زەيىد بىن سابىتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.

يەسار، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممى سەلەمەنىڭ ئازات قىلىۋېتىلگەن چۆرىللىرىدىن بىرى، پارس ( بۇ ئېھتىمال كۈچلۈك ) ھايرا بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ھەسەن ئەلبەسرى ئۇلارنىڭ تۇنجى پەرزەنتى ئىدى. ئىبنى قۇتەيبەنىڭ ئەسرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ھەسەن ئەلبەسرى تۇغۇلغان چاغدا، دادىسى تېخى قۇللىقتىن ئازات قىلىنمىغان. يەسار ۋە ھايرا ئائىلىسىنىڭ يەنە سائىت ۋە ئاممار ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بولغان. سائىت جىھاد ئەھلى ۋە داڭلىق ھەدىسچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئۇ ئاكىسى ئەلبەسرى قېچىپ كېتىپ ئامان قالغان ئابدۇراھمان بىننى ئەشئاس قەتلىئامىغا شاھىت بولغان. ئاللاھ ئۈچۈن كۆپ ياش توككۈچى كىشى دەپ داڭقى چىققان ئۇكىسى ئەممار زاھىتلىق يولىنى تاللىغان.

***

ھەسەن ھىجرى 21 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى ئىككىنجى يىلى ئىدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ چىگرالىرى شىمالى مىسىردىن ھىندى ئوكيانۇسقىچە، سەيلاندىن شەرقىي ئاناتولىيىگىچە كېڭەيگەن ئىدى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق شۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ھامىلە ئانىلارنىڭ تېخى قۇساقتىكى تۇغۇلمىغان بوۋاقلىرىغىمۇ مائاش بېرىلىشكە باشلانغانىدى. بۇ باياشاتلىق، ئۆزى بىلەن بىرگە ئەخلاقى چىرىكلىكنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ بالىلىق مەزگىلى مەدىنىنىڭ شىمالىدىكى ۋادىل – قۇرادا ئۆتكەن. ئائىلىسىنىڭ ئىلىم ۋە دىنغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئوغلى ھەسەننىڭ 14 يېشىدىلا قۇرئانى كەرىمنى يادلاپ بولغانلىقىدىن كۆرىۋالالايمىز. ئۇ ھاپىزلىقنى تاماملىغان يىلى ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەتلى قىلىنغان ئىدى ( ھىجرى 35 – يىلى ). ھەسەن مەدىنىدە كەلگۇسى ئارزۇ – ئۈمىتلىرىگە ئىنتىلىۋاتقان پەيىتلەردە، ھەر ئىككى تەرەپتە ساھابىلەر سەپ تۇتقان « جەمەل ئۇرۇشى » يۈز بېرىدۇ. ھەسەننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ بۇ ھادىسە بىلەن پارام – پارچە بولغانلىقىنى تەخمىن قىلالايمىز.

ھەسەن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ھىجرى  36- يىلى مەدىنىدىن بەسىرەگە ھىجرەت قىلىدۇ. ئۇ تېخى 15 ياشلىق بىر يىگىت ئىدى. قاتناشقان ئۇرۇش ۋە ھەربىي يۈرۈشلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرى بەسىرەدە ئۆتكەن. ئۇ بەسىرەگە كەلگەن يىلى دەل ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىكىنىڭ 1 – يىلى ئىدى. ئۇنىڭ بەسىرەگە كۆچۈپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا، مەنبەلىرىمىز ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار. مەسىلەن، ئىبنى ھاجەر « تەزھىب » ناملىق ئەسرىدە، ئۇنىڭ سىففىن ئۇرۇشىدىن كېيىن بەسىرەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. لېكىن، شۇ سۇئال سورالمىغان، « نېمە ئۈچۈن بەسىرە؟ ».

بۇ ھىجرەت مەيلى بىر ئائىلە قارارى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇ سۇئال مۇھىم. نېمىشقا خىلاپەتلىكنىڭ مەركىزى كۈفە ياكى ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن باياشات شەھەر شام بولماستىن، بەسىرەگە ھىجرەت قىلغان؟

بۇنىڭ سەۋەبى، يەسار ئائىلىسىنىڭ ھەم شامغا، ھەمدە كۈفەگە قارىتا بىتەرەپ تۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك. كۇفە ۋە شامغا قارىتا بەسىرە  بىر « بىتەرەپ رايۇن » خاراكتېرىدە ئىدى. مۇتەزىلەر ئىسمىنىڭ يەنە بىر مەنىسىنىڭ « بىتەرەپلەر » ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

جەمەل ۋەقەسىدە، ئۇ دەسلەپتە ھەزرىتى ئائىشە تەرەپتە تۇرغان. تۆۋەندىكى ھېكايىنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. بەيھەقى بىۋاستە ھالدا ھەسەننىڭ تىلىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: « قىلىچىمنى ئېلىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ( ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا )غا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتلاندىم. بۇ ئەسنادا ئاھنەف بىن قەيىس بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ماڭا: < قەيەرگە كېتىۋاتسەن؟ > – دېدى. مەن: < مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن > – دېدىم. ئۇ: < ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرلىكتە مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ باقمىدىڭ. ئەمدى قوپۇپ مۇئمىنلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلامسەن؟ > – دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆيۈمگە قايتىپ كېلىپ، قىلىچىمنى ئېسىپ قويدۇم » (  ئەلمەھاسىن ۋەل مەساۋى، 1، 77 ).

ئەلبەسرى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ رىۋايەتنى ئاسانلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن، جەمەل ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ جەمەلدىن كېيىنكى تۇتقان پۇزىتسىيىسىگە ئىجابى باھا بەرگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ جەمەل ۋەقەسىدىن كېيىنكى مۇئامىلىسىنى « ئالىيجاناپلىق » دېگەن. ھەممىگە مەلۇم، ھەزرىتى ئەلى جەمەل ۋەقەسىدىن كېيىن، غەنىمەتلەرنى ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، « بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ ئائىللىرىدىن نېسىۋىمىزنى بەرمەمسەن؟ » دېگۈچىلەرگە: « قايسىڭلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ( ھەزرىتى ئائىشە )نىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ » دەپ جاۋاپ بېرىپ، بۇ تەلەپنىڭ يوللۇق ئەمەسلىكىنى قۇرئانى دەلىل بىلەن رەت قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق، ئۆزىدىن كېيىنكى زالىم ھۆكۈمرانلارنىڭ  سۈيئىستىمال قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر يوچۇقنى ئەبەدىي تاقىۋەتكەن ئىدى.

ھەسەن ئەلبەسرى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇرئانى دەلىل بىلەن بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا «پاراسەت ۋە دانالىق » دەپ باھا بەرگەن. ئۇ يەنە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ « نۇھايلە »دە ئاسىيلارنى ئۆلتۇرگەنلىكىنى توغرا دەپ باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ھاكىم ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىۋىگە ماقۇل بولىشىنى تەنقىت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەلى توغرىسىدا سورالغاندا، « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلى ھەم پەزىلەت ھەم شەرەپ جەھەتتە، بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كىشى ئىدى » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مەنبەلەردە بىرلىككە كەلگەن نوقتىلاردىن بىرى شۇكى: ھەسەن ئەلبەسرى ھەزرىتى ئەلى بىلەن شام ۋالىسى مۇئاۋىيە ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن سىففىن ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىكنى تاللىغان ۋە خەلققە بۇنى تەۋسىيە قىلغان.

ھەسەن ئەلبەسرى، ھەزرىتى ئوسمانغا مايىل ئىدى. بۇ مايىللىقنىڭ دەرىجىسىنى زەھەبىنىڭ شۇ نەقلىدىن كۆرۈۋالالايمىز: « ئۇ ئەبۇ زەرنىڭ رەبەزە دېگەن جايغا خەلىپە ئوسمان تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن  ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەبۇ زەر ھەققىدە ئېيتقان : < ئۇ يالغۇز ياشايدۇ، يالغۇز ئۆلىدۇ > دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ( تارىخ 2، 115 ). بۇ نوقتىدا ئۇنىڭ ھەزرىتى ئوسمانغا بولغان مايىللىقىنىڭ، ئۇنى بىر تەرەپلىمە باھا بېرىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتالايمىز. چۈنكى، يۇقىرىدىكى مەنبەدە، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « ئاۋام ھېچقانداق بىر ئىشتا ئوسماننى ئەيىبلىمىدى » دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھالبۇكى، رىئاللىق بۇنىڭ دەل ئەكسىچە.

***

ئۇ بەسىرەدىكى ۋەز – نەسىھەتلىرىنى 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا باشلىغان بولسا كېرەك. چۈنكى، غەززالى « ئېھيا » ناملىق ئەسىرىدە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەسىرەدىكى جامىلەردىن قىسسەچى ۋائىزلارنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، ئەمما ھەسەن ئەلبەسرىگە تەگمىگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلى جەمەلدىن كېيىن كۇففەگە قايتىشتىن ئالدىدا، بەسىرەدە 15 كۈن تۇرغان ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشچە، ھەزرىتى ئەلى جامىگە كىرگەن ۋاقىتتا ئۇ ۋەز ئېيتىۋاتقان بولۇپ، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان جۈملىلەرنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي ماختىغانىدى.

ھەسەن ئەلبەسرى مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفياننىڭ 20 يىللىق ھاكىميىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوغلى يەزىدنىڭ 4 يىللىق  ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ئوچۇق – ئاشكارا قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. ئەمما، ئەھلى بەيتنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرگىمۇ قەيتسىز قالمىغان. ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادەت خەۋرىنى ئاڭلىغاندا بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ: « بۇ ئۈممەتنىڭ بېشىغا يەنە نېمە كۈنلەر كېلىدۇ؟ نائەھلىلەرنىڭ بىرى پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسىنى ئۆلتۈردى! يا رەببىم! سەن ئۇنىڭ بالاسىنى بەرگىن! » دەپ بەددۇئا قىلغان ۋە ئارقىدىنلا «زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي، قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ » ( شۇئەرا، 227 ) دېگەن ئايەتنى ئۇقۇغان.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ دۇنيا، ئەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن كېلىنلەر مىسالى زالىمدۇر » دېگەندە، ئەمەۋىلەر قولى ئارقىلىق ئايالى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەزرىتى ھەسەننى ئىما قىلغان بولسا كېرەك. يەزىد زامانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان « ھاررە » قەتلىئامىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات ئۇچراتمىدۇق، بەلكىم مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن، ئەمما بىزگە يېتىپ كەلمىدى.

مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفيان ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقاندا، ھەسەن ئەلبەسرى تەخمىنەن 25 ياشتا ئىدى. مەلۇم بولىشىچە، ئۇ رىۋايەتتە ھەم ئۇستازى ھەمدە قۇماندانى بولغان ئابدۇراھمان بىن سەمۇرا  قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇن بىلەن ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشقان. بۇ ھىجىر 43 ( مىلادى 663 ) يىلىدا شەرقى ئىران – ئافغانىستانغا قارىتىلغان ھەربىي يۈرۈش ئىدى. بۇ يۈرۈشتىن كېيىن، ئەمەۋىلەرنىڭ خۇراسان ۋالىسى رەبى بىن زىيادنىڭ كاتىپى ۋە تەرجىمانى بولغان. قاتناشقان ئۇرۇشلاردا قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، جەمئى 10 يىل داۋاملاشقان ئەسكەرلىك ھاياتى بويىنچە، نۇرغۇن ساھابىلەر بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نەقىل قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنى شۇ ۋاقىتلاردا ئىگلىگەن بولىشى مۇمكىن.

ھەسەن ئەلبەسرى بۇ سەپەردىن كېيىن، ئۆزىنى ئىلىم يولىغا ئاتىغان. قىرىق ياشقا كەلگەندە تالىپلىقتىن ئۇستازلىققا يۈكسەلگەن ۋە « ئىمام ھەسەن » دەپ ئاتالغان. پەتىۋا ۋە ئىجتىھادلىرى بىلەن ئەتراپنى نۇرلاندۇرغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئۇقۇغۇچى ھالقىسى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيگەن ۋە ئۇ ھايات تۇرۇپلا نام شۆھرىتى چىقىپ « تارىخىي » ۋە « ئەپسانىۋىي » كىشىگە ئايلانغان.

***

ھەسەن ئەلبەسىرنىڭ ھاكىمىيەتكە قارىتىلغان ئۆكتىچىلىگىنىڭ، ھاكىميەتنىڭ زۇلۇمى ۋە ئازغۇنلۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە پاراللىل ھالدا ئېشىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز. مەرۋاندىن كېيىن ئەمەۋى تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋاننىڭ ھەججاج ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان زۇلۇمى، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۆكتىچىلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 20 يىللىق ئابدۇلمەلىك ھاكىميىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان ئوغلى ۋەلىد (ھىجرى 86 )نىڭ ئىجرائاتلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە بىر قەدەر ياخشى بولغان. ۋەلىد بىر نەۋرە ئۇكىسى ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنى ئىككى ھەرەمنىڭ ئەمىرلىگىگە تەيىنلگەن. دەل بۇ مەزگىلدە ماۋارائۇننەھىر ۋە ئەندۇلۇس فەتىھ قىلىنغانىدى. ۋەلىددىن كېيىن ئىنىسى سۇلايمان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادىل خەلىپە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز تەخىتكە ئولتۇرىدۇ(ھىجرى 101-99 ). بۇ مەزگىلدە ئىمام ئەلبەسرىنىڭ ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ باسىرا قازىسى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەينى ۋاقىتتا كۈفەلىك ئالىم شەئبىمۇ كۈفە قازىسى بولغانىدى.

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن ھەسەن ئەلبەسرى ئۆزئارا مەكتۇپلىشىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مەكتۇپلارنىڭ بەزىلىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆمەر بىن ئالبدۇلئەزىز « قەدەر » توغرىسىدا ئۆزى مەنسۇپ بولغان خانىداننىڭ چۇشەنچىسىگە يېقىن تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىدە، ئەمەۋى قەدەرچىلىكىگە قارشى تۇرىمەن دەپ، ئۆكتىچى گۇرۇھقا قۇشۇلۇپ كەتكەن رادىكاللارنىڭ تەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىراق، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز شۇنداق بىر شەخس بولۇپ، پىكرى ئوخشىماسلىققا قارىماي، ئۆزىدىن كېيىن تەختكە چىققان ھىشام قانخورلارچە قەتلى قىلدۇرغان جەيلان بىن مۇسلىمنى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر تالان – تاراچ قىلغان مال – مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن تەيىنلىگەنىدى. بۇنى قىلالىغان « قەدەر ھەقشۇناس » ئۆمەر بىن. ئابدۇلئەزىزنىڭ، قەدەر ھەققىدە پەرقلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ھەسەن ئەلبەسرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ھەيران قالغۇدەك بىر ئىش ئەمەس.

ئىمام ھەسەن ئەلبەسرى مەنىۋى جەھەتتىن يالغۇز ياشىغان بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يوقلىقىدىن ئىزتىراپ ئىچىدە ياشىغان بولۇپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: « ئەتراپتا ئاۋازلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، بىراق جانۇ – كۆڭۈلدىن بىر دوست كۆرەلمەيۋاتىمەن ». ھەقىقىي يالغۇزلۇق، كىشىنى چۈشۈنىدىغان ئىنسانلارنىڭ يوقلۇقى بولماي نېمە؟

ئۇ سەكراتقا چۇشكەن ۋاقىتتا « بىز ئەلۋەتتە ئاللاھ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز » ( بەقەرە، 156 )ئايىتىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىگەن ئىدى. مەشھۇر تالىپلىرىدىن ۋاسىل بىن ئاتا، ئۇستازىنىڭ جان ئۈزگەن مىنۇتلىرىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى قىلىۋېتىپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىدى. دەل بۇ چاغدا پىشانىسىدىن تارام – تارام  ئېقىۋاتقان تەرنى سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: « ئاللاھىم! ئەمدى يۈك – جابدۇقلىرىمنى ئېلىپ بارىدىغان مەنزىلىمگە قاراپ يولغا چىقتىم. مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ نامىمدىن ئويدۇرۇلغان نەرسىلەردىن مېنى جاۋاپكارلىققا تارتما. ئاللاھىم! مەن نەبىدىن ماڭا يېتىپ كەلگەن ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلدىم، ماقۇل كۆردۈم ».

قۇشۇمچە: ئىمام ۋاسىل بىن ئاتانىڭ، ئۇستازى ۋاپات بولغاندا يېنىدا ئىكەنلىكى شاھىت سۈپتىدە بايان قىلغانلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنى توغرا دەپ قارىساق، ۋاسىلنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە « مۇتەزىلە » ئىسمىنىڭمۇ « قەد ئى تەزەلە ئننە ۋاسىل ( ۋاسىل بىزدىن ئايرىلدى ) »   سۆزىدىن ئىلھام ئالغان ئاساستا بېرىلگەن پىكرىگە شۈبھە بىلەن قاراشقا بولىدۇ. ياكى « بىزدىن ئايرىلدى » دېگەن ئىپادىنىڭ « بىزدىن باشقىچە بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى »  دېگەن مەنىدە چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.

مۇتتەقىيلەرنىڭ ئىمامى ھەسەن ئەلبەسرى 88 يېشىدا ھىجرى 110( مىلادىيە 728 ) -يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 1- كۇنى دارۇلبەقاغا سەپەر قىلغان. ئەمەۋى ھاكىميىتى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن  22 يىل  كېيىن ھىجرى 132 ( مىلادى 750 ) – يىلى مۇنقەرىز بولغان.

ئاللاھ ھەسەن ئەلبەسرىنى رھمىتىگە نائىل قىلغاي، بىزنىمۇ ئۇنىڭ سالىھ ئەمەللىرىنىڭ شاھىدى قىلغاي.