سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى (بەتلەر: 6)

« قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » ھەققىدە تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئىككى ئېغىز سۆز

مېھرى شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » ھەققىدە تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئىككى ئېغىز سۆز  ھۆرمەتلىك كىتاپخان: قولىڭىزدىكى « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » سەرلەۋھىلىك بۇ ئەسەر، تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن ئەلبەسرى تارىخى ئەسىرىنىڭ شەرھىيسى بولۇپ، تۈرك ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئالقشقا ئېرىشكەن ۋە قايتا – قايتا نەشىر قىلىنغان. كەمىنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا خ ...

داۋامى

قەدەر رسالىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى

قەدەر رسالىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى 1.3. رىسالىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئويۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسىنىڭ كۆپرۈلۈ نۇسخىسى(a)، بىلىشىمىزچە دۇنيادا مەۋجۇت بولغان پەقەت بىرلا نۇسخا. بەكمۇ كونىراپ كەتكەن، بەزى جايلىرى يىرتىلغان بۇ ۋەسىقىدە ھەم ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان ( ياكى ئۇنىڭ نامىدىن يازغان ھەججاج )نىڭ مەكتۇبى، ھەمدە ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە جاۋاپ سۈپىتىدە يازغان مەكتۇپ تولۇق ...

داۋامى

« ئۇل تەشكىل قىلغۇچى ۋەسىقە » سۈپىتىدە قەدەر رىسالىسى

2.2 . « ئۇل تەشكىل قىلغۇچى ۋەسىقە » سۈپىتىدە قەدەر رىسالىسى  بىر ئۇل تەشكىل قىلغۇچى ۋەسىقە بولغان قەدەر رىسالىسى، « مەخسۇس تېما تەپسىر » تۈرلىرىگە ئائىت تۇنجى يىرىك ئەسەردۇر. رىسالىدە ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيەتلىرى، توقسانغا يېقىن ئايەت ئارقىلىق ئىزاھلانغان. رىسالىنىڭ، قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان ئۇسلۇبى بىلەن ئۇسلۇبلانغان بىر كىشىنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن ...

داۋامى

قەدەر رىسالىسى ئىككى نۇسخىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى

 4.1. قەدەر رىسالىسى ئىككى نۇسخىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى  ئاپتۇر ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەسەرى بولغان « قەدەر رىسالىسى »نىڭ، دۇنيادا مەلۇم بولغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولغان كۆپرۈلۈ نۇسخىسىنى (a)، ئۇنىڭ بىر قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۈچىنچى بىر شەخىس تەرىپىدىن خەلىپە ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتكەن مەكتۇبى بولغان ئاياسوفا نۇسخىسىنى (b) ئىسمى بىلەن قىسقارتىپ ئاتايمىز. ئالدى بىلەن (a) ۋە (b) نۇسخا توغرىسىدا ئېيتىشقا تې ...

داۋامى

قەدەر رىسالىسىنىڭ نۇسخىلىرى ( داۋامى )

2.1. كۆپرۈلۈ نۇسخىسى (a)  ئەسەرنىڭ دۇنياغا تونۇلغان بىردىنبىر نۇسخىسى « رىسالەتۇل قەدەر ( قەدەر رىسالىسى) » ئىسمى بىلەن ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئەسەرنىڭ كۆپەيتىپ يېزىلغان نۇسخىسى 8 - ئەسىر دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. رىسالە كۆپرۈلۈ ( فازىل ئەھمەت پاشا ) كۇللىياتىدا 297.4 تۈر، 0001589-039 رەقەم بىلەن ئەنگە ئېلىنغان. رىسالە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن رىسالىلەر مەجمۇئەسىنىڭ 40 - ئەسىرى بولۇپ ...

داۋامى

2- باب قەدەر رىسالىسى توغرىسىدا

2- باب  قەدەر رىسالىسى توغرىسىدا  1.قەدەر رىسالىسىنىڭ نۇسخىلىرى  1.1 رىسالىنىڭ سەزگۈرەشتىسى   رىسالىنىڭ بېشىدىن نۇرغۇنلىغان بوران - چاپقۇنلار ئۆتكەنلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولمىسا كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا، رىسالىنىڭ گۈل - گۈلىستانلىق بىر مۇھىتتا بىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلىشى ئىككى سەۋەپتىن بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىرىنجى سەۋەپ، رىسالە زالىم بىر ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيسىگە قارشى بىر پاكىت ئىدى. ئاپتۇر ھەس ...

داۋامى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ سىياسىي مۇخالىپەت ئۇسلۇبى

2.4. ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ سىياسىي مۇخالىپەت ئۇسلۇبى  قەدەر رىسالىسى مۇئەللىپىنىڭ ھاكىمىيەت زۇلۇمىغا قارىتا تۇتقان مۇخالىپەت ( ئۆكتىچىلىك ) چۈشەنچىسىنى، كۈنىمىز تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا « ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك » ياكى « پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش » دېگەن ئۇقۇملار ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەلبەسرى قورققانلىقىنى يوشۇرمايدىغان دەرىجىدە دۇرۇست، قورقۇسىغا ئەسىر بولمايدىغان دەرىجىدە پىرىنسىپچان كىشى ئىدى. ئۇ قورقق ...

داۋامى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۇسلۇبى

4 – ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۇسلۇبى 1.4. كۆرەش قىلىش ئۇسلۇبى قەدەر رىسالىسى مۇئەللىفىنىڭ مەكتىۋىگە بىر ئىسىم قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىسىم ھېچ شۈبھىسىز « مۆتىدىللىق مەكتىۋى » بولاتتى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ھاللىق يولىنى ماۋزۇلار سۈپىتىسدە مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. سىياسى ئۆكتىچىلىكتە مۆتىدىل بولۇش. يەنى، ئۇ خارىجىلارغا ئوخشاش قوراللىق قوزغىلاڭ، ياكى مۇرجىئىلەرگە ئوخشاش زۇلۇمغا يانتاياق بولۇش يولىنى تۇتم ...

داۋامى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى نوپۇزى ( داۋامى )

مۇنداق بىر سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن. يەنى، بىر ھەسەن ئەلبەسرى فىقھىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق، بىر ئىمام ئەلبەسرى فىقىھى بار دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك شەكلى يوق. ئەمما، « رىۋايەت »كە ئەمەس « دىرايەت » ۋە « رىئايەت »كە، « تەكەللۇم ( سۆز ) »گە ئەمەس « تەفەققۇھ ( چۈشۈنۈش، تەكشۈرۈش ) »قا ئاساسلىنىش بۇ فىقھىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئىدى. خۇددى رەسۇلۇللاھ، ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئىبنى ...

داۋامى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىلمىي نوپۇزى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئىلمىي نوپۇزى « ئەگەر ئىلىم بولمىغان بولسا ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ پەرقى بولمايتتى » دېگەن قەدەر رىسالىسىنىڭ ئاپتۇرى ھەسەن ئەلبەسرى، ئۆزى ياشىغان دەۋىردە ئەخلاقى بىلەنلا ئەمەس، ئىلمى بىلەنمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇنى زامانداش ئالىملاردىن پەرىقلىق قىلغان نوقتا، ئۇنىڭ ھەر قايسى ئېقىملاردىن ئىلىم ئالغانلىقى ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرى 15 يېشىغىچىلىك ساھابە ئىچىدىكى ھەممە ئېقىملارغا ۋە ...

داۋامى

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش