ئىنسانلار ۋە قۇربانلار

 

جەمىئىيتىمىز بېشى يوق قەلىبلەر ۋە قەلبى يوق باشلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ھېسسىيات، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت تەڭپۇڭلىقىنى شەكىللەندۈرەلمىدۇق. بۇ تەڭپۇقلۇقنى شەكىللەندۈرەلمىگەنلەر، تونۇپ يەتكەن ھەقىقەت پارچىسىدا چەكتىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىدى.

تەۋھىدنى پارچىلاش، سۇنى ئېلېمېنېتلارغا ئايرىغاندەك بىر ئىش. سۇنى ئېلېمېنىتلارغا ئايرىغان ۋاقتىڭىزدا، ھىدروگىن ۋە ئوكسىگىندىن ئىبارەت بىرسى كۆيگۈچى، يەنە بىرسى كۆيدۈرگۈچى ئىككى گازغا ئايلىنىدۇ، سۇدىن ئەسەر قالمايدۇ. ھەتتا سۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئەكسىچە بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۆچۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددا، بۇ قېتىم كۆيىدىغان ۋە كۆيدۈرىدىغان ماددىغا ئايلىنىدۇ.

تەۋھىد ھەقىقىتىنىڭ بۆلىنىشىمۇ بەزىدە بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ئىنساندا مۇجەسسەملەشكەن بىلەك، يۈرەك ۋە ئەقىلنى بىرلىكتە ئىشلەتمەي پارچىلىۋەتكەن چۈشەنچە، بۇلارنى بىر – بىرىگە قارشى توقۇنۇشىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدۇ. بۇ خىل بۆلۈنۈش كىشىنىڭ ئۆزىدە باشلانغان بولۇپ، بۇنداق چۈشەنچىدىكى كىشىلەر بىلەن تولغان جەمىئىيەتتە « ۋەھدەت ( بىرلىك ) » ھەققىدە سۆز قىلىش « ئەيىب » ھېسابلىنىدۇ.  چۈنكى ۋەھدەتنىڭ ئۇل تېشى ئىنسان ئىدى. بىر شەخىستە ۋەھدەت مەنىسىگە كەلگەن « تەۋھىد »نى كىشىلىكىدە مۇجەسسەملەشتۈرەلمىگەن كىشىلەرنىڭ؛ ۋۇجۇدىدىكى ئورگانلار ئارىسىدا « ۋەھدەت »نى شەكىللەندۈرەلمىگەن كىشىلەرنىڭ، ئۆز ئارا ۋەھدەت / بىرلىك تىن سۆز قىلىشى بىھۇدە. چۈنكى، تەپرىقىچىلىقنى بىر پارازىتقا ئوخشاش ۋۇجۇدىدا ئېلىپ يۈرگەن، ئەقلى بىلەن قەلبى ھەر ۋاقىت تۈگىمەس جىدەل، سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلارىغا سەھنە بولغان، ھېس – تۇيغۇسىنى ئەقلى بىلەن باشقۇرالمىغان، ھېسسىيات ۋە ئەقىلنى ھەرىكىتى بىلەن ئەپلەشتۈرەلمىگەن كىشىلەر بىلەن تولغان بىر جەمىئىيەتتە، قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش، يىراقتىكى دۈشمەنگە قارشى شۇئار تولاش ئەمەس، شەخسىيىتىمىزگە تەۋھىدنى سۇلتان قىلىش ئىدى.

 

« ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ھالاك بولدى ». رەسۇلۇللاھنىڭ تىلىدىن مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان بۇ خەۋەر، ئومۇمىي بىر قانۇننىڭ ئەڭ چىرايلىق ئىپادىسى بولۇپ،  ئىسلام ھەرىكىتنىڭ مەنسۇپلىرى بىرەر قۇربان بولىۋاتىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر تەرەپلىمە تەربىيىنىڭ نەتىجىسىدە، بىراۋ ھەقىقەتنى پارچە – پارچە ھالدا بايقاۋاتىدۇ ۋە ئۆزى بايقىغان ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىماقتا ۋە كۆرسەتمەكتە.  گەرچە بۇ يامان غەرەزدە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئېغىر بولماقتا.

ھەقىقەتنى بايقاش بىلەن، ھەقىقەتتىن بىر پارچىنى بايقاش بىر – بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ھەممىدىن خەتەرلىك بولغان تەرىپى، ئۆزى بايقىغان پارچىنى كۆككە كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر پارچىسىغا قارىتا، ئۇلارنى باشقىلار بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش، ھەتتا ئۇنىڭغا قارا سۆركەش بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىتاپ قۇربانلىرى، تەسبىھ قۇربانلىرى ۋە قورال قۇربانلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل قۇربانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

 

كىتاپ قۇربانلىرى

 

كىتاپ، خاس ئىسىم شەكلىدە تىلغا ئېلىنغاندا قۇرئاننى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇ ھىدايەت ۋە رەھمەت بۇلىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھىدايەت ۋە رەھمەت بولىشى ھەممە كىشى ئۈچۈن ئەمەس(بەقەرە، 2 – ئايەت ). ئۇنى پەقەت ئوقۇش، قولىدا، ئۆيىدە، يادىدا، كىتاپ جازىسىدا ساقلاش ھىدايەت ۋە رەھمەتكە نائىل بولۇشنىڭ كاپالىتى ئەمەس.

ئۇ « ھۇدەللىل مۇتتەقيىن »، يەنى ئاللاھ تىن ئاللاھ كۆرسەتكەن شەكىلدە قورققانلار ئۈچۈن، ئۇلۇھىييەت، رۇبۇبىييەت ۋە ئۇبۇدىييەت چۈشەنچىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەر ( مۇتتەقىين ) ئۈچۈن ھىدايەت قىلغۇچىدۇر. مۇئمىنلەر ئۈچۈن شىپا بولغان قۇرئان، زالىملارنىڭ گۇمراھلىقىنى ئاشۇرىدۇ ( 17:82 ).

قۇرئاندىن ئىبارەت بىر ئىلاھىي خەۋەرنىڭمۇ خەتەرلىك بىر رايۇنى بولغان بولسا، ھەر جەھەتتىن قۇرئانغا تەڭ بولالمايدىغان باشقا كىتاپلارنىڭمۇ دەرىجىسى مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك.
گەرچە بۇ مەسىلە تېمىمىزغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەسكەرتىشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن. قۇرئاننىڭ ھاياتىمىزدا ئۆزىگە لايىق شەكىلدە ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسە – قۇرئانغا باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچراپ كەتكەن بىر مېڭە ۋە قەلب بىلەن قاراشنىڭ ئورنىغا، « ئۇممىي » بىر مېڭە بىلەن،  يەنى « ساپ ئەقىل ۋە قەلب » بىلەن قاراش / ئوقۇش كېرەك. ئەگەر قەلب كىرلەنگەن ۋە مەينەتچىلىك قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئىچىگە قويۇلغان غىزا ھەرقانچە ئېسىل بولۇپ كەتسىمۇ بۇزۇلىدۇ.
كىتابى بار بىر دىننىڭ، كىتابى بار بىر مەدەنىيەتنىڭ نەسلى بىز ئەسلىدە. تېخنكا مەھسۇلاتلىرىنى تۇتېم، مۇزىك ۋە تەنتەربىيەنى يېرىم يالىڭاچ راھىپلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بىر مۇناجاتقا ئايلاندۇرغان، زامانىۋىي دۇنيا قاراشنىڭ مەھسۇلاتى بولغان « كىتاپسىز » بىر نەسىل تەربىيلەپ چىقىۋاتىمىز.

كىتاپ، بىلىمنىڭ بىردىن بىر يەتكۈزگۈچىسى بولمىسىمۇ، ئەڭ قەدىمىي ۋە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان يەتكۈزگۈچىلىك رولىنى ھازىرمۇ جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىتاپنىڭ تەربىيەلەش كۈچى بولغاندەك، بۇزۇش كۈچىمۇ بار. ھەر كىتاپنى ھەر دائىم « بىلىم » يەتكۈزىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئەۋەتتە. جاھالەتمۇ بەزىدە كىتاپلار ئارقىلىق يېتىپ كېلىدۇ. دۋرىمىزدىكى جاھالەت بىلەن قەدىمكى جاھالەت ئارىسىدىكى پەرق بەلكىم بۇ بولسا كېرەك. بىرى كىتاپسىز جاھالەت، يەنە بىرسى كىتابى بار جاھالەت. بەزىدە كىتابى بار جاھالەتنىڭ كىتابسىز جاھالەتتىنمۇ قورقۇنچلىق ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىنى دەۋرىمىزدە كۆرىۋاتىمىز.

بىز باتىلنىڭ ئوقۇغان ۋە ئوقۇمىغان، كىتابى بار ۋە كىتابى يوق ھەممىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، كىتابى بار بىر دىن ئەھلى بولغان مۇسۇلمانلاردىن بەزىلەرنىڭ كىتاپ مەسىلىسىدە چۈشۈپ قالغان بىنورمال ئەھۋالىغا بىر قاراپ باقايلى.

مەدەنىيەت يەتكۈزگۈچىسى بولغان كىتاپ، ئوقۇش ھەرىكىتى بىلەن بىرگە ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. ئوقۇش ۋە تەدبىقلاش، بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئارىسىدىكى باغلىنىش ئۈزۈپ تاشلانغان بولسا، بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى كىتاپ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. كىتاپنى ئاشقۇنلۇقنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلارغا رەنجىپ كىتاپلارنى ئەيىپلەشنى، ئايەتلەرنى ئۆزى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن سىھىرگەرلەرگە غەزەپلىنىپ، پۈتۈن قۇرئاننى چەكلەشكە ئوخشىتىمەن. ياكى دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارغا قاراپ، دورىنى چەكلەشكە…

بۇ دورا سۆزى « كىتاپ قۇربانلىرى » ئۈچۈن دەل جايىدا بىر ئوخشىتىش بولدى. بۇ تۈردىكى كىشىلەر كىتابنى، بىر دوختۇر نازارىتى ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارنىڭ ئاڭلىق شەكىلدە ئىستىمال قىلىۋاتقان دورىسىغا ئوخشاش ئەمەس، دەل ئەكسىچە دورا دەپ ئاتالغان ھەممە نەرسىنى يەيدىغان كىشىدەك ئىشلىتىدۇ.

كىتاپ بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن ئوقۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان مەنبە ئەمەس، ئەكسىچە ئوقۇپ تۈگىتىلىدىغان ئىستىمال بويۇمى. بۇ چۈشەنچىدە، بىر كىشى قانچىلىك كىتاپ ئوقۇغان بولسا، ئۇ شۇنچىلىك سەۋىيىسى بار كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىشىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوقۇغان كىتابىنىڭ ئىسمىنى سورىشىڭىز سىزگە يېتەرلىك بولىدۇ.

ئوقۇغان كىتاپلىرىنى ھەزىم قىلالماي پىكىر قاتماللىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ بۇ قۇربان. رىئاللىققا تەدبىقلىيالمىغان بىلىم ياكى « مەلۇمات » دۆۋىسى ئاستىدا مىجىلىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە چولتا، رىئال ھاياتقا نىسبەتەن بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولىدۇ. ھايات بىلىمىنى رىئال تۇرمۇشتىن ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا كىتاپلاردىن ئۆگىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە توغرا مۇئامىلىدە بولالمايدۇ.

تۇرمۇش بىلىمى بەكمۇ چولتا بولغانلىقتىن، بۇ تەڭپۇڭسىزلىق دەل ئەكسى بولغان باشقا بىر تەڭپۇڭسىزلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقى كۆپ كۆرۈلىدۇ. كىتابنى رىئال تۇرمۇشتا ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ياشاشنىڭ ئورنىغا، ھاياتنى كىتاپلاردا ۋە كىتاپلارنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىگە خىيالىي بىر دۇنيا قۇرىۋالغان بولىدۇ.

بۇ مەنتىق، كىتاپتىكى ئايەتلەرنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ( ئىنسان ئۆزىمۇ ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چوڭ ئايەت ) ئۆزىدىكى، كائىناتتىكى، شەيئىلەردىكى ۋە ۋەقە – ھادىسىلەردىكى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، كىتاپ بىلەن بىرلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ھايات دىراممىسىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، ئايەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بىر دوختۇرنىڭ تەجرىبە جەسەتكە تۇتقان پوزىتسىيسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. تەپەككۇر قىلىشنى بىر خىل ئىمتىياز دەپ قارايدۇ. پۈتۈن ئىنېرگىيسىنى مېڭىسىگە ۋە بۇ ئارقىلىق تىلىغا قاراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورگانلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. بۇلار بىر خىل مالارمە روھىي كېسىلىگە گرىپتار بولغان. فىرانسىيلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر مالارمە « بىز پەقەت تەپەككۇر قىلىمىز، تەدبىقلاش بىزنىڭ چاكارلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى » دېگەنىدى.

كۆزىگە قارىسىڭىز كۆزى بىر نېمە دېمەيدۇ. كۆزىنىڭ ئىچىدىن بىر مەنا ئىزدەيسىز، ئەمما بىھۇدە. ئىلىم ئېرىپانغا ئايلانمىغانلىقتىن ئۇ كۆزلەر سىزنى باشقا بىر ئالەمگە ئېلىپ بارىدىغان كۆزنەك بولۇشتىن بەكمۇ يىراقتا. يۈزىگە قارايسىز، يۈزى بىر نەرسە دېمەيدۇ. قەلب رادارىڭىزىنى ئۇنىڭ قەلب دولقۇنىغا يۆزلەندۈرىسىز، ئەمما بىر سىگنال ئالالمايسىز. ئۆزى بىر نەرسە دېمەيدۇ. ئىچىدە بىر يادرو ئىنېرگىيە كۈچى بارلىقىدىن خەۋەرسىز ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتىڭىزدا، دېپلوماتىيە قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭدا كۆرىسىز.

كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا كەكلىككە ئوخشاش سەكرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن بۇ شەخىسنىڭ، رىئال تۇرمۇشتا يا بىپەرۋا ياكى گاڭگىراپ قالغان ۋە كەلتە پەم ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

 

تەسبىھ قۇربانلىرى

 

تەسبىھ، گرامماتىكىدا ئسمى – ۋاستە بولمىسىمۇ، ئىشلىتىلگەندە « ئۆزى ئارقىلىق تەسبىھ قىلىنغان ۋاستە » مەنىسى بىلەن تونۇلغان. يەنى سىمۋول خاراكتېرلىك ساناق تاشلىرى بولۇپ، كىملەرنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى مەلۇم. مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۆزىنى زىكىر ئەھلى، كۆڭۈل ئەھلى دەپ قاراپ قەلبنى ئىسلاھ قىلىپ، نەپسىنى پاكلاۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىمۋولى تەسبىھ.

 

بۇ كىشىلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزلىرى دەسمايە قىلىۋالغان « زىكىر » نىڭ قۇرئاندىكى مەنىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئىزدەنمىگەنلىكىنى، بۇ تېمىدا قۇرئاننىڭ ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. قۇرئان ئۈستىدە توختالغان زىكىرگە ئوخشاش ئۇقۇملار ھەققىدە قۇرئاننىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قارىماستىن، ئۆزلىرىنى زىكىر قىلىۋاتىمەن دەپ قاراش غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ مەسىلىدە ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە ئەمەس، ئاللاھ بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇش قۇرئاننىڭ بۇيرىقى بولۇپ، « فەزكۇرۇللاھە كەما ئەللەمەكۇم ( ئاللاھ ) سىلەرگە ئۆگەتكىنى بويىچە ئاللاھ نى ياد ئېتىڭلار / زىكىر قىلىڭلار » ( 2:239 ).

قۇرئاندا « جىھاد » قا ئوخشاش كۆپ مەنىلىك بىر ئۇقۇم بولغان زىكىر، بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن ناھايىتى خاتا ۋە خەتەرلىك بىر شەكىلدە باشقا مەنىلىرىدىن ئايرىپ تاشلىنىپ، پەقەت تىل بىلەن ياد ئېتىش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇلدى.  ئاللاھ نى ياد ئېتىش ( 2:198 )، تەبلىغ ( 87:9 )، ۋەز – نەسىھەت ( 88:21)، شۈكۈر ( 7:69 ) گە ئوخشاش كۆپ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان زىكىر،  ھەرىپى جەرىي « ئەلا » بىلەن ئىشلىتىلگەندە « تىل بىلەن ياد ئېتىش » ( 6:121 ) مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
زىكىرنىڭ ئەسلىدە پەقەت « تەسبىھ » مەنىسىنىلا ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز  ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن كۆرىۋالالايمىز:

ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ نى كۆپ ياد قىلىڭلار،  ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار! ( 33:41،42 ).

 

مۇئمىنلەرگە ھەم زىكىر ھەم تەسبىھ ئېيتىش بۇيرۇلغان. بۇ نوقتىدا ئوخشاش ئايەتتە ھەم « زىكىر» ھەم « تەسبىھ » نىڭ تىلغا ئېلىنىشى، بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلى بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن تىل بىلەن زىكىر قىلىش بولغان « تەسبىھ » نى كۆزگە ئىلماسلىق، يوق ھېسابىدا قاراش ياكى تەرك قىلىش بىر مۇئمىنگە يارىشىدىغان ئىش ئەمەس. جىھاد ئۇقۇمنىڭ ئىچىدە « قىتال » نىڭ ئورنى قانداق بولغان بولسا، « تەسبىھ » نىڭ ئورنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. قىلغان ھەر ئىشىنى « جىھاد » دەپ ئاتىغانلارنىڭ « قىتال ( ئۇرۇش قىلىش )» نىڭ ئايرىم پەرز قىلىنغانلىقىنى ( 2:219 ) نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىغا ئوخشاش، زىكىرنىڭ پەقەت تەسبىھ سىيرىش ئەمەسلىكىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ تىل بىلەن ياد ئېتىش، تەكرارلاش مەنىسىنى بىلىدۈرىدىغان « تەسبىھ » نىڭ  تەۋسىيە قىلىنغان ۋە بۇيرۇلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.

ئۆزىنى زىكىر ئەھلى دەپ قارىغانلارغا كەلسەك… بۇ خىل كىشىلەردىن بەزىلىرى ئاللاھ بىلەن قىلغان  ئەھدىسىگە سادىق بولالمىدى.  شەرىئەتتىن « بىر تاش چۈشسە، مۇردلىرىمنىڭ بارلىق زىكىرلىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ » دېگەن ھەقىقىي ۋە كامىل مۇرشىدنىڭ ئەكسىچە، بۇ مەنتىقتىكى كىشىلەر، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئەقىدىلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتسا؛ بىر تال تاش ئەمەس، شەرىئەتنىڭ ئۇللىرى ۋەھىشىيلىك بىلەن ئورنىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئوتتۇرغان جايىدا بىر تال تۈكىمۇ تەۋرەپ قويمايدۇ. ئۈممەتنىڭ ئەقىدىلىرى ئالدىدا ھىسسىز ۋە غەمسىز تۇرغان بۇ مەنتىق، قىلىۋاتقان ئىشىنى « ئەڭ چوڭ جىھاد » دەپ ئاتىماقتا. لېكىن ئەڭ چوڭ جىھاد نېمە؟ دەپ قۇرئاندىن سورىساق، قۇرئان بىزگە ئەڭ چوڭ جىھادنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى رۇشەن بىر شەكىلدە دەپ بېرىدۇ:

كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن جىھاد (جىھادەن كەبىيرا ) قىلغىن ( 25:52 ).

ھەقىقىي تۈردە ئەڭ چوڭ جىھادنى قىلغۇچىلار، ھەم ئۆزىدىكى / ئىچىدىكى دۈشمەنلىرىگە ھە تاشقىرىدىكى دۈشمەنلەرگە قارشى ئىككى سەپتە جەڭ قىلىپ يۈرەك دۆلىتى قۇرغانلاردۇر.

مېڭىسىنى قەلبىگە قۇربان قىلغان، دىنىنى ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى ئېكسىر ئەمەس، بىر دەرتتىن خالاس قىلغۇچى دەپ قارايدىغان چۈشەنچە، ھەر ئىشىنى بىر كىشىگە ھاۋالە قىلىپ قويۇپ، ئۆزى تەپەككۇر قىلىش كۈلپىتىدىن قۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسى تەپەككۇر قىلىدۇ، باشقا بىرسى قارار قىلىدۇ. مۇھەببەت – نەپرىتى  « بۇيرۇق »قا باغلانغان بولىدۇ.

« مېيىت يۇيغۇچىنىڭ قولىدىكى جەست » بولۇشنىڭ ئورنىغا كاپىرلار قولىدا شېھىت بولۇشنى ئارتۇق كۆرىدۇ. ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈشكە ئىنتىلىدۇ – يۇ، ئۆلگەندىن كېيىن ياشاشنى سىناپ باقمايدۇ.

« ئۆلۈمنى تەپەككۇر » قىلغاننىڭ مىڭدەنبىرىچىلىك بولسىمۇ « شاھادەت »نى تەپەككۇر قىلىپ باقمىغان. يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى كۆزنىكى بولغان ئەقىل ۋە سەزگۈلىرىنى ئېتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، يۈرەك بىر زىندانغا ئايلانغان.

بىر تەسبىھ « تەسبىھ قۇربانىنىڭ ئىتائەت چۈشەنچىسى » ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيتىنى كۆرۈشنى ئەمەس، قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. قۇربان بۇيرۇلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ ۋە ھېچقانداق كىتاپنى ئوقۇمايلا قالماستىن، قۇرئانغا، ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە نىسبەتەن كۆر ۋە گاس بولىدۇ.

قورال قۇربانلىرى
قۇرباننى، ھارارەتلىك چاي سۆھبەتلىرىدە قۇرۇلغان « دۆلەت »نىڭ يۈكى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتكىدەك مادارى يوق. ئۇنىڭ چۈشلىرىنى ھەمىشە پېلىمۇت ئەسىر قىلىۋالىدۇ. تولۇپ تاشقان ھېسسىياتىنى ئىلىم ۋە ئېرپان بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن پۇشۇرۇپ، سەبىر بىلەن يېيىشنى ئۆگىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئازاپلانماقتا ۋە بۇ قاتتىق ئازاپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئىچ – ئىچىدىن خورىتىپ تۈگەتمەكتە.
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەمەللەرنىڭ مۇھىملىق تەرتىۋى ھاياجان بېغىشلاش كۈچىگە قارىتا تىزىلغان بولۇپ، « تۇر، ئىنقىلاپ باشلاندى » دېگەن چاقچاق، « تۇر، ئەزان چىقتى » رىئاللىقىدىن بەكرەك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئاچچىق رىئاللىقنىڭ ئورنىغا شىرىن چۈشلەرنى تاللايدىغان بولۇپ، دەسمايسى خىيالدىن ئىبارەت ئۇنىڭ. ئۇ، خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەلبى، پىكرى ۋە ئەمىلىي ھەرىكەت تەييارلىقلىرىنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە غەيرەت قىلىشتىن يوقسۇن بولۇپ خىيال دۇنياسىدا ياشايدۇ.
قۇربان، ھەقىقىي ئىنقىلابنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنەلمىگەن بولۇپ، كۆتۈرەلەيدىغان كىچىك يۈكلەرنى ياراتمايدۇ، ئېسلىۋالغان چوڭ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدۇ. بۇنى قۇرۇق قول كېتىپ قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئەڭ چوڭ دەسمايىسى جەسۇرلۇقى بولۇپ، بۇ رۇھىي ھالىتى بىلەن داۋاسىغا بىر ئاز زىت چۈشەنچىدە بولغان بارلىق كىشىنى ئەيىپلەشكە ھەتتا ئۇلارنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا تەييار تۇرىدۇ. بۇ كىشىگە، ھەر دائىم قولتۇقىغا ئېلىپ يۈرگەن كاللىسىنى، ئىككى مۈرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئەيىبلىنىش، دۈشمەن قاتارىدىن بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ھەددىدىن زىيادە « ساددا » بولىشى سەۋەبىدىن، كەلسە – كەلمەس ئالدىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، ھاياتقا ماي تارتىپ ئۇزۇن مەزگىل بىكىنىپ ياشايدۇ ياكى « داۋا »نى دۇنياغا تېگىشىپ، تۈنۈگۈن خىيانەت بىلەن ئەيىبلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىغا قېتىلىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ۋىجدان مەھكىمىسىدە ئۆزىنى سوتلايدۇ.
كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇ قۇرباننىڭ ياشلىقى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان مەزگىلى ئۆتۈپ، ئۆي – ئوچاقلىق ، بالا – چاقىلىق بولغان ۋاقتىدا، چوڭ بىر ھەقىقەتنى بايقىغاندەك، بىر زامانلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇ تولۇپ – تاشقان ھېسسياتلىق ھالىتىنى، يەنى « ئۆزىنى » چۈشۈرۈگەن ھالدا، ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ھېس – تۇيغۇدا بولىۋاتقان ياشلارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىپ : « تاشلاڭلار بۇ ئىشنى،  بىز سىلەر ئۆتىۋاتقان كۆرۈكتىن ئاللاقاچان ئۆتكەن، ياخشى بىلىمىز » دەيدۇ ۋە « پايدىلىق » نەسىھەت بەرمەكچى بولىدۇ. بۇ كەينىگە يېنۋېلىش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ، ۋىجدان ئازابىنى يېنىكىلىتىشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى. قورال قۇربانى بولغان بۇ شەخس بۇ باسقۇچتا خاتا چۈشەنگەنلىك گۇناھىنى ئېتىقادىغا ئارتىدۇ.
سەپەردىكى ۋاقتىدا خاتا مېڭىپ قالغانلىقىنىڭ گۇناھىنى « يول »غا ئارتىپ قويىدۇ. بىلىمگە ئەمەس ئويدۇرمىغا؛ سابات ( چىڭ تۇرۇش ) قا ئەمەس ھەۋەسكە؛ ئەمەلى سالىھقا ئەمەس ھەرىكەتكە؛ مۇھاكىمىگە ئەمەس ھاياجانغا تايانغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولغانىدى. بېكەتكە ياناشقان تېز سۈرئەتلىك مىنبۇسقا ئىشەنچلىكمۇ ئەمەسمۇ، شوپۇر لاياقەتلىكمۇ ئەمەسمۇ دېمەي چىقىۋالغانلىق سەۋەبىدىن، چىقىپ – چۈشۈش بىلەن ئۆتكەن يىللار بۇ قۇرباننى ھېسسىياتىنى بېسىقتۇرىدىغان يېڭى يوللار ئىزدەشكە مەجبۇرلىغانىدى.
بۇ ئۈچ خىل مۇئامىلىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتىن بىرەر پارچىلار بولىشى مۇمكىن، بۇنداق بولىشى نۇرمال.  لېكىن بۇنداق بولىشى، بۇ پوزىتسىيە ياكى تاللاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ، بۇ پوزىتسىيەلەر تەڭپۇڭلىقتىن يوقسۇن.

يۈرەك دۆلىتى ناملىق كىتاپتىن پارچە
مۇستاپا ئىسلامئوغلى
تاڭنۇر تەرجىمىسى

image