سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەسەرلىرىمىز » رامىزان يازمىلىرى (بەتلەر: 3)

قۇرئاننى يۈزدىن ئەمەس، يۈرىكىدىن ئوقۇش

قۇرئاننى يۈزدىن ئەمەس، يۈرىكىدىن ئوقۇش رامىزاننىڭ ئۇلۇغلىقىدىن رامىزاندا ھەر مەھەللىدە قۇرئان مۇقابىلىسى ( بىر ئوقۇسا، يەنە بىرسى كىتاپقا قاراپ ئاڭلاپ بېرىش ) باشلىنىدۇ. ھەر تەرەپنى قۇرئان تىلاۋىتى قاپلايدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ. كۆرۈنىدىغان، كۆرۈنمەيدىغان شۇنداق شەيتانلاركى، ھەممىسى توپ توپى بىلەن باغلىنىدۇ. ئىنسان سىياقىدىكى گالاستۇك تاقىۋالغانلار، تاراتقۇلاردىكى، گېزىتلاردىكى، پۇقرا سىياقىدىكى، رەسمىي ئور ...

داۋامى

رامىزان، ئەگەر ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ بولالمايتتى

رامىزان، ئەگەر ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ بولالمايتتى ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ. ﺑﯘ ﻛﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺮ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﺯﯦﮭﯩﻦ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ. ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺑﯘ ﻛﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ...

داۋامى

ئەي تالىب – قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن رامىزاننى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال!

ئەي تالىب - قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن رامىزاننى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال! خەندەكتە، سۆيۈملۈك نەبىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان بىر توپ مۇسۇلمان ئاچ قورساق ھالەتتە خەندەك كولاۋاتاتتى. بەزى ئورەكلەردىن قورام تاشلار چىقاتتى. ئالەملەرگە رەھمەت بولغان سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز بىردەم ئۇ خەندەكنىڭ يېنىغا، بىردەم بۇ خەندەكنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرسە، يەنە بەزىدە بازغاننى قولىغا ئېلىپ قورام تاشلارنى پارچىلاشقا ياردەملىشە ...

داۋامى

« كۇپرىغا قارشى روزامنى بۇزسام، كاپارىتىم جەھەننەم بولسۇن! »

« كۇپرىغا قارشى روزامنى بۇزسام، كاپارىتىم جەھەننەم بولسۇن! » گويا سامادىن ئۇزانغان بىر قول، دۇنيانىڭ يېتىمى ئەڭ كۆپ، ئىگە - چاقىسىزلىرى ئەڭ تولا ئائىلىنىڭ بېشىنى سىلاپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، يارىلىرىنى تېڭىۋاتقاندەك... رامىزان ئىقلىمى شۇ تۇپراقلارغا ئېلىپ كەلگەن ھاۋا دىماقلىرىڭىزغا ئۇرۇلۇۋاتامدۇ؟ تاشلار باغلىنىپ ئىتلار قۇيۇۋېتىلگەن بۇ ئەلدە، بىر ئاي بولسىمۇ شەيتانلار باغلىنىپ پەرىشتىلەر ئەركىن ھەرىكەت قىلىد ...

داۋامى

ئايلار سۇلتانى كەلدى، لېكىن كۆڭۈل سارىيىم خانىۋەيران

ئايلار سۇلتانى كەلدى، لېكىن كۆڭۈل سارىيىم خانىۋەيران رامىزاننى ئايلار سۇلتانى قىلغان، ۋەھىينىڭ ئۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىشى ئىدى. رامىزاننى قۇرئان ئېيى دەپ بىلىپ تەسەۋۋۇر، ئەقىل، شەخسىيەتنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىش، رامىزان بىلەن يۈزەكى ئەمەس، ماھىيەت جەھەتتىن ئالاقە ئورناتقانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ۋەھىي- ئىنساننى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىلاھىي تەربىيە ...

داۋامى

رامىزان شاھىت بولسۇن!

رامىزان شاھىت بولسۇن! ۋاقىت، پۈتۈن يارىتىلىشنى مەنىگە ئىگە قىلغان ئۆزگىچە يارىتىلىش / مەخلۇقتۇر. شۇڭا قۇرئان كۆپىنچە ئەھۋالدا ۋاقىتنىڭ ئوخشىمىغان تىلىملىرىنى شاھىت قىلىپ قەسەم قىلىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن « ھايات » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىتقا ئىنساننىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، قۇرئان ۋاقىت ئۈستىدە بۇنچە كۆپ قەسەم قىلىدۇ ۋە جاپا تارتماي ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىرى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتقا دىققى ...

داۋامى

خوش كەلدىڭ، ئەمما خوش ھالەتتە تاپمىدىڭ

خوش كەلدىڭ، ئەمما خوش ھالەتتە تاپمىدىڭ   ئەي رامىزان! ئەي « مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق بىر خەيىرلىك كېچىنى » باغرىدا ساقلىغان ئاي! ئەي قۇرئان توغۇلغان ئاي، ئايلارنىڭ ئىچىدە بەكراق گۈل پۇرايدىغان ئاي! ئەي ۋەھىنىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى ھاۋاسىنى ھاياتقا، مۇھەممەدنى ئەبەدىي سۆيگۈگە، مەۋجۇتلۇق مەنىسى ئاللاھ تىن يىراقلاشقانسېرى مەنىسىنى يوقاتقان دەۋرگە، ئنسان يوقۇتۇپ قويغان ئادەمىيلىك، رەھمەت، بەرىكەت، خەيىرى - ئېھسان ...

داۋامى

شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ رامىزان

شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ رامىزان رامىزان، ئاللاھ بېكىتكەن كۈنتەرتىپتىن بىرى. مۇئمىنلەردىن بىر ئاي بويىنچە ئۇششاق ياكى كۈندىلىك مەسلىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن كۈنتەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رامىزان، ئىچكى دۇنيانى بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىكىدۇر. رامىزان، ئىنسان دائىما سەل قارىغان ئىچكى دۇنياسىغا ئاتلىنىدىغان سەپەر ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر پەيت. رامىزان، نەفسنى تەربىيە، روھنى پ ...

داۋامى

رامىزان بىر پۇرسەت

رامىزان بىر پۇرسەت « ئى مۇئمىنلەر! ( گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار / ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ھېس قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە ( يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ ( رامىزان روزىسى ) پەرز قىلىندى » ( بەقەرە، 183 ). شۇنداق رامىزان ئەسلىدىنلا مۇبارەك ئىدى. مەن يەنىلا « رامىزانىڭىز مۇبارەك بولسۇن! » دەيمەن. « خوش كەلدىڭ ئەي رامىزان ئېيى » دەيمەن، رامىزان دائىما خو ...

داۋامى

كەلدى يەنە گۈل مەۋسۈمى

كەلدى يەنە گۈل مەۋسۈمى ئاشق تۇپراققا دېدىكى: ئاجايىپ ئىش، ئەتىرگۈل پۇرايسىنا! سېنىڭ ئەسلى ھىدىڭ بۇ ئەمەس، سەن بۇ پۇراققا قانداق ئېرىشتىڭ؟ تۇپراق دېدىكى: مەن بىر گۈلنىڭ تۇپرىقى. ئۇ خوشپۇراق مەندىن ئەمەس، گۈلدىن كەلدى. گۈلنىڭ توپىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى ماڭا سىڭدى. شۇڭا گۈل پۇرايمەن. يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت زېمىستاننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ گۈلىستاننى، « كەنەفىستان ( ھاجەتخانا ) » ھالىغ ...

داۋامى

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش