سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەسەرلىرىمىز (بەتلەر: 10)

ئەنفال سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەنفال سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « مەغپىرەت قىلىنغان، زىيادە بەخش ئېتىلگەن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەنفال » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. گەرچە كەلىمىنىڭ لوغەت مەنىسى يۇقىرىدىكىدەك بولسىمۇ، بۇ يەردە « غەنىيمەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن « ئەنفال » ئىسمى بىلەن ئاتالغان ( بۇخارى ۋە ۋاھىدى ). فىرۇزئابادى سۈرىنىڭ « بەدر سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىكك ...

داۋامى

تەغابۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

تەغابۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىنىڭ 9 – ئايىتىگە ئاساسەن بۇ سۈرىگە ھەم « ئالدىنىش ۋە يۈتۈپ كېتىش »، ھەم « ئۇتۇق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەغابۇن » ئىسمى بېرىلگەن: « مەھشەر كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ. ئۇ كۈن ئۆز ئارا ئالدىنىش ( تەغابۇن ) كۈنىدۇر » ( 9 ). مەزكۇر ئايەتتىكى « ئۆزئارا ئالدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تەغابۇن ئوخشاشلىق پېئىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرى ...

داۋامى

مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە ئىككىنجى ئايەتكە ئاساسەن « مۇھەممەد » ئىسىمى بىلەن ئاتالغان. قۇرئاندا ئالئىمران ( 144 )، ئەھزاپ ( 40 )، فەتىھ ( 25 ) ۋە بۇ سۈرىدىن ئىبارەت تۆت سۈرىدە مۇھەممەد ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. مۇھەممەد ئىسمى ئەڭ باشتا بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئاندا يۇنۇس، ھۇد، يۈسۈپ، ئىبراھىم، مەريەم، لوقمان، نۇھ ۋە مۇھەممەدتىن ئىبارەت پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان سەكك ...

داۋامى

بەقەرە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى – 3

سۈرىدە مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەنلىكىنى تەپسىلاتى بىلەن ۋە تارىخى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىنىۋېتىپ، بىردىنلا تېما باشقا بىر مەسىلىگە يۆتكىلىدۇ. 122 – ئايەتتىن باشلاپ ئەسلى تېمىغا قايتىدۇ. لېكىن، 108 – 121 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەك بىر تېمىدىن چەتنىگەن بىر پاراگراف بولۇپ، بۇ خۇددى يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بارلىق بايانلار ئارقىلىق « قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا » دېگەنلىكتۇر. ...

داۋامى

بەقەرە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى -2

تەۋبە بىلەن ئادەم، ھەسەت بىلەن شەيتان بولۇش  سۈرىنىڭ 30 – 39 – ئايەتلىرى ئارىسىدا ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى بايان قىلىنغان. قىسسىنىڭ باش قەھرىمان بولغان ئادەم گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ ئادەم بولۇشنىڭ؛ ئىبلىس گۇناھىدا چىڭ تۇرۇپ شەيتان بولۇشنىڭ سىمۋولىدۇر. قىسسىدە ئادەم ۋە شەيتان ئارقىلىق، خاتالىقىنى بىلىش ۋە خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان. بۇ قىسسە ئارقىلىق، ئاللاھ ئىنساندىن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلە ...

داۋامى

بەقەرە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى -1

بەقەرە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى   سۈرىگە 67 – 73 – ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان قىسسەگە ئاساسەن « كالا » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « بەقەرە » ئىسمى قويۇلغان. بۇ قىسسە بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدە يۈز بەرگەن جىنايەتچىسى نامەلۇم جىنايەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان كالىنىڭ قىسسىسىدۇر. ئەسلىدە بۇ كالا، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ زېھنىگە ئورۇنلىشىپ كەتكەن مىسىر ئىلاھلىرىنى تەمسىل قىلىدۇ. چۈنكى ئاپىس كالىسى ۋە « خ ...

داۋامى

ھەج سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ھەج سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىنىڭ 25 – ئايىتى ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا تىلغا ئېلىنغان ھەجگە مۇناسىۋەتلىك بۆلەككە ئاساسەن سۈرە « ھەج » سۈرىسى دەپ ئاتالغان. لېكىن ھەج ئىبادىتى بۇ سۈرىدىن كېيىن نازىل بولغان بەقەرە ۋە ئالئىمران سۈرىلىرى بىلەن پەرز بولغان. سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان ( ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى ). ھەج سۈرىسى نازىل بولغان ۋاقىت ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت: مەككىدە نازىل بولغان. ...

داۋامى

مۇتەففىفىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

  مۇتەففىفىن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە 1 – ئايەتتىكى « قاقتى – سوقتى قىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇتەففىفىن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان: « قاقتى – سوقتى قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 1 ). كەلىمە تۈرلىنىپ چىققان تەتفىف، زىت مەنلىك سۆز بولۇپ، ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلچەش ۋە باھالاشتا « ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش » مەنتىقىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپسىر ۋە مۇسھابتا بۇ ئىسىم بىلەن ...

داۋامى

ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە، 41 – ئايەتتىكى « چىشى ئۆمۈك تورى » مىسالى ۋەسىلىسى بىلەن « ئەنكەبۇت » سۈرىسى دەپ ئاتالغان. ئىكرىمەنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىجر 95 – ئايەت، مۇشرىكلارنىڭ بۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنى مەسخىرە قىلىشى سەۋەبىدىن نازىل بولغان. سۈرىنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنى مۇنداق تۆت نوقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ: مۇتلەق كۆپ سانلىق مەككىدە نازىل بولغ ...

داۋامى

رۇم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 رۇم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى رىم – پارس ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان نوپۇز دائىرىسى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۆجىزىۋى بىر خەۋەر بايان قىلىنغان بىرىنچى ئايەتكە ئاساسەن، سۈرىگە « رۇم » ئىسمى بېرىلگەن. ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا « رۇم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان ( تىرمىزى، تەپسىر، 3190 ). سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇنى ...

داۋامى

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش