1. كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزدە باشقىلارغا قوپال ۋە سوغۇق بولماڭ، مېھرىبان ۋە مۇلايىم بولۇڭ. ئاچچىقىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇڭكى، قارشى تەرەپمۇ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتسۇن. « مۇشەققەتكە چىدىمىغان » بۇ دۇنيادا ياشىمىسۇن. مۇئمىن بولۇش « مۇشەققەتكە دۇچار بولماسلىق » ئەمەس، « ( داۋا يولىدىكى ) جاپاغا نامزات بولۇش » دېگەنلىكتۇر. رەنجىتمەسلىكتىنمۇ مۇھىم بولغىنى رەنجىمەسلىك. بۇنى قىلالىغان كىشىلەر پەقەت كامىل ئەخلاققا ئىگە بولغان كىشىلەردۇر. رەنجىتمەسلىك ھەر كىشىنىڭ پايدىسى، رەنجىمەسلىك يىگىت كىشىنىڭ ئىشىدۇر.
  2. پىداكار ۋە ۋاپادار بولۇڭ. مۇئمىنلەر بىر يەرگە جەم بولغان ھالدا ياشاشقا مەجبۇر ۋە ئېتىقاد تەقەززاسىدۇر. بىر يەردە بىرگە ياشاشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى « پىداكارلىقتۇر ». ھېچقانداق ئىش بەدەلسىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ دوستقا ئىگە بولۇش… قېرىندىشىنى نەپسىدىن ئەلا بىلىش « ئىسار ( قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىش ) »دۇر. ئىسار خسلىتىگە ئىگە بولۇش، پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنىدۇر.
  3. ئۆز مەنپەئەتىڭىزدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىدىغانلاردىن بولۇڭ، شەخسىيەتچى بولماڭ. ئەگەر ئىنسانلار ئۆزى ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيانى راھەت – پاراغىتىدىن، مال – مۈلكىدىن، ھاياتىدىن قۇربانلىق بەرمەي تۇرۇپ قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىۋاتقان بولسا، بۈگۈنگىچە بولغان ۋە كېلەچەك ئىنسانلىق تارىخى بۇنى رەت قىلىدۇ. باتىل ئەھلىنىڭ باتىل داۋاسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنى، ھەق ئەھلى ھەق داۋاسى ئۈچۈن كۆرسىتەلمىگەن بولسا، زەپەردىن سۆز قىلىشى ئۇچىغا چىققان بىمەنلىك بولىدۇ. چۈنكى، « ئىنسان پەقەت قىلغان ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ »، بۇ ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى. قۇرئان بىزگە بۇنى ئۆگەتمەكتە. بۇ يەردىكى شەرت « ئەمەل قىلىش ». بىر ئىنساننىڭ ھەق يولدا بولىشى، ھورۇنلىقىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر ئۈن – تىنسىز ئەمەل قىلغۇچىلار ( تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەر ) بولىدۇ.
  4. باشقىلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىنىشكە ئامراق بولماڭ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىپلىرىنى كوچىلاش، ئۇلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەيىپلىرىنى يېيىش، ئاللاھ مەنئى قىلغان بىر ئىش. مۇئمىن، قېرىندىشىنىڭ بىر ئەيىپىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئابرويىنى تۆككۈچى ئەمەس، ئۇ ئەيىپىنى تۈزىتىپ قېرىندىشىنى ئېزىز قىلغۇچىدۇر. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ئاللاھ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرسى « ساتتار: ئەيىپلەرنى ياپقۇچى » دۇر. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى، خاتالىقىنى ئىزدەشتىن ھوزۇر ئالىدىغانلار، مەرەز كىشىلەردۇر. بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى يېپىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىشىدۇ. سىز بۇلاردىن بولۇپ قالماڭ ۋە بۇنداقلار بىلەن دوست بولماڭ. شۇنى بىلىڭكى، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ياكى كەمچىلىكى، سىز ئۈچۈن باھانە ۋە سىزنىڭ توغرىڭىز بولالمايدۇ.
  5. مەجلىس ( كېڭەش ) ئامانەتتۇر، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماڭ. مەسلىھەتلەشكەنلەر ئارىسىدا خۇسۇسىي بولغانلارنى ھەر يەردە ساتماڭ. نۇر سۈرىسى 62 – ئايەتتە بايان قىلىنغان مەجلىس ئەخلاقىغا رىئايەت قىلىڭ. سۆھبەت ئارىسىدا كىرگەن مەجلىسكە ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بىر جاينى تاللاپ ئولتۇرۇڭ. سۆھبەتنىڭ نۇرمال شەكىلدە داۋام قىلىشىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ. سۆھبەتنىڭ نۇرمال داۋاملىشىشىغا بىر دەخلىسى بولمىسا، ئىجازەت ئېلىپ كىرىڭ. ئەگەر جاي كۆرسىتىلسە، كۆرسىتىلگەن ئورۇندا ئولتۇرۇڭ.
  6. بىر مەجلىستە مۇزاكىرىلىشىۋاتقان مەسلىلەرنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ سۆزگە قوشۇق سالماڭ. مەجلىسكە كەلگەن ئىلىم ۋە ئېرپان ئىگىسى، مويسىپىت ۋە بىتاپ كىشىلەرگە ئورۇن بېرىڭ. بۇ بىر پەزىلەت ۋە تەسەددۇق ( سەدىقە ). مەجلىسىتىن ئىجازەت ئالماستىن ئايرىلماڭ. ھەر سۆھبەتنى باشلاشتىن بۇرۇن قۇرئاندىن بىر سۈرە ياكى دۇئا بىلەن، ئاخىرىلاشتۇرغاندا ئىستىغپار بىلەن ئاخىرىلاشتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. شۇنى بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق قىلاتتى. بۇ سۆھبەتنىڭ / پائالىيەتنىڭ مەنىۋىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنتۇلغان بىر سۈننەت ئىھيا قىلىنغان بولىدۇ.
  7. ئىنسانلارنىڭ ئىزتىراپلىرىغا ھەمنەپەس بولۇڭ. بىتاپلارنى زىيارەت قىلىڭ، تەسەللىي بېرىڭ. ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئىسلاملىقىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.
  8. قەلىب ئوۋچىسى بولۇڭ. ئىنسانلار ئېغىر كۈنلەردە قىلىنغان ياخشىلىقلارنى ئۇنتۇمايدۇ. مۇشۇنداق زىل ۋاقىتلاردا ئۇلارغا يار يۆلەكتە بولۇڭ ۋە كۆڭۈل دۇنياسىدا ئۆزىڭىزگە بىر كىشىلىك يەر ئايرىتىڭ. يېتىم – يېسىر، ئىگە – چاقىسزلارغا، مۇساپىرلارغا، تۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ. ئۇنتۇماڭكى، ھەر قانداق ئىنسانلار جەمىئىيتىدە بۇ خىل كىشىلەر ئىسلامنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشىدۇر. يەنە شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ياشاۋاتقان جەمىئىيتىڭىزدىكى ئاجىزلارنى ھىمايە قىلىش، ئېتىقادىمىز بىزگە بەرگەن بىر مەسئۇلىيەت.
  9. ياشاۋاتقان جەمىئىيتىڭىزدە ئىزلگەنلەرنىڭ سۆزچىسى ۋە كۆزى بولۇڭ. ئۇلارنى دىننىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇڭ. دەرتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ، نېنىڭىزنى ئۇلار بىلەن بۆلۈشۈپ يەڭ. دائىم جەمىئىيەتتىكى قول – ئىلىكىدە بار كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ، يوقسۇل بىلەن باي ئارىسىدا ئايرىمچىلىق قىلىش، ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن. بۇنى « خىزمەت »، « داۋا » دېگەندەك باھانىلەر بىلەن بولسىمۇ قىلماڭ. بۇنداق قىلىش « يەھۇدىيلىشىش » بولىدۇ. بۇ يىرگىنچلىك ئىشتىن شەيتاندىن قاچقاندەك قېچىڭ.