كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر

 

  1. ياخشىلىقلارنى ۋە گۈزەللىكلەرنى ئېلىش ۋە بېرىش ئۈچۈن تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە باشلامچى بولۇڭ. لېكىن يامانلىقلار ۋە كەمچىلىكلەر نوقتىسىدا ئۇنى توسىغۇچى ۋە تۈزەتكۈچى بولۇڭ. خاتالىقلىرىڭىز ۋە ئەيىپلىرىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرماڭ. دوستلىرىڭىزنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرۇڭ، خوشاللىقىغا خوشال بولۇڭ. قەلب ئوۋچىسى بولۇڭ. ئالاھىدە ۋاقىتلارنى، يەنى مۇسىبەت ياكى خوشاللىق ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ۋاقىتلارنى كۆڭۈل ئېلىشتا ئالتۇن پۇرسەت دەپ بىلىڭ.
  2. ئەگەر بارغان سورۇنىڭىز ئىسلامى بولمىسا، ئۇلارغا ماسلىشىپ ئولتۇرماڭ. بارغان ۋە قاتناشقان سورۇن ۋە سورۇن ئەھلىنى ئۆز ئېتىقادىڭىزغا چىرايلىق ئۇسلۇپتا ماسلاشتۇرۇڭ. بارغان يېرىڭىزگە ئىسلامى ياشاش شەكلىنىمۇ بىرگە ئېلىپ بېرىڭ. ئۆز ئېتىقادى قارىشىڭىزغا ماس بىر مۇھىت يارىتالمىسىڭىز، باشقىلار سىزنىڭ نامىڭىزدا سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىزغا زىت بىر مۇھىت بەرپا قىلىدۇ.
  3. كەمتەر بولۇڭ، لېكىن خاراكتېرسىز بولماڭ. كەمتەر بولۇش، ئۆز ئىززەت – ھۆرمىتىنى تۆكۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر. ئاللاھ كىتابىدا مۇئمىنلەرنى تونۇشتۇرۇپ « ئۇلار مۇئمىنلەرگە ناھايىتى يۇمشاق، كاپىرلارغا شەپقەتسىز ( ئۆز ھۆرمىتىنى ساقلايدۇ ) » دەيدۇ. شۇنى ئوبدان بىلىڭكى، مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا قارىتا تەكەببۇرلىشىپ غادىيىۋالغانلار، كاپىرلار، مۇناپىقلار ۋە پاسىقلار ئالدىدا سۇغا چۈشكەن مۈشۈككە ئايلانماقتا.
  4. قېرىندىشىغا قارىتا كەمتەر بولسا، ھۆرمىتى چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلار، ھەقىقەتتە شەخسىيەت ئىگىسى بولمىغان بىنورمال ۋە ئىللەتلىك كىشىلەر بولۇپ، بۇلار سۇدىن ئىبرەت ئالسۇن. قاراڭ، سۇ ھەمىشە كەڭ جايلاردا ئاقىدۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئىززىتىدىن بىر نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. تىلىمىزغىمۇ بۇ قاراش سىڭىپ كىرگەن بولۇپ « سۇدەك ئېزىز بولغىن » دەيدۇ. سۇنىڭ تېيز جايلاردا ئېقىشى ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتىدىن بىر نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. سۇ، يىلتىزدىن دەل – دەرەخلەرنىڭ ئەڭ ئۇچ نوقتىسىغىچە يېتىپ بارىدۇ. قار بولۇپ تاغلارنىڭ چوققىسىدا ياشايدۇ، پارغا ئايلىنىپ ئاسمانغا چىقىدۇ.
  5. ئىززەت ۋە ئۇلۇغلىقى شەخسىيىتىدىن كېلىپ چىقمىغان كىشىلەر، كىچىك پېئىل بولۇشقا، كەمتەرلىك بىلەن ياشاش، كىيىنىش، يەپ – ئېچىشتىن قورقىدۇ. خورلۇق تۇيغۇسى ئىچىدە ياشايدىغانلار سۆزلىرىدە، مۇئامىلىسىدە ۋە ھايات شەكلىدە كەمتەر بولالمايدۇ.
  6. كەمتەرلىك قىلدىم دەپ چەكتىن ئاشۇرۇپ، ئىماننىڭىزنى دەپسەندە قىلىشىڭىز بىر ئارتۇقچىلىق ئەمەس، خاراكتېرىڭىزدىكى ئاجىزلىقتۇر. كاپىر، مۇناپىق ۋە پاسىققا مەنپەئەت ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئىتائەت خارلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. مۇئمىن مەنسۇپ بولغان دىنىنىڭ شەرىپىنى ئۆز نەپسىنىڭ شەرىپىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويىشى ۋە ھىمايە قىلىشى لازىم.
  7. يالاقچى، تەخسىكەش بولماڭ. ئەگەر بۇنداق قىلسىڭىز، ھەم ئۆز ئابرويىڭىزنى تۆكىۋالىسىز ھەمدە قارشى تەرەپنى ئالدىغان بولىسىز. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، يالاقچىلىق قىلىپ، خوشامەتچىلىك بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن مەنپەئەت كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى خور ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ. ئۇ مەنپەئەتنى باشقا يوللار بىلەنمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن يوقۇتۇپ قويغان ئېتىبارىڭىزنى دۇنيالارنى پىدا قىلسىڭىزمۇ قايتۇرۋالالمايسىز.
  8. تەخسىكەشلىك يالاقچىلىقنىڭ كەسىپكە ئايلانغان شەكلى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلامچى كىشىلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئەتراپىنى تەخسىكەش كىشىلەرنىڭ قاپلاپ كېتىشىدۇر. سىز باشقىلارغا تەخسىكەشلىك قىلماڭ، باشقىلارنىڭ سىزگە تەخسىكەشلىك قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماڭ. ئەگەر بىرسى سىزنى يۈز تۇرانە ھالدا ماختىغان بولسا، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىپ – قىلمىغانلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر ياخشىلىقىڭىز يەتكەن كىشىدىن كەلگەن بولسا ھەدىيە ۋە مەدھىيەنى قوبۇل قىلىڭ. ئەگەر ياخشىلىقىڭىز يەتمىگەن بىرسى سىزنى مەدھىيلەۋاتقان بولسا، سۆيۈملۈك رەسۇلۇللاھنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن « ئۇنىڭ يۈزىگە توپا چېچىڭ » ۋە ئۇ مەدھىيەنى قوبۇل قىلماڭ. بۇ ئاللاھ رەسۇلى قويغان نەبەۋىي ئۆلچەم.
  9. كىشىلەرنى ئورنى، ئەھۋالىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش بىلەن خوشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ. كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىجەز – خۇيىغا ئاساسەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىش خوشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىك ئەمەس، پاراسەت ۋە ھىلىم ئەھلى بولغانلىقتۇر. بۇ قابىلىيەتكە ئىگە بولمىغانلارنىڭ تەقدىرى پەقەت ياشاش ۋە ئۆلۈشتۇر. ھەممە كىشىنى مۇشۇنداق دەپ قاراش ئەھمەقلىق بولىدۇ.