تاھا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەت بىلەن ئاتالغان. « تاھا » ئىسمى ھەققىدە مۇنداق ئىككى خىل قاراش بار:

  1. مۇقاتتا « ئىسىم »دۇر. بەزى مۇپەسسىرلەر بىر قانچە سۈرىنىڭ بېشىدا كەلگەن مۇقاتتا « ئىسىم » ھەرىپلىرىدىن بىرسىنىڭ « تا – ھا » ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
  2. « ئى ئىنسان! » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ساھابىلەردىن ئىبن ئابباس رەزىيەللاھ ئەنھۇ، تابىئىنلەردىن ئىكرىمە، سائىد ب. جۇبەير، داھھاق، قاتادە ۋە ھەسەن ئەلبەسرىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى « ئى ئىنسان! » مەنىسنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىغان. بۇ كەلىمىنىڭ نەباتچە ياكى سۈريانىچىدە بۇ مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىشلەر تەرىپىدىن تەكىتلەنگەن. بۇ قاراشنى قوللىغان تابارى، « تاھا »نىڭ « ئاقق » لوغىتىدە « ئى ئىنسان » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. تابار يەنە بۇ كەلىمىنىڭ مۇقاتتا ھەرىپلىرىدىن بىرى دەپ قارىغانلارنىڭ قاراشلىرىغا ئىتىراز قىلغان بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ « ئى ئىنسان! » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كلاسىك ئەرەپ شېئىرلىرىدىن مىساللار كەلتۈرگەن.

« ئى ئىنسان! » دېگەن بۇ خىتاپتىكى ئىنسان كىم؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئەقلىمىزگە ئەڭ باشتا « ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام » كېلىدۇ. سۈرىنىڭ ئىككىنجى ئايىتى بىۋاستە رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلماقتا. لېكىن، بىرىنچى ئايەتتىكى « ئى ئىنسان! » خىتابىنى، رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانلارغا قىلىنغان دەپ چۈشۈنۈش خاتا ئەمەس. بۇ قۇرئاننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلىنغان خىتاپ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە تېمىسى ھەزرىتى مۇسانىڭ ھاياتىنى تەپسىلى بىر شەكىلدە بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سۈرىنى « مۇسا سۈرىسى » دەپ ئاتىغانلارمۇ بولغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ئىبن ئىسھاق ۋە داراقۇتنى قاتارلىق دەسلەپكى مەزگىلدە ياشىغان كىشىلەر ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا بۇ سۈرىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ھەققىدە ھەم پىكىر. بۇ ۋەقە نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 6 – يىلىدا نازىل بولغان.

سۈرە، مەريەم – شۇئەرا ياكى مەريەم – ۋاقىئە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. مەريەم سۈرىسى 96 – ئايەت بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 39 – ئايىتى ئارىسدىكى مۇناسىۋەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر دەلىلدۇر.

يەنە بىر دەلىل بولسا، سۈرىدە بايان قىلىنغان مۇسا قىسسىسى بولۇپ، بۇ قىسسە بايان قىلىنغان سۈرىلەر ئىچىدە، تاھا سۈرىسىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان ( ئۇنىڭدىن باشقا ئەئراف، شۇئەرا، قاساس، يۇنۇس، مۇئمىن، نازىئات ۋە بەقەرە سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغان ).

سۈرىدە ھەزرىتى مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمى بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ قىسسەلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، قۇرئان تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئۆرنەكلەر ئارقىلىق تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا ساۋاق بېرىشنى مەقسەت قىلماقتا.

سۈرە رەسۇلۇللاھقا « تاھا – ئى ئىنسان! » خىتابى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىدىغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر كەلگەن:

طه (1) مَا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآَنَ لِتَشْقَى (2) إِلَّا تَذْكِرَةً لِمَنْ يَخْشَى (3)

« بىز ساڭا بۇ ئىلاھىي خىتاپ – قۇرئاننى سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھ نىڭ ياخشى كۆرىشىدىن / دوست تۇتۇشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغانلارغا ۋەز – نەسىھەت، چىقىش يولى بولسۇن دەپ نازىل قىلدۇق » ( 2 – 3 ).

ئالدىنقى سەككىز ئايەتتە بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ھەزرىتى مۇسانىڭ خەلەپى ( ئىزىدىن ماڭغۇچى ) ئىكەنلىكى ئەسلىتىلگەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بولغان پەيغەمبەرلىك زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ، ئۇ بۇ زەنجىرنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھالقىسىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ « مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋرىڭ بارمۇ؟ » ( 9 ) ئايىتى بىلەن باشلانغان ۋە ھەزرىتى مۇسانىڭ ھاياتىنى ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىنغان بۆلەك ۋەھىي ئىما قىلىنغان كىرىش سۆز ( 2 – 3 – ئايەت ) دىن كېيىن كەلگەن.

ھەزرىتى مۇساغا رىسالەت ۋەزىپىسىنىڭ تاپشۇرۇلىشى تەسۋىرلەنگەن ئايەتلەر بىلەن قىسسە باشلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئوتنىڭ يورۇقىغا ئوخشاش بىر نەرسە كۆرۈنگەن ئىدى ( 10 ). بۇ، ئەسلىدە ئوت يېقىپ ئائىلىسىنى ئىسسىتماقچى بولۇپ ئەتراپقا قاراۋاتقان مۇساغا بېرىلگەن بىر ئىشارەت ئىدى. ئوت ھەم نار ( ئوت يالقۇنى ) ھەم نۇرنى ئۆز جىسمىدا مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئۇ نارغا قاراپ ماڭغانىدى، ئەمما نۇر بىلەن ئۇچراشتى. قۇرئاندا، مانا ئۇ يەردە شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن تارىخى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدىن بىرى بولغان ۋەقە مۇنداق بايان قىلىنغان:

«مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، < ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس بولغان توۋا ۋادىسىدا سەن. مەن سېنى ئەلچىلىككە تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن. مەن ھەقىقەتەن ( ئىبادەتكە لايىق ) ئاللاھ دۇرمەن، پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىغىن، مېنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن > » ( 11 – 14 ).

سۈرە مانا بۇ تەسۋىر بىلەن قىسسەنى باشلايدۇ ۋە مۇسا بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى دىئالوگ داۋام قىلىپ، مۇساغا ۋەزىپە بېرىلىدۇ: « پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىنى ئاشتى » ( 24 ). ھەزرىتى مۇسا ئۆزىگە بىر ياردەمچى تەلەپ قىلىدۇ ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيتىدۇ. يەنى، قېرىندىشى ھارۇن ( 29 – 30 ). ئۇنىڭ بۇ تەلىپى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر ئىلاھىي مۇكاپات ئىدى.

بۇ ئەلۋەتتە، ھەزرىتى مۇسا نائىل بولغان تۇنجى ئىلاھىي ئىكرام ئەمەس ئىدى. قىسسەدە ئاللاھ نىڭ ئۇنى تۇغۇلغان ۋاقتىدا، پىرئەۋننىڭ ئادەملىرى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا قانداق قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى، پىرئەۋن سارىيىدا ئىلاھىي ھىمايە ئاستىدا قانداق قوغدالغانلىقى ئەسلىتىلىدۇ.

پىرئەۋنگە ئەلچى بولۇپ بېرىش، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھۆكۈمدارغا قارشى چىقىش دېگەنلىك ئىدى. ھەزرىتى مۇسا بۇنى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ رەببىنىڭ بۇيرىقىغا بويۇن ئېگىدۇ ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەزرىتى مۇساغا ئىككى مۆجىزە بىلەن ياردەم قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يەدى بەيزا ( نۇرلۇق / پارقىراق قول )، يەنە بىرسى ھاسا ئىدى. يەدى بەيزا بىر سىمۋول ئىدى. ھەزرىتى مۇسا ياش ۋاقتىدا ئۆز خالىماستىن بىر جىنايەت سادىر قىلغانىدى. ئۇ بىر جىدەلگە ئارىلىشىپ قالغان ۋە بىر مۇشت بىلەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. مانا بۇ « نۇرلۇق قول » ئادەم ئۆلتۈرگەن قول ئىدى. ھەزرىتى مۇسا تەۋبە قىلغان، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلغان قولىنى نۇرلۇق ھالغا كەلتۈرگەنىدى. تۈنۈگۈن ( ئۆتمۈشتە ) جىنايەتكە سەۋەپ بولغان قول، بۈگۈن ھىدايەتكە ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن نۇرغا ئوخشاش چاقنىماقتا ئىدى. ھاسا، پىرئەۋننىڭ ھۆكۈمرانلىق سىمۋولى بولغان قامچىغا قارشى بېرىلگەن بىر سىمۋول ئىدى. ئۇ قامچا بۈگۈنمۇ بارلىق پىرئەۋن ھەيكەللىرىنىڭ قولىدا تارىخىي بىر ئىبرەت سۈپىتىدە تۇرماقتا. بۇ ھاسا ئارقىلىق ئاللاھ : « ئاللاھ تاللىغان بىر پادىچىنىڭ ھاسىسى، يەر يۈزىدىكى بارلىق ساختا ئىلاھلىق داۋاسى قىلغان پىرئەۋنلەرنىڭ قامچىسىدىن ئۈستۈن » دېگەندەك قىلاتتى.

نەتىجىدىمۇ شۇنداق بولدى. پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرى ئۈستىدىن ھەزرىتى مۇسانىڭ ھاسىسى غالىپ كېلىدۇ ۋە سېھىرگەرلەر ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتىدۇ.  سېھىرگەرلەرنىڭ ئىككىلەنمەستىن ئىمان ئېيتىشى ئىماننىڭ تارىخى ئۆرنەكلىرىدىن بىرسىدۇر. سېھىرگەرلەر قېيىن – قىستاق بىلەن ئۆلتۈرلۈش تەھدىدىگە « پەرۋايىمىز پەلەك » دەپ قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ ( 72 ). پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرى ئىمان ئېيتتى، لېكىن پىرئەۋن ئىمان ئېيتمىدى. سەۋەبى ناھايىتى ئوچۇق. سېھىرگەرلەر سېھىر بىلەن مۆجىزىنى ئايرىيالىغۇدەك بىلىمگە ئىگە ئىدى. لېكىن، پىرئەۋن سېھىر بىلەن مۆجىزىنى بىر – بىرىدىن ئايرىغۇدەك بىلىمگە ئىگە ئەمەس ئىدى. بىلگۈچىلەر ئىمان ئېيتتى، نادان ( بىلىمسىز ) ئىنكاردا چىڭ تۇردى.

ئاندىن سۈرىدە بەنى ئىسرائىلنىڭ « ئىسرا » سى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلغان، لېكىن پىرئەۋندىنمۇ بەتەر بولغان « مەن » لىك ۋە شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلالمىغان بەنى ئىسرائىل قەۋمى، ھەزرىتى مۇسانىڭ ۋەھىي ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ، بىر موزايغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى مانا مۇشۇنداق باشلايدۇ. « نېمە ئۈچۈن كالىغا ئەمەس، موزايغا چوقۇنىدۇ؟ ». بۇ ئۇلاردىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ئىللىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بەنى ئىسرائىل پىرئەۋن قەۋمى ئالدىدا شۇنداق خورلۇق تۇيغۇسىغا چۈمگەن بولۇپ، ئۆزلىرىگە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن دۈشمىنىنىڭ تەڭرىلىرىغا چوقۇنماقچى بولغان ۋاقتىدا « بىز كونا خوجايىنلىرىمىزنىڭ تەڭرىلىرىگە چوقۇنىۋاتىمىز، ئەمما ئۇ ئىلاھنىڭ ئانىسىغا چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇنىڭ بالىسىغا چوقۇنايلى » تۇيغۇ ئاستىدا ھەرىكەت قىلغان ( پىرئەۋن قەۋمى كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كالا سۈرەتلىك بىر ئىلاھ بار ئىدى ).

بۇ، بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، قۇرئان ۋەھىي بۇ ئارقىلىق: « ئى مۇھەممەد ئۈممىتى، سىلەرمۇ مۇسا ئۈممىتىدەك يەھۇدىيلەشمەڭلار. ئەگەر ئۇلاردەك بولساڭلار، ئۇلار دۇچار بولغان ئاقىۋەتكە قالىسىلەر! » دېمەكتە.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردە، بۇ ئىككى تەرەپلىمىلىك بايانلارنىڭ مەقسىتىگە ماس ھالدا تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى بولغان مۇشرىكلارغا، ھەم مۇئمىنلەرگە خىتاپ قىلىدۇ. مۇشرىكلارغا « پىرئەۋىنگە ئوخشاش بولماڭلار »، مۇئمىنلەرگە « يەھۇدىيلەشمەڭلار » دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ ( 99 – 112 ). ئەسلىدە بۇ بۆلەكلەر ئارىسىدا يەر ئالغان ئادەم – شەيتان قىسسەسىمۇ ( 115 – 127 )، ئالدىنقى ئۆرنەكلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. يەنى، يالغۇز ئىنسان ياكى ئىنسانلار جەمىئىيتى ئاللاھ نىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىسا، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن شەيتان ئۇ ئىنساننى ياكى ئىنسانلار جەمىئىيتىنى يولدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ يولدىن چىقىش بەزىدە ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرۇش شەكلىدە، بەزىدە ھەقتىن ئازغۇنلۇققا مايىل بولۇپ كېتىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. شەيتاننىڭ ئادەمنى يولدىن چىقىرىشى، « ئاتا – بوۋىسىنىڭ دىنى » دا چىڭ تۇرغان پىرئەۋن ۋە پىرئەۋىن چۈشەنچىسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، شەيتان – ئادەم قىسسەسى ئاتا – بوۋىلىرىنى ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىدىغان چۈشەنچىگە « ئاتىلارمۇ خاتالىشىدۇ » جاۋابىنى بېرىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش جەريانىدا بەش ۋاقىت نامازغا دالالەت قىلىدىغان تۇنجى ئايەتلەر بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان:

فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آَنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى (130)

« ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ بەلگىلىك ( كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ) ۋاقىتلىرىدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن ( يەنى ناماز ئوقۇغىن ) ۋە ھەمد ئېيتقىن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ( ئاللاھ )دىن رازى بولغانلىقىڭ مەلۇم بولسۇن » ( 130 ).

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، قۇرئاندا تەسبىھ ئەمرى ۋاقىت شەرتى بىلەن بىرلىكتە كەلسە، سۈبھىسىز نامازنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ. ئايەتتە ۋاقىت مۇنداق بەلگىلەنگەن:

  1. كۇن چىقىشتىن بۇرۇن
  2. كۈن پېتىشتىن بۇرۇن
  3. كېچىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا
  4. ۋە 5 . كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا. بۇ سۈرىنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھىدايىتىگە ۋەسىلە بولغان سۈرە ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بەش ۋاقىت نامازغا دالالەت قىلغان بۇ ئايەتنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – ياكى 6 – يىلىدا نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

سۈرە يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق بىر ھاياتنى روياپقا چىقىرىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئىنسانغا، ۋەھىينىڭ « ئىلاھىي ئىنشا ( شەكىللەندۈرۈش، بەرپا قىلىش ) لاھىيىسى » ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. شۇڭا، سۈرىدە بىر – بىرىگە زىت بولغان زىكر ( ئەسلەش ) ۋە نىسيان ( ئۇنتۇش ) ئۇقۇمى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ( 3، 14، 34، 42، 44، 52، 88، 99، 113، 115،124 – ئايەتلەر ).

رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى، تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئات ۋە قىزىل تۆگە قاتارلىق بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى كۆرىدىغان دۇنيالىقلارغا قارىمايدىغان؛ ئۇچراپ قالسا، ئۇلارغا قارىماستىن يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ:

وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَى مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ زَهْرَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَى (131).

« بىز ئۇلاردىن بەزىلەرگە بەھرىمان قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز قىرىڭنى سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، رەببىڭ ( ساڭا بەرگەن ) نېمەت ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى ۋە ئەڭ باقىيدۇر » ( 131 ).