قىيامەت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەزكۇر سۈرە « بۈيۈك قىيام » ياكى قايتىدىن تىرىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قىيامەت » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىپلا قالماستىن، سۈرىنىڭ مەزمۇنىمۇ قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇرئاندا قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك 14 سۈرىنىڭ بارلىقىنى مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەردە قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدۇق.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

قىيامەت كەلىمىسى ئىپادىلىگەن مەنا دائىرىسىگە « ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىت – ئەس سائەھ »، « ھېساپ كۈنى – يەۋمۇد دىن »، « بۈيۈك پەرياد – يەۋمۇل فەزەئىل ئەكبەر » قاتارلىق ئىسىملارمۇ كىرىدۇ، بۇ كەلىمىلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنماقتا.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، مەزمۇنى جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا قارىئە، مۇرسەلات، بەلەد، تارىق، شەمس ۋە تىن سۈرىلىرىگە ئوخشاش شەخس نىشان قىلىنغان دەۋەت باسقۇچىدىن كېيىن ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئېمبارگو مەزگىلىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مۇسھابلاردا قارىئە سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. مەزكۇر سۈرىدە ئىنكارچىلارغا قارىتا قاتتىق رەددىيە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، مەشھۇر بولغان قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە نەجم سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – ياكى 5 – يىلى نازىل بولغان بولسا كېرەك.

قۇرئاندا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق بۆلەكلەر ۋە سۈرىلەردە كۆرۈلگەن ئۇسلۇب بۇ سۈرىدىمۇ روشەن ھالدا ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا ( ئىنشىقاق سۈرىسىگە قاراڭ ).

سۈرە قىيامەتكە قەسەم قىلىش بىلەن باشلىغان تۇنجى سۈرە بولۇپ، قىيامەت ئاساسىي تېما قىلىنىش ئارقىلىق، بىۋاستە ھالدا ئىنسانغا خىتاپ قىلماقتا. چۈنكى، مەزكۇر سۈرىدە بارلىق ئىنسانلار كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ئالتە قېتىم « ئەل – ئىنسان » كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق « ئەي ئىنسان! ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولۇشنى ئويلاۋاتىسەن؟ » دېگەن سۇئالنى سوراۋاتىدۇ دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز.

مەزكۇر سۈرىدە جان ئۈزىۋاتقان ۋاقىتتىكى مەنزىرە ئەڭ جانلىق شەكىلدە بايان قىلىنغان:

«شۇنداق، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە، « ( بۇ كېسەلگە ) كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟ » پەريادلىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ( سەكراتتا ياتقان ئادەم ) بۇنىڭ ( دۇنيادىن ) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىدۇ. ( سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر » ( 26 – 30 ).

سۈرىسدە قايتىدىن تىرىلىش مەقسىتى بولغان مۇكاپات ۋە جازا، ئۇنىڭ ئۇلىدا ياتقان ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىگەن. ئەڭ ياخشى بۇزۇلسا ئەڭ ئەسكى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى بولغان ئىنسان شۇ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئەڭ ياخشىنى ئاگاھلاندۇرماقتا:

« ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا ( يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇ كۈن تېخىمۇ يېقىنلاشتى ) !» ( 34 -35 ).

بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق ئەجىلنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، ئېمتىھان ۋاقتىنىڭ توشۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ ياخشىغا ( مۆتىۋەر مەخلۇققا ) ئامانەت قىلىنغان نەرسىلەرنى، ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىتىۋاتقان ئىنسانغا بىۋاستە خىتاپ قىلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلمەيدىغان ھۆرمەتلىك، ئىتىبارى بار مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

« ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ ( يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويىۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش ) دەپ ئويلامدۇ؟ » ( 36 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى