ياسىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئى ئىنسان » ( ئىبن ئابباس ) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ياسىن » بىلەن ئاتالغان.

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىنى « ياسىن » ئىسمى بىلەن ئاتىغانلىقى ھەققىدە بىر رىۋايەت بار ( ئەبۇ داۋۇد؛ بۇخارى تەفسىر، 1؛ تىرمىزى، سەۋابۇل قۇرئان، 7 ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە جىن – فۇرقان سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. ياسىن سۈرىسىنىڭ فۇرقان سۈرىسىنىڭ ئالىدىغا تىزىلىشى ھەر جەھەتتىن توغرا. لېكىن جىن سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشىنىڭ ئىزاھاتى قېيىن. چۈنكى، ياسىن سۈرىسى ئەڭ بالدۇر بولغاندا نۇبۇۋەتنىڭ 5 – 6 – يىللىرىدا نازىل بولغان. جىن سۈرىسى بۇ تارىختىن بىر قانچە يىل كېيىن، يەنى 10 – يىلىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، سۈرىدە نازىل بولۇش ۋاقتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىككى ئىشارەت بار. بىرىنچىسى، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تائىپ سەپىرىنى ئىما قىلغان يىپ ئۇچى بار. ئىككىنجىسى، ئەھقاپ سۈرىسى 29 – 32 – ئايەت بىلەن ئوخشاش بىر تېما ھەققىدە توختالماقتا.

بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – ياكى 6 – يىلى نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن.

سۈرىنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى قايتىدىن تىرىلىش. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىنى جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەۋسىيەسىنى، بۇ مەركىزى ئىددىيە ئاساسىدا چۈشۈنۈش كېرەك ( ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبن ھىببان ).  سۈرە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرەت ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن، « قۇرئاننىڭ يۈرىكى » دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئاخىرەتكە ئىمان، ئېتىقاد ئاساسلىرىنىڭ يۈرىكىدۇر. ھەر ئايەتكە بۇ يۈرەكتىن قان ماڭغانلىقى ئۈچۈن، سۆز يەنە ئايلىنىپ ئاخىرەتكە كېلىپ توختايدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرەتكە بولغان ئىمان، توغرا بىر ئىماننىڭ ئاساسىي بولۇپلا قالماستىن، ئاللاھ قا بولغان ئىماننىڭ ئۇلىدۇر. « ئەگەر بىر ياراتقۇچى بولغان بولسا، يەر يۈزىدە بولىۋاتقان بۇنچە زۇلۇمغا يول قويمايتتى » دەيدىغان بىر ئەقىلدىكى ئەسلى خاتالىق، ئاللاھ قا ئىشىنىشتە پەقەت ئىنسانىي ۋە دۇنياۋىي مەنپەئەت نوقتىسىدىن قاراش، ھېساپ كۈنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەرگە ئالماسلىقتىن كېلىپ چىقماقتا. مانا بۇ سۈرە بىر دۇنيالىق چۈشەنچە بىلەن ھاياتقا نەزەر تاشلايدىغان ئەقىلگە بېرىلگەن ئىلاھىي جاۋاپتۇر.

بىر مۇئامىلىنى ئەخلاقلىق قىلغان نەرسە، ئۇنىڭ تېگىدە ياتقان مەسئۇلىيەت ئېڭىدۇر. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ئارىسىدىكى پەرىق ھەققانىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرەتكە ئىمان ھەققانىيەتنىڭ تەجەللىسىگە ئىماندۇر. چۈنكى، ئاخىرەت بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ھېسابى بېرىلىدىغان يەنە بىر ھاياتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھېساپ كۈنىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئۇلىدا ھاياتنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى ياتماقتا. مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھاياتنىڭ ھېسابىنى بەرگىلى بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋاپكارلىقتىن قېچىش ئارزۇسى، « ئىنكار قىلىش » شەكلىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. لېكىن، « ئىنكار قىلىش » ھېساپ كۈنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ.

سۈرە رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان خىتاپ بىلەن باشلانغان. خىتاپ ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:

« ئى ئىنسان! » ( 1 ).

قۇرئاندا رەسۇلۇللاھقا « ئى نەبى! » ۋە « ئى رەسۇل »دىن باشقا بىۋاستە قىلىنغان بىردىنبىر خىتاپ « ئى ئىنسان! » شەكلىدە بولۇپ، بۇ خىتاپ « ئېيتقىنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن! » ئىلاھىي ئەمر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا « تاھا »مۇ بەزى ئەرەپ شىۋىلىرىدە « ئى ئىنسان! » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رەببىمىزنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت بولغان نەبىيگە « ئى ئىنسان! » دەپ خىتاپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە « ئىنسان » بولۇشنىڭ ئۇلۇغلىقى، ناھايىتى بۈيۈك شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ۋەھىينىڭ بۇ خىتابى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان بولۇشنى يېتەرلىك كۆرمەيۋاتقانلارغا قارىتا ئىلاھىي ئازار ماھىيىتىگە ئىگە. بۇ خىل چۈشەنچىدىكى كىشىلەر قەدىر – قىممەتكە قانائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ئەتىۋارلىغان نەرسىگە، شەخسىكە ھۆرمەت كۆزى بىلەن قارىمايدۇ. بۇ بىر بىنۇرماللىق بولۇپ، ئېزىش مانا بۇ نوقتىدىن باشلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بىر ئىنسان بىر نەرسىنىڭ قىممىتىگە قانائەت قىلمىغان ۋاقىتتا، كۆپتۈرۈش ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈش مەيدانغا كېلىدۇ. كۆپتۈرمىچىلىك ۋە مۇبالىغە ئاستا – ئاستا تۇمانغا ئايلىنىپ ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا باشلايدۇ ۋە ھەقىقەت كۆرۈنمەس ھالغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى ھېسسىيات ۋە كۆلەڭگۈ ئېلىشقا باشلايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئىنكارچى ئەقىلنىڭ ئۇلىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن نەرسىگە رازى بولماسلىق ياتماقتا. ئاللاھ قويغان ئۆلچەمگە رازى بولمىغانلار، ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەمنى ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە باشلايدۇ. ھەزرىتى ئىساغا بولغان مۇھەببىتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ زەھەرلەپ قويغانلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇنىڭ دەلىلى. ئۇلار پەقەت ھەزرىتى ئىسانىڭ ھەقىقىتنى زەھەرلەپلا قالماستىن، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنىمۇ زەھەرلىدى ( ئۆزگەرتىۋەتتى ). ھالبۇكى، بىر پەيغەمبەرگە ھەر قانداق دۈشمىنى بۇنچە چوڭ زىيان يەتكۈزەلمەيتتى.

تەببەت سۈرىسى، ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بىر سۈرە ئىدى. بۇ سۈرىنىڭ 7 – ئايىتى، بۇنىڭغا ئوخشاش بىشارەتلەرنىڭ توغرا چىققانلىقىنى بىلدۈرىدىغان مەزمۇنغا ئىگە:

« ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەققىدە ھۆكۈم بېرىلىپ بولدى، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ » (7 ).

تىرمىزىدا رەسۇلۇللاھقا نىسبەت قىلىنىپ نەقىل قىلىنغان ھەدىستىكى « جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كىشىگە ياسىن سۈرىسىنى ئوقۇڭلار » سۆزىنىڭ، ئەسلى مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن باشلىنىدۇ:

« بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ( دۇنيادا ) قىلغان ( ياخشى – يامان ) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە تولۇق خاتىرلەپ قويىمىز » ( 12 ).

شەھەرنىڭ « كاتتىلىرىدىن » ياكى « يىراق جايىدىن » يۈگۈرگەن ھالدا كەلگەن كىشىلەر…

بۇ سۈرە مانا بۇ كىشىلەردىن بىرسىنىڭ ئاللاھ نى قانداق قىلىپ رازى ۋە خۇرسەن قىلغانلىقى قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. بەزى ئالىملىرىمىز بۇ قىسسە قەھرىمانىنىڭ ئانتاكيالىق ( تۈركىيەدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى ) ياغاچچى ھەبىب ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. سۈرىدە تونۇشتۇرۇلغان قەھرىمان « يىراقتىن كەلگەن دەۋەتچىلەر » بولۇپ، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەتنىڭ جاكارچىسى بولغان كىشىلەرنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئۆز قەۋمى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن قورقمىغان ۋە ھەقنى ھىمايە قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى بولۇپ ۋە بۇ سۈرىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۇ قەھرىمان ئۆز دەۋرىدىكى شۇ خىل كىشىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر ( يەنى، بۇ قەھرىماننى تارىخقا مەھكۇم قىلىپ قويغىلى بولمايدۇ ).

سۈرىدە ئازغۇن قەۋم بىلەن ئەلچىلەرنىڭ « قەدەر » چۈشەنچىسىدىكى زىتلىق تەكىتلەنگەن. ئازغۇن قەۋم، ھەقىقەتكە چاقىرغان ھەق يولدىكى پىداكار كىشىلەرگە « بىزگە بالايىئاپەت ( شۇملۇق ) ئېلىپ كەلدىڭلار »  دېيىشىدۇ ( 18 ). ھەق يولدىكى كىشىلەر « شۇملۇق ئەسلىدە سىلەردە » شەكلىدە جاۋاپ بەرمەيدۇ. ئۇنداق نېمە دەپ جاۋاپ بېرىدۇ؟ « شۇملۇق سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئايەتنى بىر پۈتۈن ھالدا ئوقۇيلى:

« ئەلچىلەر: شۇملۇقۇڭلار ئۆزەڭلار بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ۋەز –  نەسىھەت قىلىنسا ( شۇم پال ئالامسىلەر؟ ) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر » ( 19 ).

شەھەرنىڭ « يىراق جايىدىن » ياكى « شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن » يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشى، « ئى قەۋمىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار » دېدى ( 20 ). شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن كەلگەن كىشىلەر، ماڭغان ھالدا ئەمەس، « يۈگۈرگەن » ھالدا كېلىدۇ. چۈنكى، جەننەتكە ئالدىرماي لاغايلاپ مېڭىپ كىرگىلى بولمايدۇ. ئىنسان جەننەتنى كۆرگەن ۋاقىتتا يۈگۈرۈشى كېرەك. كىشى جەننەتنى كۆرۈپ لاغايلاپ ماڭسا توغرا بولامدۇ؟ ئىنسان جەننەتنىڭ ھىدىنى ئالغان زامات، يەنە ئالدىرماي ماڭامدۇ؟ بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالغانلارغا، ئولتۇرغانلارغا، ياتقانلارغا نېمە دەيمىز؟ ئۇلارنىڭ بىر ئىزاھاتى بولىشى مۇمكىنمۇ؟ شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن جەسۇر كىشى يۈرىكىنى، ئەقلىنى ۋە ئاغزىنى ھەقىقەتنىڭ ماكانى ھالىغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاخىرقى بېكىتىمۇ ھەقىقەتنىڭ ماكانى بولىدۇ، يەنى جەننەت:

« ئۇنىڭغا جەننەتكە كىرگىن » دېيىلدى، ئۇ: « كاشكى قەۋمىم رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى » دېدى ( 26 – 27 ).

ئەنفال سۈرىسىدە، بەدىر ئۇرۇشىنىڭ ئۇ ئېغىر ۋە قېيىن كۈنلىرىدە « سىلەرگە ئارقىمۇ – ئارقا ( چۈشىدىغان ) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن » ( 8:9 ) ئىلاھىي جاسارەتلەندۈرۈشى، قانداق چۈشۈنۈلىشى كېرەك؟ مۇشۇنداق ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللار، ئاللاھ نىڭ قانۇنلىرى دائىرىسى ئىچىدە ئىزاھلىنىشى كېرەك. ئۇ قانۇنلارنى يەنە قۇرئاندىن تاپىمىز. بۇ دائىرىدە « ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان قەۋمنى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن بىر قوشۇن ئەۋەتىپ ھالاك قىلامدۇ؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابى بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا:

« ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى ( جازالاش ئۈچۈن ) ئاسماندىن قوشۇن ( يەنى پەرىشتىلەر ) چۈشۈرمىدۇق، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇنداق قىلمىغانىدۇق. ئەگەر بۇ زۆرۈر بولغان بولسا، بىر ئاۋاز يېتەرلىك بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆچۈپ قالغان چوغدەك قاپقارا كۈلگە ئايلىنىپ قالاتتى » ( 28 – 29 ).

ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر. يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ( 33 – 34 ). ئىنسانلار بەزى نەرسىلەر ھەققىدە تېخى ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ( 36 ). كېچە ۋە كۈندۈزنى بەلگىلىك بىر مەقسەت بىلەن ياراتقان ئۇ ۋە قوياش ۋە ئاينى بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلدۇرغان ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ( 37 -40 ). ئىنسانلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالغۇچى ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ( 41 ) ۋە ئىنسانلار يولدىن چىقىپ ئېزىپ كەتمىسۇن دەپ ئەلچىلەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر (46 ). بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسى بولسۇن دەپ، ئاللاھ ئۇلارغا مال – مۈلۈكىنى يوقسۇللار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشقا بۇيرىغان ( 47 ).

ئىنسان، ھېساپ كۈنى ئامانەت بېرىلگەن ھەر نەرسىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلماقتا.

سۈرىنىڭ نېمە ئۈچۈن سەكراتتا ياتقانلارغا ئوقۇپ بېرىلىشى تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنماقتا:

« سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ. ئۇلار < ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن ( يەنى قەبرىمىزدىن ) كىم ئويغاتتى؟ > دەيدۇ ( چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئۇيقۇسىدا بولۇپ ئازاپتىن خالىي بولىدۇ ) ۋە ( جاۋاپنى ئۆزلىرى بېرىدۇ ): < رەھمان ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ ( كۈن ) بولسا كېرەك، ئەلچىلەر ھەقىقەتەن راست ئېيتقانىكەن > دەيدۇ. پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھوزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەر پەقەت قىلغان ئىشىڭلاردىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىلەر ( مۇكاپات ياكى جازاغا لايىق بولىسىلەر ). شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى ( جەننەتلەرنىڭ ) سايلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ( تۈرلۈك ) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ( ئۇلارنىڭ ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ. مانا بۇ مېھرى- شەپقىتى چەكسىز رەببىڭنى سۆزى بىلەن كەلگەن، تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز سائادەتتۇر. ئەمما ( گۇناھكارلارغا ):< ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ( بىر تەرەپكە ) ئايرىلىڭلار! > دېيىلىدۇ. سىلەرگە ( ئەلچىلەر ئارقىلىق ): < ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر > دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا بۇ. سىلەر ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار >. شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ » ( 51 – 65 ).

تاكامۇللىشىش مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان قانۇندۇر. بۇ قانۇن پەقەت مەۋجۇدىيەتنىڭ ماددىي تەرىپى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەنىۋىي تەرىپى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئېلېمېنىتلار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇن، روھى بىلەن ئۇلاردىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندىكى ئالەمگە تەۋە بولغان ئىنساندا بىر مەنىۋىي ماھىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئاخىرەت مانا بۇ مەنىۋىي تەرەپنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىدۇ. جەننەت ئەسلىدە ئىنساننىڭ تاكامۇللىشىشىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر. ۋەھىي ھايات يولۇچىسىنى ھەر خىل ئېزىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلارغا، يەنى « قەلب جەھەتتىن ) تىرىك بولغانلارغا » ( 70 ) پايدا قىلىدۇ.

سۈرە ئاللاھ نىڭ ئەزىمىتى ۋە قۇدرىتىنى بايان قىلغان بىر ئابزاس بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئىبن ئابباستىن بۇ سۈرىنىڭ پەزىلىتى سورالغاندا، « بۇنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئاخىرقى ئايىتى ئۈچۈن بولسا كېرەك » دېگەن.

« ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ پاكتۇر، ( ئۆلگەندىن كېيىن ) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( 83 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى