قۇرئاندىن ھاياتقا نەزەر

ھايات كىتابىمىز قۇرئانى كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرىسى 265 – ئايىتىدە جانابى ئاللاھ خەيرى – ئېھسان قىلغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ دائىم خەيرى – ئېھسان قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

وَمَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاةِ اللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآَتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِنْ لَمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

ماللىرىنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپسىلىرىنى (سەدىقە ـ ئېھسانغا) ئادەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير ـ ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [265].

خەيرى – ئېھسان بىر جەمىئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مېھرى – مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان بىر ئامىل.

رەسۇلۇللاھ مەككىلىك مۇئمىنلەر بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلارنى قېرىنداش قىلغانلىقى، ئەنسارلارنىڭ بار – يوقىنى مۇھاجىرلار بىلەن تەڭ بۆلۈشكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.

يەنە قۇرئان ۋەھىي بىزگە ئەڭ ياخشى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەن مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قول – ئىلكىدە نېمە بولسا ياكى ھەدىيە سۈپىتىدە نېمە كەلسە ئاساسەن دېگۈدەك مەدىنىدىكى مۇئمىنلەر ئىچىدىن مۇھتاجلارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكى، ئائىلىسىگە ھېچقانداق بىر مىراس قالدۇرمىغانلىقى بىزگە ئايان.

قۇرئان رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى ئۆزىنىڭ نىجاتلىقىنىلا ئويلاپ قالماستىن، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئىيەتنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىدىغان مەسئۇلىيەتچان مۇئمىنلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلاردا بىرگە ئون ھەسسە ساۋاپ ئالىدىغان ھەسانات ( 6:160 ) بىلەن مۇكاپاتى جەننەت بولغان سالىھاتنى ( 4:124 ) بىرگە ئېلىپ ماڭالايدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆرنەك ئەخلاقى بىلەن خۇددى ئاخىرەت ئادىمى سۈپىتىدە ياشىغان، ئۇنىڭ ساھابىلىرىمۇ ياخشىلىقتا بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۆزى مۇھتاج بولسىمۇ، قېرىندىشىنى ئۆز نەپسىدىن ئەلا بىلگەنىدى. قېرىندىشى قەرزدار بولۇپ قالغان بولسا، ئۆز قەرزىدىن بۇرۇن قېرىندىشىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشنى ئەلا بىلگەن بىر نەسىلنى تەربىيلەپ چىققانىدى.

ئىنسانلار جەمىئىيتىدىكى ئاممىنىڭ يۈكىنى شۇ جەمىئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىر – بىرىگە زىچ ماسلاشقان ھالدا ئادا قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ تېخىمۇ زۆرۈر. چۈنكى، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە زېھىنىنى ۋە كۈچىنى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قېلىشىنى، ئۆزىگە قارشى تۇرغىدەك كۈچكە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. بۇ ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت.

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى ئاللاھ نىڭ بۇ تەۋسىيىسىگە قۇلاق سالمىغانلىقىمىزنىڭ شاھىتى بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا. مۇسا جارۇللاھنىڭ قەشقەر زىيارىتىدىكى خاتىرىلىرى بۇ نوقتىدا بىزگە نا تونۇش بولمىسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

مۇسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا، قەشقەرنىڭ ئېگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل، ئاجىز، ئەمما نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز، روس، ششېۋىت….يەنە ئامبال، لويى، دوتەي دىگەندەكلەر ناھايىتى كۈرەڭ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك. ھەتتا بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى شۇ كاتتىلارمۇ مۇشۇكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك لاغ-لاغ تىترەپ تۇرغىدەك. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا -ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىېر خالتا كوچا ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كۇچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن، ھېلىقى كاتتىلار:

ــ بولمايدۇ تەقسىز، بۇ كوچىغا زېنھار كىرمىگەيلا! ــ دەپ ئېلتىجا قىپتۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشىنى توسقانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ:

ــ نىمە سەۋەپتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز؟ ــ دەپ سوراپتۇ. كاتتىلار:

ــ بۇ كوچىغا پاھىشخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس، شۇڭا سېلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىرى تۈزۈك، ــ دەپ توسۇپتۇ.

ئالىم گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كاتتىلارمۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا… بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىكەن (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن). بىچارە ئۇيغۇر قىز-جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمىنىڭ ئىچى سېرىلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئولىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر چەتتە چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۈكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. كاتتىلار «نېمە ئىش بولىدىكىن» دەپ قېزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ:

ــ ئى، بىچارە قىزىم، نىمە سەۋەپتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟

مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۈرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالماي سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ:

ــ مەن پالانى يېزىدىكى پۇكۇنى ئادەمنىڭ ئىككىنجى قىزى پۇستانىخان بۇلىمەن. مەن 14 ياشقا كىرگەن چاغدا ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىز چۆچۈرىدەك 4 بالا يىتىم قالدۇق. دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا، ھەم ئانا بولۇپ، ھەم ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۈچىنجى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ ئوغلى ئاياق ئاستى قىلىپ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ. بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى. دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان، دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى. بىز دادىمىزنى مىڭ مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تىۋىپقا كۆرسەتتۇق. داداممۇ ئاخىرى نىمجان بولۇپ ساقايدى… ئۇرۇق- تۇققانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دەملا؟ ئۇرۇق – تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيلا؟… يۇرت كاتتىلىرى؟ ھېھ!… بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دېگەن نېمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بولۇۋاتمامدۇ؟!… دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا قېلىپ مېنى جازانىخورغا تۇقاللىققا ياتلىق قىلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۇتۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ جاڭگالدا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئون- يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىچارىنىڭ جەسىدىنى بىر توختام سۇنىڭ بويىدىن تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇقمايمەن. جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېزىمىزغا بارسام، مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن،… ـــ جۇۋان ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئالىم تارام – تارام كۆز ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:

ــ ئى، ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كېيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟ ــ دەپ سوراپتۇ. جۇۋان:

ــ بەزىدە سالالايمەن، بەزىدە سالالمايمەن… ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالىم:

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كېيىن چوقۇم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ، ــ دەپتۇ. ئالىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان كاتتىلار غۇلغۇلا قىلىشىپ:

ــ يا تەقسىر! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غۇسلى تاھارەت قىلسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ، دەپ قايسى كىتاپتا بار!؟….ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا.

ــ ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ھەقىقى ئوغۇل بالا ئەركەك ھىساپلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم.

ــ نېمە سەۋەپتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك ئۇنىڭ گۇناھى؟

ــ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلىدەك يۇرت «ئاتا» لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى، سىلەر ئۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىق قىلالماي، مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن، ئەلۋەتتە سىلەرگە يۈكلىنىدۇ… سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر ــ يۇ، ئەجەبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى « جالاپ خۇتۇن » دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىپلەمسىلەر؟!… شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئېپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلەر بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى… بەلكىم سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر، ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭلار جالاپ خۇتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن. مەن قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى بەزمە – زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار، زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام، بىر – بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار، تەييارلانغان نازۇ – نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل- يۇرت شۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۈگۈنكى ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات، ئاچ – يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ. ئىلاجىسىز ئۆلۈۋېلىشقا، ئىپپەت – نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىۋېتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كېكىرىپ يۈرۈپسىلەر، ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ – نىمەتلەر يىگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ جالاپ خۇتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غۇرۇسىز، ئارسىز بولغاچقا خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئېپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە! كىمدەكىم، ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!!!

بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا ئىچىڭىز ئاچچىق بولغان بولىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىئىيتى قايتىدىن كۆز ئالدىڭىزدا جاللانغان بولىشى مۇمكىن.

ئىسلام جەمىئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىدا ئاللاھ ئامانەت قىلىپ بەرگەن مال – مۈلۈكتىن سەرپ قىلىشقا بۇيرىيدۇ. قۇرئاندا خەيرى – ئېھساننىڭ ناماز بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەرگىزمۇ تاسادىيلىق ئەمەس. قۇرئان مۇسۇلمانلارنى زاكات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن مال – مۈلۈكتىن ياخشىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئىزچىل مال – مۈلۈكنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، مۇسۇلمانلارنى مال – مۈلۈككە قۇل ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ خوجايىنى بولۇشقا، ئۇنى ئىمانىغا شاھىت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە چاقىرىدۇ. مال – مۈلكىگە ھەقىقىي يوسۇندا خوجايىن بولالىغان كىشى، مال – مۈلكىنى ئاللاھ كۆرسەتكەن ياخشى ئىشلارغا ئىككىلەنمەستىن ئىشلىتەلەيدۇ.

ئەگەر ئاللاھ بەرگەن بۇ ئامانەت ئاللاھ كۆرسەتكەن يولغا سەرپ قىلىنمىغاندا، ئۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى 266 – ئايەتتە ئىبرەتلىك شەكىلدە بايان قىلىپ بەرمەكتە.

أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَنْ تَكُونَ لَهُ جَنَّةٌ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ لَهُ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَأَصَابَهُ الْكِبَرُ وَلَهُ ذُرِّيَّةٌ ضُعَفَاءُ فَأَصَابَهَا إِعْصَارٌ فِيهِ نَارٌ فَاحْتَرَقَتْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآَيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

« ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ، (بۇ باغ) ئوت ئېلىپ كەلگەن بىر قارا بوراندا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل ـ مېلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم ساۋابىنى ئەڭ موھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ) » ( بەقەرە سۈرىسى 266 – ئايەت ).

ئۆز ۋاقتىدا نىمىجان بولۇپ قالغان ئۇيغۇر جەمىئىيتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن كۆزگە كۆرىنەرلىك بايلار كۆپ ئىدى. قولىدا ھەر خىل شارائىتلار مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بۇ ئانا ۋەتەننىڭ يوقسۇل – ئاجىزلىرىغا، دىندىشى ۋە قاندىشى بولغان ئۆز خەلقىگە ساناقلىق بايلارلا ئىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى سېيلىغانىدى. ئەگەر بايلىرىمىز قولىدىكى ئىمكانلىرىنى خەلقنىڭ ئاجىزلىرىنى يۆلەش، مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، بەلكىم بۇ نېمجان ئۇيغۇر جەمىئىيتى قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرىشى مۇمكىن ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ رىئاللىققا ئايلانمىدى. ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ باغقا ئوت ئەۋەتىلىپ، بۇ باغ كۆيۈپ – كۈل بولدى. قانداق بولۇپ دەمسىز؟

شىڭ شىسەي ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىتالىندىن ئالغان 5 مىليۇن روبلى قەرزىنى، سىتالىننىڭ يول كۆرسېتىشى بىلەن، بىر كېچىدە يالغان دىلو پەيدا قىلىپ ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى، بەزى بايلارنىڭ ئۆيىدىن چىققان ئۇيۇل ئالتۇنلارنى كۆرۈپ شىڭ شىسەينىڭ ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغانلىقى، بىر باينىڭ ئۆيىدىن چىققان مال – بېساتنى يۈك ماشىنىسى بىلەن بىر ھەپتە توشىغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرىلەر بىزگە يات بولمىسا كېرەك.  شىڭ شىسەي سىتالىنغا قەرزىنى قايتۇرۇپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ نۇرغۇن نەپ ئالدى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ بايلىقلار، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتتا مانا بۇ قانخورلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتتى.

مانا بۇ قۇرئانى ھەقىقەت بىزگە بىر ئىبرەتنى ئەسلەتكەن، ھۇشۇمىزنى يوقۇتۇپ قويغان بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا يېتەرلىك نەسىھەتتۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى قولىدىكى ئىمكاننى لايىقىدا ئىشلىتەلەيدىغان بەندىلەر قاتارىدىن قىلغاي، ئامىن!!!