بسم الله الرحمن الرحيم الحمد لله رب العالمين والصلاة والسلام على سيدنا محمد وعلى آله وصحبه أجمعين

قېرىنداشلار سىلەرگە سالاملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ئاللاھ نىڭ سالامى بولسۇن، ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

بۈگۈن ئاللاھ خالىسا ئالدىنقى دەرسىمىزنىڭ داۋامى، يەنى مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدىن 17 – ئايىتىگە بولغان قىسمى ھەققىدە توختىلىمىز.

ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھ، ماڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى توغرا دېيىشكە لۇتۇپ قىلغاي، ئاندىن سىلەرگە ئاڭلىغانلىرىڭلارنى توغرا شەكىلدە ئاڭلاشقا ۋە چۈشۈنۈشكە ۋە ئۇلارنى ھاياتىڭلارغا توغرا شەكىلدە تەدبىقلاشقا مۇيەسسەر قىلغاي.

ئالدىنقى دەرسىمىزدە مۇددەسسر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى 7 – ئايىتى ھەققىدە توختالغانىدۇق.

مۇددەسسىر كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ كەلىمىنىڭ « ۋەھىي بىلەن ئورانغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەنىدۇق. مۇددەسسىر كەلىمىسى « ال _ ( ئەلىف لام ) » قوشۇلغان شەكىلدە كەلسە، بىۋاستە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كەلىمىنى « ال » قوشۇلمىغان ھالەتتە چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ كەلىمىنىڭ، ۋەھىي بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشىگە خىتاپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.

بىزدە قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى، كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان شۇنداق بىر چۈشەنچە بار. بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا، شۇ ئايەت پالانچىغا، ئۇ ئايەت پوكۇنچىغا مۇناسىۋەتلىك، ماڭا مۇناسىۋەتسىز دەپ تارقىتىۋىتىمىز، نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ھېچقانچە بىر نەرسە قالمايدۇ. مەن ئۇزۇندىن بىرى دەپ كېلىۋاتىمەن، بۇ سۆزۈمنى يەنە تەكرارلايمەن:

قۇرئاننىڭ بىۋاستە دېگەنلىرى بار، ئۇنى قۇرئاندىكى قۇرلارنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېمەكچى بولغانلىرى بار، ئۇنى دېگەنلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ ۋە بىز بۇنى قىلىشىمىز كېرەك. دېيىلگەن بىر سۆز ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشۈنۈپ يېتىمىز ۋە بۇ چۈشەنچە ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز. « بۇ ماڭا نېمە دېمەكچى؟ » دېگەن سۇئال ئاساسىدا قۇرئاننى ئوقۇسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىسىز، قۇرئان سىزگە مانا بۇ ۋاقىتتا نازىل بولىدۇ. بۇ ئۇسلۇبتا ئوقۇمىسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ ماڭا مۇناسىۋەتسىز دېگەن چۈشەنچە ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايسىز، بۇ توغرا ئۇسلۇب ئەمەس.

مەسىلەن، ئىسرا سۈرىسى 23 – 24 –  ئايەتتە مۇنداق بىر خىتاپ بار:

وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا (23) وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا (24)

« رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى بۇيرىيدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي ( ئۇف ) دېمىگىن ( يەنى مالاللىقنى بىلىدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن )، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلاغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە < ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىنىدەك ئۇلارىغا مەرھەمەت قىلغىن > دېگىن » ( 23 – 24 ).

23 – ئايەتتە كۆپلۈك شەكلىدە خىتاپ قىلىدۇ، يەنى « قىلىشىڭلارنى » دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن « سەن »، يەنى بىرلىك ئالمىشىنى ئىشلىتىپ شەخسىكە خىتاپ قىلىدۇ.

« سېنىڭ يېنىڭدا » ئىبارىسىدىن رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئاتا – ئانىسى يوق، يېتىم چوڭ بولغانىدى. ئەمما، قۇرئاندا جانابى ئاللاھ ئۇنىڭغا « ئۇلارغا ياخشىلىق قىل » دېدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش بۇيرۇقنى ئادا قىلىش ئىمكانى يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. بۇ يەردە ئايەتنىڭ « دېمەكچى بولغان بىر مەقسىدى بار ». ئالدىنقى ئايەتتىكى كۆپلىك شەكلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ ئايەتنىڭ ھەممەيلەنگە خىتاپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئايەتنىڭ مەنىسىگە قارىساق، ئاتا – ئانىغا « ئۇف» دېيىش مەنئى قىلىنغان. ئەمما، بۇ ئاغزى – بۇرنىنى قان قىلىۋەتسەڭ بولىدۇ، دېگەنلىك بولامدۇ؟ ياكى ئۇلار ياشىنىپ قالغاندا « ئۇف » دېمە، ياش ۋاقتىدا نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل دېگەنلىك بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ يەردە دېمەكچى بولغان نوقتىغا قارىشىمىز كېرەك. ئۇ ۋاقىتتا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.

يىغىنچاقلىساق، بىز قۇرئانغا « بۇ ئايەت ماڭا بىر نەرسە دەۋاتىدۇ » دېگەن نوقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز، دېمەكچى بولغان تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك.

بۇ نوقتىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئاللاھ رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق، ۋەھىي بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىمەكچى بولغانلارغا « قُمْ فَأَنْذِرْ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئاگاھلاندۇرۇڭلار! » دەيدۇ.

ئالدىنقى دەرسىمىزدە « ئەنزىر » كەلىمىسىنىڭ تۆت خىل مەنىسى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم. 1. تەلىغ قىلىش ( يەتكۈزۈش )، بىلدۈرۈش؛ 2. ئاگاھلاندۇرۇش؛ 3. قورقۇتۇش؛ 4. ئۆزىنى بېغىشلاش.

ئى ۋەھىي بىلەن زىننەتلەنمەكچى بولغان كىشى، ئالدى بىلەن ئۆزەڭنى ۋەھىيگە بېغىشلا. دېيىلمەكچى بولغان مەنا، ئەسلىدە بۇ. يەنى، ۋەھىيگە ئاتالغان بىر ئۆمۈرنىڭ ئىگىسى بولۇڭلار.

وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ – ئاللاھ تىن باشقا ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك بىر ئىلاھ يوق، ئاللاھۇ ئەكبەرنى يۈرىكىڭگە نەقىش قىل. ئاللاھ بىردىنبىر بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭدى غەيرى ئۇلۇغلىق ئىگىسى يوقتۇر. بۇنى ھاياتىڭغا نەقىش قىلىپ ئويغىن، كۈندىلىك ھاياتىڭدا بىخەستەلىك قىلىپ بولسىمۇ ئاللاھ تىن غەيرىنى ئۇلۇغلاشتىن ھەزەر ئەيلە. ئۇلۇغلىق پەقەت ئاللاھ قا خاستۇر، پەقەت ئۇنىڭلا ھەققى، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى يوقتۇر. نامازدىكى ئىقتىدا تەكبىرىنىڭ دەلىلىنىڭ بۇ ئايەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرىكى دەرسىلەردە قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدىم.

وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ – كىيىمىڭنى، ۋۇجۇدۇڭنى، قەلبىڭنى، شەخسىيتىڭنى، فىترىتىڭنى، چۈشەنچەڭنى پاكىز تۇت. بۇ ھەممە كىشىگە لازىم. بىر ئىنسان مېڭىسىنى شەيتاننىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، نىيەتلىرىڭلاردىنمۇ ھېساپقا تارتىلىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. پىلانلانغان نىيەتلەر، جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى 284 – ئايەت بۇنىڭ دەلىلى، « دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساپ ئالىدۇ ».

كىرىمىڭ ھالال بولسۇن، ۋۇجۇدۇڭ پاك بولسۇن، كىيىمىڭ پاكىز بولسۇن، يۈرىكىڭنى راھەتلەت، ھېچقانداق ئۈمىتسىزىلىككە چۈشمە، دېمەكچى 4 – ئايەت.

وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ – بارلىق مەينەت، پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق تۇر دەيدۇ ھەممىمىزگە.

وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ  – قىلغانلىرىڭنى جىق دەپ بىلىپ، بۇنى مىننەت سەۋەبى قىلما. ياخشىلىقىڭ يەتكەن كىشىنىڭ يۈزىگە سالما. ئۇ قىلغانلىرىڭ، سېىنىڭ ۋەزىپەڭدۇر، بۇنى ھەممىمىزگە دەۋاتىدۇ. بىر ياخشىلىق قىلىپ، « بۇنى ياخشىلىقىمنى ئۇنۇتما » دېسەڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى قۇرئان « مەن ۋە ئەزا » دەيدۇ. بىر ياخشىلىقنى قىلىپ، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە سېلىش، كىشىنىڭ ئىماندىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇنى ئۇنتۇماڭلار. بەقەرە سۈرىسى 262 – 264 – ئايەتلەر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ماھىيىتىدە.

پۇل ـ مېلىنى اﷲ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ [262]. ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ [263]. ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. اﷲ كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ [264].

وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ – پەقەت رەببىڭ ئۈچۈن سەبىر قىل. سەبرىڭ ئاللاھ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە بولسۇن.

ناھايىتى سەبىرچان ئادەممەن، دېگۈچىلەردىن شۇنى سوراپ بېقىش كېرەك. سەن سەبىرنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىۋاتامسەن ياكى باشقا مەقسەتتىمۇ؟

بۇ ئايەت بىزگە « سەبىر »نىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. سەبىرىڭىز ئاللاھ نىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بولسۇن.

مانا بۇ ئۆتكەن دەرسىتىكى يەتتە ئايەت ھاياتنىڭ قۇرئان بىلەن شەكللىنىشىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋەسىلە بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق دەرسىمىزنى بىر ئەسلەپ ئۆتكەن بولدۇق.

داۋامى بار…